گېزىتىمىز، كورلا، 3 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ: 3 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ 2025 ـ يىللىق ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى يىغىنى كورلا شەھىرىدە ئېچىلدى. يىغىندا بۇ يىللىق ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى تەھلىل قىلىنىپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ تەجرىبە، ئۇسۇللىرى يەكۈنلەندى ۋە ئالماشتۇرۇلدى، ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە يېزا ئىگىلىكى ـ يېزىغا دائىر تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلەر بويىچە سەپەرۋەر قىلىندى ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى چېن ۋېيجۈن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىنغا قاتناشقان خادىملار بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، بىڭتۇەن 2 ـ شىدىكى بەش يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش نەق مەيدانىنى كۆزدىن كەچۈردى. بايىنغولىن ئوبلاستى، بىڭتۇەن 2 ـ شى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھازىر ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىقىنىڭ ئالتۇن مەزگىلى، ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تېز، بالدۇر تۇتۇپ ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەرقايسى جايلار كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، ئاشلىق، ياغ ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىرلىك ھوسۇلنى ئاشۇرۇش تېخنىكىسىنى كېڭەيتىشكە كۆپ نۇقتىدىن كۈچەپ، پاختا ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، ئەتىيازلىق ئېتىز پەرۋىشىنى ئىنچىكە، ياخشى تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، 2 ـ نۆۋەتلىك يەر ھۆددىگەرلىك مۇددىتىنى ئۇزارتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، مەركەزلىك تۈزەشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، دېھقانچىلىق ۋاقتىنى قولدىن بەرمەي، ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى تەشەببۇسكارلىق جېڭىنى ياخشى قىلىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: دىققەتنى قىيىن نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، توسۇق نۇقتىلارنى راۋانلاشتۇرۇپ، چارۋىچىلىقنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، شەھەر ـ يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ يېزا ئىگىلىك پەن ـ تېخنىكىسى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېز تۈرتكە بولۇش كېرەك.
مۇقىيات جارمۇقامەت، ۋاڭ گاڭ، لى يۇڭخۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.