□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ تىڭ
كېچىچە شارىلداپ ياغقان كۈز يامغۇرى توختىغان بولۇپ، يىراقتىكى تاغ تىزمىلىرىنى تۇمان قاپلىغانىدى. كۈز كۈنلىرىدىكى تاڭ قۇياشىنىڭ ئاستا ـ ئاستا كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، تاغ ئارىسى ئاستا ـ ئاستا ئىللىشقا باشلىدى. «مۆ، مۆ، مۆ»، «مە، مە، مە»... قوي ـ كالىلارنىڭ ئاۋازى ئۇيقۇغا پاتقان كەنتنى ئويغاتتى.
بۇ جاي بۇرچىن ناھىيەسى قۇمقاناس موڭغۇل يېزىسىنىڭ قۇم كەنتى.
10 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى سائەت 9دا، باتسېرىن ئىككى باغلام يەم ـ خەشەكنى كۆتۈرۈپ، ئاستا قەدەم بىلەن لاپاستىن چىقىپ، قوي ـ كالىلارغا يەم ـ خەشەك بەردى. قوي ـ كالىلار بەس ـ بەستە ئولىشىپ كېلىپ، بىر تەرەپتىن ئوت ـ چۆپ يېسە، بىر تەرەپتىن ئىللىق قۇياش نۇرىدىن ھۇزۇرلاندى.
ھازىر قار پەسلى يېتىپ كېلەي دەپ قالدى، بۇ كۈنلەردە باتسېرىن ئائىلىسىنىڭ ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش، چارۋىلارنىڭ يەم ـ خەشىكىنى يېتەرلىك تەييارلاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، ئۆيىنىڭ ئەتراپىدىكى چاڭغا تېيىلىش مەيدانىغا بېرىپ ئىشلەشكە تەييارلىق قىلىۋاتاتتى.
بۇ يىل 28 ياشقا كىرگەن باتسېرىن قار تېيىلىش مەيدانىدىكى قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش ئەترىتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، قار تېيىلىش مەيدانىدا ئىشلەۋاتقىنىغا ئۈچ يىلدىن ئاشتى.
«قار يولىنى چارلاپ تەكشۈرۈش بىزنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرىمىزنىڭ بىرى، ھەر كۈنى ئەتىگەندە، بىز قار تېيىلىش مەيدانىدىكى بارلىق قار يوللىرىنى بىر قېتىم چارلاپ تەكشۈرۈپ، بارلىق بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى بىر تەرەپ قىلىمىز. قار يولى يېنىدىكى رېشاتكا، سوقۇلۇشتىن ساقلىنىش سېلىنچىسى قاتارلىق مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىمۇ بىزنىڭ قولىمىزدىن چىقىدۇ، بۇ ئەسلىھەلەرنى قۇراشتۇرۇش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشتىن باشقا كۈندىلىك ئاسراشمۇ ئىنتايىن مۇھىم» دېدى باتسېرىن.
30 كىشىدىن تەشكىللەنگەن بۇ قار تېيىلىش چارلاش ئەترىتى ئەزالىرىنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 24 ياشقا يەتمەيدۇ، ھەربىر ئادەم كۈنىگە سىرتتا ئاز دېگەندە ئون سائەت ئىشلەيدۇ، تېيىلىش ئارىلىقى 50 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ.
«قار تېيىلىش تۇرمۇشۇمنىڭ بىر قىسمى، مەن بۇ كەسىپنى بەك ياخشى كۆرىمەن.» ئۆزىنىڭ كەسپى تىلغا ئېلىنغاندا، باتسېرىن كۈلۈمسىرىدى.
جىكپۇلىن خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى قۇمقاناس موڭغۇل يېزىلىق ھۆكۈمەت بىلەن بولغان ئارىلىقى ئون كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا قۇرۇلغان بولۇپ، تاغ باغرىدىكى قۇم كەنتى باتسېرىن تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان جاي. بۇ يەرنىڭ قىش پەسلى ئۇزاق بولۇپ، قار يېغىش مەزگىلى يېرىم يىلدىن ئاشىدۇ، شۇ جايدىكى چارۋىچىلارغا ئوخشاش باتسېرىن كىچىكىدىن تارتىپلا تاغ باغرىدا قار تېيىلىشنى ياخشى كۆرەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: قىشتا بالىلارنىڭ بىردىنبىر كۆڭۈل ئاچىدىغان ئويۇنى تېرە چاڭغىدا قار تېيىلىش.
باتسېرىن ئالىي تېخنىكومنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن ھەربىي قىسىمغا قاتنىشىشنى تاللىدى، لېكىن ئۇنىڭ قەلبىدە ئىزچىل بىر قار ـ مۇز ئارزۇسى بار ئىدى. 2015 ـ يىلى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىلتىماس قىلدى، ئىلگىرى ھېچكىم سوراپمۇ قويمايدىغان بۇ «سوغۇق بايلىق» شۇنىڭدىن ئېتىبارەن «قىزىپ» كەتتى. باتسېرىن ئۆز ھاياتىدا مۇشۇ سەۋەبتىن ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.
قار تېيىلىش تەنھەرىكىتىنىڭ گۈللىنىشىگە ئەگىشىپ، 2021 ـ يىلى، زامانىۋىلاشقان، ئۆلچەملەشكەن قار تېيىلىش مەيدانى قۇمقاناس موڭغۇل يېزىسىغا ماكانلاشتى، قار تېيىلىش مەيدانىغا ئادەم قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، ھەربىي قىسىمدىن چېكىنگەن باتسېرىن قار تېيىلىش مەيدانىغا كېلىپ خىزمەت ئىزدەشنى تاللىدى.
