□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي يۈنيەن
تومۇز كۈنلىرى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان چېن تەنچيۇنىڭ قەبرە تېشى جىمجىت قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، ئۇنىڭ ھەيكەلدىكى قىياپىتى قەتئىيلىككە تولغان، قاراشلىرى چوڭقۇر مەنىلىك ئىدى. بۇ جاي ياپيېشىل قارىغاي، ئارچىلار بىلەن ئورالغان بولۇپ، ھەيۋەتلىك كەيپىيات بۇ كوممۇنىستنىڭ ئۆلسىمۇ تىز پۈكمەيدىغان غايە - ئېتىقادىنى قوغداپ تۇرماقتا ئىدى.
چېن تەنچيۇ 1896 - يىلى خۇبېي خۇاڭگاڭدا تۇغۇلغان، ياشلىق دەۋرىدىلا 4 - ماي ھەرىكىتىگە پائال ئاتلانغان. 1920 - يىلى، ئۇ دۇڭ بىۋۇ قاتارلىق كىشىلەر بىلەن ۋۇخەندە كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ دەسلەپكى تەشكىلاتىنى قۇرغان ھەم 1921 - يىلى پارتىيە 1 - قۇرۇلتىيىغا بىرلىكتە قاتناشقان. شۇنىڭدىن كېيىن، چېن تەنچيۇ نۇرغۇن جايلارغا بېرىپ ئىنقىلابىي خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرغان.
1939 - يىلى 5 - ئايدا، چېن تەنچيۇ موسكۋادىن ۋەتەنگە قايتىش سەپىرىدە دىخۇا (ھازىرقى ئۈرۈمچى)دىن ئۆتۈپ، ئارقىدىن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە دېڭ فانىڭ ئورنىغا ئالمىشىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى بولغان ھەم 8 - ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان. ئۇ ئىسمىنى شۈ جيېگە ئۆزگەرتىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى مىللىي بىرلىك سەپ خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان.
شۇ چاغدا دەل دۆلەت ئىچى - سىرتى ۋەزىيىتىدە ئۆزگىرىش بولۇۋاتاتتى. 1939 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 1940 - يىلىنىڭ بېشىغىچە، شىنجاڭ چېگرا مۇداپىئە دۇبەنى شېڭ شىسەينىڭ شىنجاڭدىكى كوممۇنىستلارغا ئىشەنمەسلىك پوزىتسىيەسى تەدرىجىي ئاشكارىلانغان.
چېن تەنچيۇ بىر تەرەپتىن، شېڭ شىسەي بىلەن يوللۇق، پايدىلىق، مۇۋاپىق كۈرەش ئېلىپ باردى؛ بىر تەرەپتىن، كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىغا ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇش، بىرەر ئىشقا يولۇققاندا ئېھتىياتچان بولۇش، ئەكسىيەتچىلەرگە باھانە تېپىپ بەرمەسلىك توغرىسىدا تەربىيە بەردى.
ئۇ تېخى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلمىغان يولداش دېڭ فا بىلەن بىرلىكتە غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى باش تارماق ئەترىتىنىڭ يازلىق لاگېر مەشىقى خىزمىتىنى تۇتتى. چېن تەنچيۇ «يېڭى ئەسكەرلەر گازارمىسى»دا قىشلىق مەدەنىيەت ئۆگىنىش مەزگىلىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تارىخىنى سۆزلەپ، كۆپچىلىكنىڭ سىياسىي ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.
شۇ يىلى 12 - ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى باش تارماق ئەترىتىنىڭ خادىملىرىنى يەنئەنگە قايتۇرۇپ كېلىشنى قارار قىلغان، چېن تەنچيۇ ئەتراپلىق پىلانلاش ئارقىلىق، 1940 - يىلى 1 - ئاينىڭ 11 - كۈنى 300دىن ئارتۇق كوماندىر - جەڭچىنى يەنئەنگە بىخەتەر يەتكۈزۈپ قويدى. 1940 - يىلى يازدا، يەنە سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئوقۇپ قايتىپ كەلگەن نەچچە ئون يولداشنى يەنئەنگە يەتكۈزۈپ قويدى ھەم تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ بىر قىسىم مەشھۇر زاتلارنى ئۇزىتىپ قويدى.
