□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ ۋېي
«بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي، تىيانشاننىڭ جەنۇب - شىمالى ياخشى چارۋىچىلىق مەيدانى...» 92 ياشلىق تاۋ سىمېڭ موماي بۇ تونۇش مېلودىيەنى يەنە بىر قېتىم ياڭراتقاندا، ۋاقىت خۇددى 70 نەچچە يىل ئىلگىرىكىگە قايتقاندەك بولدى.
1951 - يىلى يازدا، قورغاستىكى كەڭ كەتكەن قەدىمكى چۆل - باياۋاندا، جۇغى كىچىك خۇنەنلىك بىر قىز تۆت پارچە قىزىل خىش ئۈستىدە تۇرۇپ، 200 نەپەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش جەڭچىسىگە ناخشا ئېيتىپ بەردى. خۇددى سۈزۈك بۇلاق سۈيىدەك يېقىملىق ناخشا ساداسى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن تىيانشان ئېتىكىدىكى ئەڭ تەسىرلىك دەۋر ئەكس ساداسىغا ئايلاندى.
شۇ يىلى، تاۋ سىمېڭنىڭ ھەربىي سەپكە كىرگىنىگە ئەمدىلا بىر يىل بولغان بولۇپ، شىنجاڭ ھەربىي رايونى سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ناخشىچىسى ئىدى. داڭلىق كومپوزىتور ليۇ چى «شىنجاڭ ياخشى» ناملىق ناخشىنىڭ خور باشلامچىسىنى تاللىغاندا، بىرنەچچە قېتىم سىناپ ئېيتقۇزۇپ باققاندىن كېيىن، بۇ خۇنەنلىك قىزنىڭ بېشىنى يېنىك سىلاپ تۇرۇپ: «بۇ ناخشىنى مۇشۇ قىزچاق ئېيتسۇن!» دېدى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، بىر ئادەم بىلەن بىر ناخشىنىڭ تەقدىرى زىچ باغلاندى.
«شىنجاڭ ياخشى» − بۇ «چېگرا رايون جەڭچىلىرى ئومۇمىي خورى»نىڭ 3 - بۆلىكىنى ھەربىي شائىر ما خەنبىڭ بىلەن كومپوزىتور ليۇ چى بىرلىكتە ئىجاد قىلدى. ما خەنبىڭ يازغان ناخشا تېكىستى ئاددىي، ئاممىباب بولۇپ، «چۆل - جەزىرىلەر مۇنبەت ئېتىزغا ئايلاندى، قارلار ئېرىپ ئېتىز - قىرلارنى سۇغاردى»دەك مۆجىزىنى، «بۇغداي باشاقلىرى ئالتۇن رەڭگە كىردى، شالنىڭ خۇش ھىدى ئەتراپقا تارالدى، شامالدا يەلپۈنۈپ تۇرغان ئوت - چۆپلەر ئارىسىدا قوي - كالىلار نامايان بولدى» دېگەندەك مول كۆرۈنۈشلەرنى تولۇق گەۋدىلەندۈرگەن ئىدى. ليۇ چى شىنجاڭ خەلق ناخشىلىرىنىڭ بىپايان دېڭىزىغا غەرق بولدى − «خۇددى دېڭىزغا ئوخشايدۇ، قولنى سوزسىلا دۇردانىلەرنى سۈزۈۋالغىلى بولىدۇ». ئۇ شىنجاڭ مۇزىكىسىنىڭ جەۋھىرىنى ئەپچىللىك بىلەن قوبۇل قىلىپ، ئاجىز ئۇدار بىلەن ئېيتىلىدىغان ئېلاستىك رىتىمنى باشتىن - ئاخىرىغا سىڭدۈرۈپ، قويۇق چېگرا رايون ئۆرپ - ئادىتى ۋە قۇرۇلۇش قىزغىنلىقى ئۇرغۇپ تۇرغان بۇ ناخشا بۆلىكىنىڭ نوتىسىنى ۋۇجۇدقا چىقاردى.
