گېزىتىمىز، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 20 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايوننىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىگە ھۆكۈم قىلىش، تەھلىل قىلىش يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت باش ۋەزىپىنى چىڭ كۆزلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى بويىچە، بۆسۈش نۇقتىسى، ئېشىش نۇقتىسى، كۈچەش نۇقتىسىنى نىشانلاپ، ھەقىقىي تۈردە كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئارتۇقچىلىقلارنى جارى قىلدۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئالدىنقى يېرىم يىللىق «ۋاقىتنىڭ يېرىمى ئۆتكەندە ۋەزىپىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى تاماملاش» نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەرنىڭ مۆلچەردىكى ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى، ئالاقىدار تارماقلار، ئورۇنلار ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەرنىڭ ئەھۋالىنى تەھلىل قىلدى، ھۆكۈم قىلدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق كارخانا، چوڭ - چوڭ تۈرلەرنى چىڭ كۆزلەپ، «ئالتە مۇھىم تىزىملىك» «100 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك، 10 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك» چوڭ - چوڭ قۇرۇلۇشنى يولغا قويۇشنى ياخشى تۇتۇپ، سېلىنمىنىڭ ئېشىش مىقدارى ۋە سېلىنما يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، ئىمكانقەدەر ئالدىغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، سېلىنمىنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. چوڭ - چوڭ تۈرلەرنى دەرىجىگە ئايرىپ ھۆددە ئېلىپ ئالاقىلىشىش مېخانىزمىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئامىل كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ھالقىلىرىنى ئىخچاملاپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش مۇددىتىنى قىسقارتىپ، تۈرلەرنىڭ تېزدىن ئەمەلىيلىشىپ يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەخسۇس تۈر زايوم مەبلىغىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، بىر تۈركۈم تۈرلەرنى تېزدىن پىلانلاپ يولغا قويۇش كېرەك. كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت، يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش قاتارلىق يېڭى ئېنېرگىيە تۈرلىرى ھەم سۇچىلىق، قاتناش قاتارلىق ساھەلەرنى چىڭ كۆزلەپ دەل جايىدا كۈچەپ، زەنجىرنى تولۇقلاپ، زەنجىرنى كۈچەيتىدىغان بىر تۈركۈم چوڭ - چوڭ تۈرلەرنى كىرگۈزۈپ ماكانلاشتۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھە تۈر قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك. پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ چوڭ - چوڭ تۈرلەرگە قاتنىشىشىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق ئىچى سېلىنمىسىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: دىققەتنى دۆلەتنىڭ ئېھتىياجى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىدارىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، سانائەت ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاش كېرەك. نېفىت - تەبىئىي گاز زاپىسىنى كۆپەيتىپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇشنى ياخشى تۇتۇپ، يېڭى ئېنېرگىيە ئېچىشقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، «يېشىل توكنى بىۋاسىتە تۇتاشتۇرۇش» ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ ئىككى تەرەپلىك سودا دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش، توشۇش، سېتىشنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، رەڭلىك مېتال، خىمىيە سانائىتى، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك قاتارلىق ساھەلەردە سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مەركەز كارخانىلىرى، قېرىنداش ئۆلكىلەر، باشقا دۆلەتلەردىكى يەرلىكلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ رولىنى ھەقىقىي تۈردە ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ، قاراتمىلىقى بولغان بىر تۈركۈم قوللاش تەدبىرلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەدەنىيەت، ساياھەت، تەنتەربىيە، ياشانغانلار ئىقتىسادى قاتارلىقلارنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، ھېسابلاش ئىقتىدارى، ئاپتوموبىل ئىجارىگە بېرىش قاتارلىق تىجارەتلىك مۇلازىمەت كەسپىنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، «يەككە سودا - سانائەتچىدىن كارخانىغا ئايلىنىش»نى قوللاش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. تۈرلۈك ئېچىۋېتىش سۇپىلىرىدىن ھەقىقىي ياخشى پايدىلىنىپ، تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، دىققەتنى سودىنى راۋانلاشتۇرۇش، كەسىپكە مەبلەغ سېلىش، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، يېشىل كانچىلىق كەسپى ھەم پىششىقلاش، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. يول تۈگۈنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا، ئەشيا ئوبوروتى باغچە رايونىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئاقىل پورت قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، چېگرا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونى، چېگرا ھالقىغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش توغرىسىدىكى پىكرىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كۈتۈنۈش، داۋالاش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئۈنۈملۈك تەمىنلەشنى ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئون ئەمەلىي ئىشىنى چىڭ تۇتۇپ ئالغا سىلجىتىپ، كارخانىلارنىڭ نېسى قالغان قەرزىنى ئۈزۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئىستاتىستىكا ئىسلاھاتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىكى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، كارخانىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تۈرنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئىسلاھات تەپەككۇرى، يېڭىلىق يارىتىش چارىسىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىدىكى قىيىن نۇقتا، توسۇق نۇقتىلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەل قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ چوڭقۇر ئەمەلىيلىشىشى، ئىنچىكە ئەمەلىيلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
چېن ۋېيجۈن، يۈسۈپجان مەمەت، ۋاڭ گاڭ يىغىنغا قاتناشتى.