□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو لىڭ
9 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنىدىن 26 ـ كۈنىگىچە، بېلگىيەدىكى جۇڭگو بىلەن دوستانە ئۆتىدىغان ئالتە نەپەر مۇستەقىل تاراتقۇ زاتى شىنجاڭغا كېلىپ، ئۈرۈمچى، قەشقەر، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردىكى مۇزېي، بازار، مەسچىت، يېزا ھەمدە كارخانىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، شىنجاڭنىڭ خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال ـ خۇرام ئىشلەۋاتقان، ئىناق بىللە ئۆتۈۋاتقان، جەمئىيەت مۇقىم، مەدەنىيەت گۈللەنگەن ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدى.
«بېلگىيەدە نۇرغۇن كىشى شىنجاڭنى چۈشەنمەيدۇ، لېكىن ھازىر بېلگىيەدە شىنجاڭنىڭ ئۈزۈمىنى سېتىۋالغىلى بولىدۇ، بۇ قېتىمقى سەپەردە بىز ئۈزۈم يۇرتىنىڭ تەسەۋۋۇرىمىزدىكىدىنمۇ ئاۋات ئىكەنلىكىگە گۇۋاھ بولدۇق.» ئۈرۈمچىدىكى سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن دوستانە ئۆتىدىغان تاراتقۇ «بۈگۈنكى جۇڭگو» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى ۋۇ شاۋسەي مۇنداق دېدى: مەن ئون نەچچە يىل ئىلگىرى ئۈرۈمچىگە كېلىپ باققانىدىم، ھازىرقى تەرەققىياتى ۋە ئۆزگىرىشلىرى مېنى ھەيران قالدۇردى.
قەشقەر ۋىلايىتىدە، تاراتقۇ ئۆمىكىدىكىلەر ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ قەشقەر شەھىرى كونا شەھەر رايونىنى قوغداش، ئۇنىۋېرسال تۈزەش خاتىرە سارىيى، قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ مەسچىتى، جۇڭگو شىنجاڭ مىللىي چالغۇلار كەنتى، قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى ھەمدە ئەتراپتىكى ناھىيە بازارلىرىدىكى كېۋەزلىكلەر قاتارلىق جايلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. شىنجاڭ پاختىسىنى كۆلەملەشتۈرۈپ، ماشىنىلاشتۇرۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىش مەنزىرىسىنى كۆردى، چوڭ كېۋەزلىكتە ئادەملەرنى ئاساسەن كۆرگىلى بولمايتتى، بۇ، جۇڭگو بىلەن دوستانە ئۆتىدىغان تاراتقۇ «تەكشۈرۈش ھەرىكىتى»نىڭ مۇھەررىرى دېدەنكېدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى، ئۇ مۇنداق دېدى: ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» باشقىچە غەرەزدىكى بوھتان چاپلاش ئىكەن. «مەن مەكتەپ، كۆرگەزمە سارىيى، بازار، دىنىي سورۇن، كېۋەزلىك، چوڭ ـ كىچىك كوچىلار ھەمدە ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئائىلىلىرىگە باردىم، شىنجاڭدىكى ھەممىلا جايدا ئىناقلىق ۋە بەختنى ھېس قىلغىلى بولىدىكەن.» دېدەنكې مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ دەرۋازىسى ئوچۇق ئىكەن، كۆپچىلىك «پەرداز»لانمىغان ھەقىقىي گۈزەل شىنجاڭنى بىۋاسىتە ھېس قىلدۇق.
«مېنىڭ شىنجاڭغا تۇنجى قېتىم كېلىشىم، ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگىنىم ۋە ھېس قىلغانلىرىم بېلگىيەدىكى بەزى خەۋەرلەردە كۆرگىنىمگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىكەن، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئىنتايىن تېز ئىكەن، بىز ئەينەن خەۋەر قىلىمىز» دېدى جۇڭگو بىلەن دوستانە ئۆتىدىغان تاراتقۇ «ئەتىكى دۇنيا»نىڭ مۇخبىرى دېمورد.
كۇچا شەھىرىدىكى كۈسەن كوچىسىغا كىرگەندە، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بىلەن زامانىۋى تۇرمۇش يۇغۇرۇلغانىدى، ئەگرى ـ بۈگرى كوچىلار، رەڭدار ۋە كۆركەم ياغاچ ئىشىكلەر، قىزغىن، شادىيانە ناخشا ـ ئۇسسۇللار... تاراتقۇ ئۆمىكىدىكىلەر يول بويى سۈرەتكە تارتىپ، ھەربىر گۈزەل پەيتنى خاتىرە قالدۇردى، يەنە شۇ جايدىكى پۇقرالارنىڭ تەكلىپى بىلەن بىرلىكتە شادىيانە ئۇسسۇلغا چۈشتى.
«ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ تېز، دىنلارنىڭ ئىناق ئىكەنلىكىدىن باشقا، بىز يەنە شۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ قىزغىنلىقىدىن ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى ھېس قىلدۇق. تۇرمۇش بەختلىك، خۇشال ـ خۇرام ئۆتكەندىلا، ئىشەنچ ئۆزلۈكىدىن ئىپادىلىنىدۇ، بىز شىنجاڭ خەلقىنىڭ روھىي قىياپىتىنى دۇنياغا سۆزلەپ بېرىمىز» دېدى جۇڭگو بىلەن دوستانە ئۆتىدىغان تاراتقۇ «ئەتىكى دۇنيا» تور بېكىتىنىڭ مەسئۇلى گابرىئېل يانىڭ.
ئېكسكۇرسىيە ـ زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، بېلگىيەدىكى جۇڭگو بىلەن دوستانە ئۆتىدىغان مۇستەقىل تاراتقۇ زاتلىرى يەنە ئالاقىدار ئورۇنلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. تاراتقۇ ئۆمىكى ئەزالىرى بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭدا كۆرگەن ـ ئاڭلىغانلىرىمىز بەزى غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلغىنىغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىكەن، بۇ قېتىمقى سەپەردە كۆرگەن ـ ئاڭلىغانلىرىمىز ئارقىلىق ئالاقىدار يالغان سۆزلەرگە رەددىيە بېرىمىز.