شىنخۇا ئاگېنتلىقى، دۇڭجىڭ، 6 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار لى زىيۆ، ياڭ جىشياڭ) «شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە» ناملىق كىتابنىڭ ياپون تىل - يېزىقى نۇسخىسىنى تۇنجى تارقىتىش مۇراسىمى ۋە «يەرشارىۋى تەرەققىياتنىڭ جۇڭگو لايىھەسى» توغرىسىدىكى پىكىر ئالماشتۇرۇش مۇھاكىمە يىغىنى 6 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ياپونىيە دۇڭجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى.
جۇڭگو بىلەن ياپونىيەدىن كەلگەن يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلار ۋە ئالىملار مۇنداق قارىدى: «شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە» ناملىق كىتابقا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ ئېلان قىلغان بىر قاتار مۇھىم بايانلىرى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش نەزەرىيەسىنىڭ مول ماھىيەتلىك مەزمۇنى ۋە يادرولۇق مۇھىم ئەھمىيىتى ئومۇميۈزلۈك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. بۇ ئەسەرنىڭ ياپون تىل - يېزىقى نۇسخىسى ۋە بۇنىڭدىن ئىلگىرى نەشر قىلىنغان ئىنگلىز تىل - يېزىقى، فىرانسۇز تىل - يېزىقى، رۇس تىل - يېزىقى، ئەرەب تىل - يېزىقى نۇسخىسى ھەمدە يېقىندا نەشر قىلىنغان ئىسپان تىل - يېزىقى نۇسخىسى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تارىخىي ئېقىمى، نەزەرىيە سىستېمىسى، ئەمەلىيەت تەلىپى ۋە دۇنياۋى ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىدۇ.
يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلار مۇنداق قارىدى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان شەرق ئەقىل - پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يۈز يىللىق مۇساپىدە بارلىققا كەلتۈرگەن «دەۋر ئابىدىسى»، جۇڭخۇا زېمىنىدا يىلتىز تارتىپ، ھەقىقەت نۇرىنى چاقنىتىدىغان ئىنسانىيەتنىڭ ھەققانىيلىق يولى، تېخىمۇ مۇھىمى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىدىيەسىنىڭ يۇغۇرۇلۇپ بىر گەۋدىگە ئايلانغانلىقىنىڭ ئىپادىسى. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش دۇنياغا مۇقىملىق ۋە ئېنىقلىق بېغىشلىدى، دۇنياغا يېڭى قۇۋۋەت ۋە يېڭى پۇرسەت بېغىشلىدى، دۇنياغا ئېچىۋېتىشچانلىق ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشچانلىق بېغىشلىدى.
تۇنجى تارقىتىش مۇراسىمىدا، جۇڭگو ۋە ياپونىيەدىكى ئەزىز مېھمانلار بىرلىكتە «شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە» ناملىق كىتابنىڭ ياپون تىل - يېزىقى نۇسخىسىدىكى يېڭى كىتابنىڭ يوپۇقىنى ئاچتى، جۇڭگو تەرەپ ياپونىيە تەرەپكە يېڭى كىتاب سوۋغا قىلدى. ھازىرغىچە بۇ كىتابنىڭ نەشردىن چىققان ئالتە خىل چەت ئەل تىل - يېزىقىدىكى نۇسخىسى پۈتۈن دۇنيادىكى 30 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندا تارقىتىلدى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت - ئەسەرلەر تەتقىقات ئورنى، جۇڭگونىڭ ياپونىيەدىكى باش ئەلچىخانىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئالاقە بۆلۈمىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ياپونىيەنىڭ سىياسىي ئەربابلىرى، ئىلىم ساھەسى، ئاقىللار ئامبىرىدىكى ۋەكىللەر، خۇاچياۋ، خۇارېنلار ۋەكىللىرى، تاراتقۇ خادىملىرى بولۇپ 120دىن ئارتۇق كىشى تۇنجى تارقىتىش مۇراسىمى ۋە مۇھاكىمە، پىكىر ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتناشتى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت - ئەسەرلەر تەتقىقات ئورنى، جۇڭگونىڭ ياپونىيەدىكى باش ئەلچىخانىسى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، مەركىزىي تەھرىرلىك - تەرجىمە نەشرىياتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان.