□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خې جياڭ
قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى تېخى ئالتايدىكى «توزغاقسىمان قار جەننىتى»دىن مېھرىنى ئۈزەلمەيۋاتقاندا تۇرپان ھال رەڭ ئۆرۈك چېچىكىگە قاپلاندى. 3 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى، «شىنجاڭدىكى تۇنجى باھار . چېچەككە پۈركەنگەن تۇرپان» تېمىسىدىكى 2025 ـ يىللىق تۇرپان ئۆرۈك چېچىكى پەسلى مەدەنىيەت ـ ساياھەت پائالىيىتى ھەم توقسۇن ناھىيەسىنىڭ 8 ـ نۆۋەتلىك ئۆرۈك چېچىكى پەسلى پائالىيىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۆرۈك چېچىكى پەسلى» دېيىلىدۇ) توقسۇن ناھىيەسىدە داغدۇغىلىق باشلاندى. شۇ تاپتا توقسۇن ناھىيەسىنىڭ شا بازىرى نەخۇل كەنتىدە، شاخلىرىنى كېرىپ تۇرغان ھەربىر تۈپ ئۆرۈك دەرىخىدىكى ھال رەڭ يەڭگىل چېچەك بەرگىلىرى قىش بىلەن ئەتىيازنى تۇتاشتۇرۇش بۇرچىنى زىممىگە ئالغانىدى.
باھار سىمفونىيەسىنىڭ مۇقەددىمىسى
بۇ، بىر مەيدان تەييارلىق قىلغىلى يېرىم يىل بولغان قايتا ئۇچرىشىش بولدى. تۇرپان دېھقانلىرى ئۆرۈك شاخلىرى ئارىسىدا قايچىلىرىنى ئويناتقىنىچە ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى، ئۆرۈك چېچەكلىرى ئۇيقۇدىكى كېپىنەك قورچىقىدەك جىمجىت ھالدا قاسراقنى يېرىپ چىقىش كۈچىنى توپلاۋاتاتتى. 3 ـ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، تۈمەنلىگەن ھال رەڭ چېچەكلەر بىردىنلا ئېچىلىپ، 10 مىڭ مو ئۆرۈكلۈكنى بىپايان گۈللۈك گىلەمگە ئايلاندۇردى. دۆلەت يولىدا ئاپتوموبىل ئېقىمى ئەگرى ـ بۈگرى دەريادەك سوزۇلۇپ، ھاۋادىكى چېچەكنىڭ سۇس خۇش ھىدى بىلەن موتورنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازى گىرەلىشىپ، شىنجاڭغا تەۋە بولغان «ئەتىياز پەسىللىك يايلاق كۆچۈش» مارشىنى ياڭراتتى.
يىپەك يولىدىكى مۇقەررەر ئۆتىدىغان جاي بولۇش سۈپىتى بىلەن، تۇرپاندىكى ئۆرۈك چېچىكى قەدىمدىن تارتىپلا مەدەنىيلىك ئۇچرىشىشىنىڭ گۇۋاھچىسى بولۇپ كەلدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ يېڭى رىۋايەتلەرنى بارلىققا كەلتۈرمەكتە: ئۆرۈك چېچىكى پەسلى باشلانغان كۈنى، توقسۇن ناھىيەسى 300 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىشنى مۆلچەرلىدى. دېھقانلار ئارامگاھىنىڭ لوبىنى ۋاڭ شياۋلۇڭ سەھەردىلا داش قازىنىنى ئاستى، نەچچە يۈز كىشىلىك پولۇنىڭ مەززىلىك ھىدى ئۆرۈكلۈكنى قاپلىدى؛ كەشتىچى ھۈنەرۋەن تۇنىيازخان نەزىم 40 نەچچە كەشتە بۇيۇمىنى ئۆرۈك دەرىخى ئاستىدىكى يايمىسىغا تىزدى، يىپەك يىپ ۋە گۈل بەرگىلىرى باھار شامىلىدا بىرلىكتە ئۇسسۇلغا چۈشتى؛ ئېلېكتىرونلۇق سودا رىياسەتچىلىرى ئۆرۈكلۈك باغنى ئايلاندى، بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىدە «شىنجاڭنىڭ تۇنجى ئۆرۈكى»نى زاكاز قىلىش مىقدارىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. 20 كۈن داۋاملىشىدىغان بۇ مەيدان چېچەك سەيلىسىدە، 900 مىليون يۈەنلىك ساياھەت ئىستېمالىغا تۈرتكە بولۇش مۆلچەرلەندى.