«قار تېيىلىش مەيدانىدا تەربىيەلەش مەكتىپى بار، قار تېيىلىش تېخنىكىسىنى ئۆگەنگىلى بولىدۇ، دوستۇم مېنى تىزىملىتىشقا ئېلىپ باردى.» باتسېرىن مۇنداق دېدى: مەن ناھايىتى تېزلا ئۆگىنىۋالدىم، تېخنىكا سەۋىيەممۇ تېز ئۆستى، ئاخىردا قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش ئەترىتىنىڭ ئەزالىق سالاھىيەت كىنىشكىسىگە ئېرىشتىم. مەن قار تېيىلىش مەيدانىدىكى خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يىغىنىدا، ئۆز كەسپىي قابىلىيىتىمگە تايىنىپ، ئارزۇيۇمدىكىدەك ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم.
«قاراڭ، بىزنىڭ بۇ يەردىكى تىرېنېرلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەمەلىيەتتە قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى ئىدى، ئۇلار ئەسلىدە ئەلا سۈپەتلىك قار تېيىلىش مەيدانلىرىنى ھېس قىلىش ئۈچۈن كەلگەنىدى، نەتىجىدە بۇ يەرنى ياقتۇرۇپ قالدى ھەم قار تېيىلىش تىرېنېرى بولدى.» باتسېرىن مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت قىشلىق ساياھەتكە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىۋاتىدۇ، بۇ ئىككى يىلدا قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ تەرەققىياتىدا زور ئۆزگىرىش بولدى. قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن يېڭىدىن قار تېيىلىش يوللىرى كۆپەيتىلدى، ھەر يىلى خىزمەتچى خادىملارمۇ تەربىيەلىنىدۇ.
گەرچە قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش ئەترىتىنىڭ خىزمىتى ھەر ۋاقىت ھەر خىل ناچار ھاۋارايى ۋە كۈتۈلمىگەن خەۋپ ـ خەتەرلەرگە دۇچ كەلسىمۇ، لېكىن قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىنىڭ بىخەتەر ھالدا قار تېيىلىش خۇشاللىقىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش باتسېرىن ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرىنى مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسىغا چۆمدۈردى. ئۇنى تېخىمۇ خۇشال قىلغىنى شۇكى، ئۆزىنىڭ يۇرتىدا قار ـ مۇز كەسپى سەۋەبىدىن زور ئۆزگىرىش بولدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قار ـ مۇز تەنھەرىكىتى سىجىل جانلىنىپ، ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتقان قار تېيىلغۇچى ساياھەتچىلەر كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى، ئائىلىۋى مېھمانخانا، ئاشخانا، ساياھەت سۈرىتى تارتىش، قەھۋەخانا قاتارلىقلار تەدرىجىي كۆلەملەشتى، باتسېرىننىڭ ئايلىق كىرىمى 5000 ـ 6000 يۈەن بولدى. ئۇ سىرتقا چىقىپ ئىشلىمىسىمۇ بولىدىغان بولدى، ئىشىك ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئۇنى بەخت تۇيغۇسىغا چۆمدۈردى.
ئۇ قىشتا قار تېيىلىش مەيدانىدا قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش خادىمى بولسا، يازدا نېمىگە تايىنىپ پۇل تاپىدۇ؟
«يازدا كېلىدىغان ساياھەتچىلەر تېخىمۇ كۆپىيىدۇ، مەن قۇمقاناس مەنزىرە رايونىدىكى ئات ئەترىتىگە بېرىپ ئىشلەپ، ساياھەتچىلەرنى ئات ئىجارىگە بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيمەن، ساياھەتچىلەر ئات مىنسە، مەن ئات يېتىلەشكە مەسئۇل بولىمەن، يەنە ئۇلارغا ئەتراپتىكى مەنزىرە نۇقتىلىرىنى تونۇشتۇرىمەن، ئۇلارنى سۈرەتكە تارتىپ قويىمەن. بىر قېتىم ئايلاندۇرۇپ كەلگەندىن كېيىن ساياھەتچىلەر بىلەن ياخشى تونۇشۇۋالىمەن، ئۇلار يەنە باشقا ساياھەتچىلەرنى ماڭا تونۇشتۇرۇپ قويىدۇ.» باتسېرىن كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: ياز پەسلىدە ھەر ئايدا 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىمەن.
بۈگۈنكى كۈندە، قار ـ مۇز كەسپىدە «ئىسسىقلىق تەسىرى»نىڭ سىجىل قويۇپ بېرىلىشى ئارقىلىق باتسېرىنغا ئوخشاش نۇرغۇن ياش يۇرتىغا قايتىپ، «قاردا ئالتۇن قېزىش»تىن ئىبارەت بېيىش يولىنى تېپىپ چىقتى.
باتسېرىن مۇنداق دېدى: ئىلگىرى كۆپچىلىك قار يېغىشتىن، ئۆيدە بىكار قېلىشتىن قورقاتتى. ھازىر كۆپچىلىك قار يېغىشنى، ئاپئاق قارنى «كۈمۈش»كە ئايلاندۇرۇپ، بىرلىكتە تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ.