□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى
ئۇدا بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار ئارقا ـ ئارقىدىن يىغىن ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا كەم ـ كوتسىز تۈرتكە بولۇپ، ئۆز ئەمەلىيىتىمىزگە بىرلەشتۈرۈپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ھەقىقىي تۈردە مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمىز.
ئالتاي ۋىلايىتى:
دىققەتنى تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىنى تولۇق مۇستەھكەملەيمىز
3 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى، ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى يىغىنىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى مەخسۇس تېمىدا يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، ۋىلايەتنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى ئاچقۇچلۇق ساھەلەرنىڭ خىزمەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋالدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: بۇ يىللىق خىزمەتلەرنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، سىياسەت يۆنىلىشى ۋە نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئاكتىپ ئامىللارنى تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە ئايلاندۇرۇپ، «14 ـ بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاپ، «15 ـ بەش يىل»نى باشلاشقا ياخشى ئاساس سېلىشىمىز كېرەك. كونكرېت تەدبىرلەر: دۆلەتنىڭ ماكرولۇق سىياسىتىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش، تەڭشەشنى كۈچەيتىپ، «ئىككى مۇھىم» «ئىككىنى يېڭىلاش» خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىستېمالنى جانلاندۇرۇش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىپ يۈكسىلىش ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە كۈچەيتىش؛ پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە تۈرتكە بولۇپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، كەلگۈسى كەسىپلەرنى ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئالتاينىڭ خاس، ئەۋزەللىكىگە ئىگە زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش؛ چوڭقۇر قاتلاملىق ئىسلاھات ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىدە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، چېگرا بويى رايونلىرىنى ئېچىۋېتىش يېڭى ۋەزىيىتى يارىتىش؛ يېڭىچە شەھەر ـ بازارلاشتۇرۇشنى يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن بىرتۇتاش پىلانلاپ، خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىنى تولۇق مۇستەھكەملەپ، 2025 ـ يىللىق «خەلق تۇرمۇشىغا ئائىت ئون ئەمەلىي ئىش»نى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
تۇرپان شەھىرى:
كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، ئىككى يىغىن روھىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولىمىز
3 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى، تۇرپان شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى مۇھاكىمە قىلدى، ئالاقىدار قارالمىلارنى قاراپ چىقتى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن «14 ـ بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىلدا، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىلىدىغان ئاچقۇچلۇق يىلدا ئېچىلغان مۇھىم يىغىن. ئۆگىنىشنى ياخشى تۇتۇپ، پۈتۈن شەھەردىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى كۆپ خىل شەكىلدە، كۆپ قاتلاملىق، تولۇق قاپلىغان ئۆگىنىش، مۇھاكىمىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، روھىي ماھىيىتىنى ئۆزلەشتۈرۈشىمىز كېرەك؛ تەشۋىقاتنى ياخشى تۇتۇپ، ئىككى يىغىننىڭ روھىنى ئورگان، يېزا، مەھەللە، مەكتەپ، كارخانا قاتارلىقلارغا كىرگۈزۈشكە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك؛ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، تۈرلۈك سىياسەتلەرنى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، بىر تۈركۈم يېتەكلەش خاراكتېرى كۈچلۈك، تۈرتكىلىك خاراكتېرى كۈچلۈك بولغان خىزمەت تۇتقىسى ۋە چوڭ ـ چوڭ تۈرلەرنى پىلانلاشنى تېزلىتىپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مائارىپ، پەن ـ تېخنىكا، ئىختىساسلىقلارنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «مائارىپنى گۈللەندۈرۈش» قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشىمىز كېرەك. «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئۈچ يىل» پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارغا پائال يار ـ يۆلەك بولۇشىمىز كېرەك. ھەرقايسى ئالاقىدار ئورۇنلار تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن تۇنجى پەسىلدە تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، «14 ـ بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىشىغا پۇختا ئاساس سېلىشى كېرەك.
ئاقسۇ ۋىلايىتى:
ئىشەنچنى چىڭىتىپ تەرەققىياتنى كۆزلەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەيمىز
3 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى ئەزالىرى(كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەركەز، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ھۆججەتلىرىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئالاقىدار قارالمىلار قاراپ چىقىلدى، يېقىنقى مەزگىلدىكى خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئىشەنچنى چىڭىتىپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، 1 ـ پەسىلدە تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش ھەم پۈتۈن يىللىق نىشاننى يۇقىرى ئۈنۈملۈك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. دۆلەتنىڭ تۈرلۈك سىياسەتلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ھەقىقىي تۈردە سىياسەت پايدىسىنى يۇقىرى سۈپەت، يۇقىرى ئۈنۈمدە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئېشىش مىقدارىغا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. «ئون چوڭ كەسىپ توپى»نى چۆرىدەپ، تۈرلەرنى پائال زاپاس ساقلاپ، تۈرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن سېلىنمىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە ئىككى تەرەپتىن تەڭ تۇتۇش قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ بايلىق ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشىمىز كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، ئەشيا ئوبوروتى بىلەن پورت قۇرۇلۇشى پۇرسىتىنى ئىگىلەپ، چوڭ ـ چوڭ قاتناش تۈرلىرى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، شىنجاڭغا كىرىپ چىقىدىغان قاتناش ـ تىرانسپورت تورىنى زىچلاشتۇرۇشىمىز كېرەك. باشلامچى، تايانچ يۈك تىرانسپورت كارخانىلىرى بىلەن چوڭ تىپتىكى ئەشيا ئوبوروتى كارخانىلىرىنى پائال يېتىلدۈرۈپ، تىرانسپورت كەسپىدىكى ئاچقۇچلۇق ئامىللارنى بىرىكتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئوبوروت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، ۋىلايەتنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پۈتۈن مەملىكەت بازىرىغا يۈزلەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك.
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى:
ئىككى يىغىن روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىستىل قۇرۇلۇشى ئاساسىنى پۇختىلايمىز
3 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ «پۈتۈن پارتىيەدە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش ـ تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»ىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا بىر تەرەپتىن، ئەينەن ئۆگىنىپ، قايتا ـ قايتا تەتقىق قىلىپ ئوقۇپ، ئۆگەنگەننى ئىشلىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ھەر خىل تەشۋىقات شەكلى ۋە ۋاسىتىلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى تەدبىرلەرنى ياخشى يېشىپ چۈشەندۈرۈشىمىز كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، لېكسىيە ئۆمىكىنى تۈرگە ئايرىلغان لېكسىيەنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ساداسىنى ئاساسىي قاتلامغا كەڭ يەتكۈزۈشىمىز كېرەك. ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانىدا، باشلىنىش نۇقتىسىنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ دەل جايىدا تېپىپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىقتىسادنىڭ ماسلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، خاس كەسىپلەرنى زورايتىپ، ئىسلاھات ـ ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىمىز كېرەك. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش ـ تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئۆگىنىش ـ تەربىيەسىنى مەركىزىي خىزمەت، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش، كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈكلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.
خوتەن ۋىلايىتى:
ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز
3 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى، خوتەن ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى ئەزالىرى (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى ھەم ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پۈتۈن ۋىلايەتتىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تەشۋىق قىلىش، لېكسىيە سۆزلەشنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، قويۇق ئاممىۋى پىكىر كەيپىياتى يارىتىپ، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى مىڭلىغان ـ تۈمەنلىگەن ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەدىن مىننەتدار بولۇش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلىشى كېرەك. كونا ئۆرپ ـ ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، زامانىۋى مەدەنىيلىككە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشنىڭ ئاچقۇچى قىلىپ، سىرتقا چىقىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇلازىمەت كاپالىتىنى ياخشى قىلىشى كېرەك. ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ، زىددىيەت ـ ماجىرالارنى ھەل قىلىشى كېرەك. مەۋقەنى بايلىق ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، ياخشى تىجارەت ـ سودا مۇھىتى يارىتىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىشى كېرەك. يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش ـ تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ناتوغرا ئىستىللارنى تۈزەپ، گۈزەل خوتەننى ئورتاق قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.
(مۇخبىر جاڭ تىڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار پەرىزات ئابدۇل، جاڭ رۇيلىن، ئىختىيارىي مۇخبىرلار چاڭ يىرۇ، لى يەنچياڭ، خۇ شياۋشياۋ، كۇلاش، خۇ لىجېڭ)