يېقىندا، خىزمەتچى خادىم شىنجاڭ يىخۇا سولياۋچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا ئۈسكۈنىلەرنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە. بۇ كارخانا ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ئاچقان PP رەڭلىك يوپۇق سولياۋ خالتا تېخنىكىسىغا تايىنىپ بازار ئىگىلەپ، كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى 150 مىڭ تال تاغار ئىشلەپچىقىرىشقا يەتكۈزۈپ، جۇڭتەي خىمىيەسى قاتارلىق چوڭ كارخانىلارنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك زاكازىغا ئېرىشتى. بۇ يىل يەنە 6 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ رەقەملەشتۈرۈپ ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاشنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئوراپ قاچىلاش كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىدۇ. □ تاۋ ۋېيمىڭ فوتوسى