رېپېتىتسىيە مەيدانىدا، ليۇ چىنىڭ ئىلھامى خۇددى تەشنالىقنى قاندۇرغان يامغۇردەك بولدى: «شىنجاڭنىڭ گۈزەللىكىنى ھەممە ئادەمگە ئېيتىپ بېرىمىز». تاۋ سىمېڭ ناخشىنى ئېيتىپ «بۇغداي باشاقلىرى ئالتۇن رەڭگە كىردى، شالنىڭ خۇش ھىدى ئەتراپقا تارالدى» دېگەن يەرگە كەلگەندە، بوز يەر ئاچقۇچىلارنىڭ چۆللۈكنى ئېچىپ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ، قار سۈيى بىلەن سۇغارغانلىقىدەك ھەيۋەتلىك مەنزىرە ئۇنىڭ قەلبىدە مەۋج ئۇردى؛ ناخشىنى ئېيتىپ «شامالدا يەلپۈنۈپ تۇرغان ئوت - چۆپلەر ئارىسىدا قوي - كالىلار نامايان بولدى» دېگەن يەرگە كەلگەندە، ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا بىپايان يېشىل دالا، قوي - كالىلار خاتىرجەم ئوتلاۋاتقان مەنزىرە نامايان بولدى. تۇنجى مەيدان ئويۇن قويۇلغان ئاشۇ كۈنى، جۇغى كىچىك تاۋ سىمېڭ خىش ئۈستىدە تۇرۇپ ناخشا ئېيتتى، ناخشا ئاۋازى خۇددى بۇلاق سۈيىدەك يېقىملىق ئىدى. ئۇ جەڭچىلەرنىڭ كۆزىدە چاقناپ تۇرغان نۇرنى كۆرۈپ: «خۇددى بىر يۇتۇم سۈزۈك سۇ ئىچكەندەك بولدۇم» دېدى. بۇ بۇلاق سۈيىدەك ناخشا ئاۋازى شۇ ھامان جەڭچىلەرنىڭ قەلب تەشنالىقىنى قاندۇردى.
ناخشىنىڭ كۈچى سەھنىدىن ھالقىپ كەتتى. 1952 - يىلى «شىنجاڭ ياخشى» ناملىق ناخشا پۈتۈن ئارمىيەنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ئەدەبىيات - سەنئەت كۆرىكىدە شەرەپ بىلەن 3 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى − بۇ، شىنجاڭ ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان ئېرىشكەن تۇنجى مەملىكەت خاراكتېرلىك شان - شەرىپى ئىدى. «شىنجاڭ ياخشى» ناملىق ناخشا نەچچە ئەۋلاد بوز يەر ئاچقۇچىلارنىڭ ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى. مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى بۇ يېقىملىق مېلودىيەنى ياڭراتقان 70نەچچە يىلدىن بۇيان، ئەۋلادمۇئەۋلاد ياشلار ناخشا ساداسىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، يۈك - تاقلىرىنى كۆتۈرۈپ چېگرا رايونغا ئاتلاندى.
«نۇرغۇن كىشى مېنى تاۋ سىمېڭ دەپ چاقىرماي، <شىنجاڭ ياخشى> دەپ چاقىراتتى!» موماي شۇ چاغنى ئەسلىگەندە كۆزلىرى چاقناپ كەتتى، بۇ، كىشىلەرنىڭ ناخشىچىغا بولغان ئەڭ ئالىي مەدھىيەسى ئىدى. شىنجاڭ ھەربىي رايونى سەنئەت ئۆمىكىنىڭ سەھنىسىدىن شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنىنىڭ دەرس مۇنبىرىگىچە، 70 يىل ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى، ئۇنىڭ سەنئەت ھاياتى «شىنجاڭ ياخشى» ناملىق ناخشا بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكەنىدى.
بۈگۈنكى كۈندە، تەكلىماكاندىكى كەچكى شەپەق نۇرىدا، يەلپۈنۈپ تۇرغان ئۈستىقۇددۇسنىڭ خۇشبۇي پۇرىقىدا، «شىنجاڭ ياخشى»نىڭ مېلودىيەسى ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ قەدەملىرىگە ئەگەشتى. ئىلگىرىكى بوز يەر ئېچىش قەسىمى تۇتاش كەتكەن بوستانلىق، بىپايان كېۋەزلىكتىن ئىبارەت گۈللەنگەن مەنزىرىگە ئايلاندى. «شىنجاڭ ياخشى جاي» − ھەممە تەرەپتە ياڭرىغان بۇ ساياھەت تەشۋىقات سۆزى دەل «شىنجاڭ ياخشى»نىڭ يېڭى دەۋردىكى ئەڭ چوڭقۇر مۇھەببەتكە تولغان ئەكس ساداسى ئىدى. ئۇ قايناق ھېسسىياتقا تولغان يىللاردىكى جەڭگىۋار ناخشىدىن ھەرقايسى جايلاردىن كېلىدىغان مېھمانلار ۋە دوستلارنى تەكلىپ قىلىدىغان تەكلىپنامىگە ئايلىنىپ، قۇرۇلۇشچىلارنىڭ ئىپتىخارلىق ھېسسىياتىدىن تاغ - دەريالارنى مەدھىيەلەشكىچە كېڭەيدى.
«شىنجاڭ ياخشى» نېمە ئۈچۈن ھاياتىي كۈچىنى يوقاتمايدۇ؟ چۈنكى ئۇ شىنجاڭدىكى ھەربىر دەريا - ئېقىن، ھەربىر بوستانلىققا سىڭىپ، ھەربىر باشاقنىڭ ئالتۇن رەڭگىدە، ھەربىر ئۈزۈمنىڭ شېرىن تەمىدە بۇ مېھىرلىك تۇپراقنىڭ شان - شەرىپى ۋە ئارزۇسىنى مەڭگۈ بايان قىلىدۇ.