«بۇ، قىشلىق، ئەتىيازلىق مەدەنىيەت ـ ساياھەتنىڭ يوچۇقسىز جىپسىلاشتۇرۇلۇشى» دېدى تۇرپان شەھەرلىك مەدەنىيەت ـ تەنتەربىيە ـ رادىيو ـ تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ياڭ يۇڭ. 2024 ـ يىلى 11 ـ ئايدىن باشلاپ، تۇرپان شەھىرى قىش پەسىللىك ساياھەتنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ئېلان قىلىش، قىش پەسىللىك ساياھەت سەرخىل لىنىيەلىرىنى يولغا قويۇش قاتارلىق بىر قاتار تەدبىرلەر، بولۇپمۇ ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا قانات يايدۇرۇلىدىغان «يېزا ئىگىلىكى، مەدەنىيەت ـ ساياھەت» باش تېما پائالىيىتى ئارقىلىق، ساياھەتچىلەرنى ئېلىپ قېلىپ، ساياھەتچىلىكتىكى ئەنئەنىۋى كاسات پەسىلنى «ئىللىق قىش»قا ئايلاندۇردى.
شىنجاڭ ئەيۋەنكې خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى لى خۇينىڭ ھېسابات دەپتىرى بۇ خىل قىزغىنلىقنى ئىسپاتلىدى: «ئۆرۈك چېچىكى پەسلىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ كۈنىدىلا 4000دىن ئارتۇق ئادەم تىزىملاتتى، ئۈرۈمچى، سانجى، شىخەنزىدىن كېلىدىغان ساياھەتچىلەر كۆپ ساننى ئىگىلىدى.» نەنخۇ كەنتىدىكى دېھقان ئەشرەپ ھېسامىدىننىڭ ئاددىي ھېسابات دەپتىرىدە مۇنداق خاتىرىلەندى: ھەر يىلى چېچەك مەزگىلىدە ساياھەتچىلەرنى توشۇپ، 25 مىڭ يۈەن كىرىم قىلالايمەن.
كەسىپ بىلەن شەھەر بىرلىكتە ئۇسسۇلغا چۈشتى
سەككىز يىللىق تاۋلىنىش ئارقىلىق، «شىنجاڭدىكى تۇنجى باھار»نى داڭلىق ماركا قىلغان ئۆرۈك چېچىكى پەسلى «چېچەك سەيلىسى 1.0»دىن «كەسىپ 2.0»گىچە بولغان كېپىنەكسىمان ئۆزگىرىشنى تاماملىدى. بۇ يىلقى ئۆرۈك چېچىكى پەسلىدە، 70 نەچچە مەيدان مەدەنىيەت كاتتا زىياپىتى ئارقا ـ ئارقىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ، يىپەك يولىدىكى باھار ھېكايىسى ئوق سىزىقىنى ۋاقىتنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغىچە ئۇزارتتى.
توقسۇن ناھىيەسى ئون ئىككى مۇقامنىڭ لەرزان مېلودىيەسى بىلەن كۇنچۈ تىياتىرىنىڭ مۇڭلۇق ئاھاڭىنى گىرەلەشتۈرۈپ، زامان ـ ماكاندىن ھالقىغان مەدەنىيەت سۆھبىتىنى نامايان قىلدى؛ ئىدىقۇت رايونى «يارغولنى كېچىدە سەيلە قىلىش» تۈرىنى يولغا قويۇپ، مىڭ يىللىق قەدىمىي شەھەرنى چىراغ نۇرى سەنئىتىدە يېڭى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلدى؛ پىچان ناھىيەسى لەپەر ئويناش ـ ئېيتىش بىلەن جيۇۋەن سەنخاڭزى زىياپىتىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئاڭلاشقا، ھۇزۇرلىنىشقا، ھېس قىلىشقا بولىدىغان چۆكۈش شەكلىدىكى كۆرۈنۈشنى بەرپا قىلدى... ئارقا ـ ئارقىدىن بارلىققا كەلگەن تېخىمۇ كۆپ يېڭى مەنزىرە نۇقتىلىرى ۋە كۆرۈنۈشلەرنى ھەتتا تۇرپانلىقلارمۇ «كۆرۈپ ئۈلگۈرەلمەي قالدۇق» دېيىشتى.
بۇ كۆڭۈل قويۇپ لايىھەلەنگەن چۆكۈش شەكلىدىكى ھېس قىلىش كۆرۈنۈشلىرى تۇرپان ساياھەتچىلىكىنىڭ «قىممەتنى چوڭقۇر قېزىش»قا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىۋاتقانلىقىنى، يەنى «بىر قېتىملىق داكا قىلىش»نى «سىجىل ھېس قىلىش»قا ئايلاندۇرۇپ، پۈتۈن رايون ساياھىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۇزاققىچە داۋاملىشىدىغان قۇۋۋەت قوشقانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.
بۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، «شىنجاڭدىكى تۇنجى باھار» ماركىسىنىڭ يىلتىز سىستېمىسى تۇرپاندىكى كەسىپلەرنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغىچە ئاستا ـ ئاستا ئۇزاردى. توقسۇندىن ئىبارەت بۇ مۇھىم سانائەت بازىرىدا، ساياھەتچىلىكنىڭ تۆھپە قوشۇش نىسبىتى سىجىل ئاشتى − 23 مىڭ دېھقان يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا ساھەدە ئىشقا ئورۇنلاشتى، خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى پۈتۈن مەملىكەتتە بازار تاپتى، ھەتتا ئۆرۈك شاخلىرىمۇ ئائىلىۋى مېھمانخانىلارنىڭ بېزەك ماتېرىيالىغا ئايلاندى. 1 مىليارد 300 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان جۇڭگو لۈفا شىنجاڭ خۇامېي شېڭدى تۇرپان شىئېردۇن مېھمانساراي توپى تۈرىدە ئىدىقۇت رايونىدا ئىش باشلاندى، كەلگۈسىدە يىلىغا 100 مىڭ ئادەم قېتىم يۇقىرى دەرىجىلىك مېھمانلار توپىنى كۈتۈۋېلىش ئىقتىدارىنى شەكىللەندۈرۈپ، پۈتۈن شەھەردىكى 524 ئائىلىۋى مېھمانخانا بىلەن بىرلىكتە «پىرامىدا» شەكلىدىكى ياتاق تورىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
باھار دولقۇنى سىمفونىيەسى
شىنجاڭلىقلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، باھارنى كۈتۈش تەبىئەت بىلەن بولغان بىر مەيدان پۈتۈشۈش. يېرىم يىلغا سوزۇلغان زىمىستان قىش كىشىلەرنى تاكى ئۆرۈك چېچەكلەپ شاخلار ئىرغاڭلىغانغا قەدەر ئىسسىق ئۆيىدىن چىقالمايدىغان قىلىپ قويىدۇ...
كەچلىك بازاردىكى كاۋاپدانلاردىن كۆتۈرۈلگەن ئىس ـ تۈتەكلەر ئارىسىدا ساياھەتچى شۇ جايدىكى ئاھالىلەر بىلەن بىرلىكتە مەززىلىك كاۋاپتىن ھۇزۇرلاندى؛ ئائىلىۋى مېھمانخانا ھويلىسىدا، ساياھەتچى دوۋيىندا بىۋاسىتە كۆرسىتىش قىلىپ تورداشلار بىلەن ئۆرۈك چېچىكى قىيامىنىڭ شېكەر نىسبىتى توغرىسىدا كەسكىن مۇنازىرىلەشتى، ئارقىدىنلا ئۇلار يان تېلېفون ئالبومىدىكى سۈرەتكە ئېلىۋالغان بەختلىك دەقىقىلىرىنى ئۆزئارا ھەمبەھرىلىدى ... تۇرمۇشتىكى بۇ كىچىك ئىشلار ئۆرۈك چېچىكى بەرگى چۈشكەن كارىز سۈيى ئېقىپ كەلگەندەك، ئاخىر تۇرپاننىڭ باھار خەۋىرىنى ئېلىپ كېلىدۇ − تەرەپ ـ تەرەپتىن كەلگەن مېھمانلار چېچەك ئېچىلىش مەزگىلىگە ئەگىشىپ يېتىپ كېلىدۇ، تەبىئەتنىڭ بۇ سوۋغىسى قاينام ـ تاشقىنلىققا چۆمگەن تۇرمۇشقا ئىللىق ھارارەت بېغىشلايدۇ.
«شىنجاڭدىكى تۇنجى باھار»نىڭ ئەھمىيىتى بۇرۇنلا چېچەك مەزگىلىنىڭ ئۆزىدىن ھالقىپ، شىنجاڭ تۇپرىقىدىكى بىر سىمفونىيەگە ئايلانغان. ئۇ خۇددى تۇرپاندىكى ئۆرۈك چېچەكلىرى ئەزەلدىن مەدھىيەلەشنى كۈتۈپ تۇرماي، دېھقانلارنىڭ يېرىلىپ كەتكەن ئالىقىنىدىكى سىزىقچىلار ئىچىدە ئېچىلغان چېچەككە، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ تەبەسسۇم جىلۋىلەنگەن چېھرىدە ئېچىلغان چېچەككە، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات دولقۇنىدا ئېچىلغان چېچەككە ئوخشايدۇ.