1941 - يىلى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىق خاتىرە كۈنىدە، چېن تەنچيۇ 8 - ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنىدا خىزمەت قىلىۋاتقان كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىغا رەھبەرلىك قىلىپ، كۈمۈش خاتىرە ئىزنىكى ياساپ، خاتىرە قوللانمىسى تۈزۈپ بېسىپ، پارتىيەنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلىدى.
چېن تەنچيۇ ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە، پارتىيەنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى مىللىي بىرلىك سەپ سىياسىتىنى توغرا ئىجرا قىلىپ، ئىنقىلابىي ئىلغار ئىدىيەنى تىرىشىپ تارقىتىپ، خەلق ئاممىسىنى پائال سەپەرۋەر قىلىپ ۋە قوزغاپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى راۋاجلاندۇرۇش، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.
1942 - يىلى، خەلقئارا ۋە ئىچكى ۋەزىيەت داۋاملىق يامانلاشتى، جياڭ جيېشى شېڭ شىسەيگە تەھدىت سېلىش ۋە ئۇنى ئالداشنى تېزلەتتى. شېڭ شىسەي ئاخىر نىقابىنى يىرتىپ تاشلاپ، شىنجاڭدا خىزمەت قىلىۋاتقان كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىغا زىيانكەشلىك قىلىشقا باشلىدى. ئىنتايىن خەتەرلىك ۋەزىيەتتە، چېن تەنچيۇ ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى بىر ياققا قايرىپ قويدى.
ئۇ بىر تەرەپتىن، شىنجاڭنىڭ ئەھۋالىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىپ، ئەڭ يامان ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈشنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن باشقا، يەنە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا بىر قىسىم كادىرلارنى چېكىندۈرۈپ كېتىش تەكلىپىنى بەردى؛ بىر تەرەپتىن، پارتىيە ئەزالىرىغا شىنجاڭدىكى خىزمەتنى ئەڭ ئاخىرقى كۈنگىچە داۋاملاشتۇرۇش، ھەربىر يولداشتا تولۇق ئىدىيەۋى تەييارلىق بولۇش، كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسىنىڭ ئىنقىلابىي پەزىلىتىنى ساقلاش، ھەرقانداق سىناققا بەرداشلىق بېرىش، ھەرگىز نومۇسسىز خائىن بولماسلىق توغرىسىدا تەربىيە بەردى.
پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭدا خىزمەت قىلىۋاتقان كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ چېكىنىپ چىقىشىغا قوشۇلدى. چېن تەنچيۇ ئۆزىنى ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈمگە كىرگۈزدى ھەم «بىرلا يولداش قالسىمۇ، مەن كەتسەم بولمايدۇ» دەپ بىلدۈردى.
1942 - يىلى 9 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، شېڭ شىسەي «سۆھبەتلىشىش» نامى بىلەن چېن تەنچيۇ قاتارلىق بەش كىشىنى چيۇگۇڭ قەسىرىگە نەزەربەند قىلدى. چېن تەنچيۇ شېڭ شىسەينىڭ ۋەدىسىگە ۋاپا قىلماسلىق قىلمىشىدىن قاتتىق غەزەپلەندى. ئۇ نارازىلىق خېتى يېزىپ، شېڭ شىسەيدىن قاماپ قويۇلغان كوممۇنىستلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. شۇ يىلى 11 - ئايدا، ليۇگۇڭ قەسىرىگە مەخپىي يۆتكىۋېتىلدى.
1943 - يىلى 2 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، شېڭ شىسەي چېن تەنچيۇ قاتارلىقلارنى تۈرمىگە تاشلىدى.
قاراڭغۇ تۈرمىدە چېن تەنچيۇ ئادەتتىكى كىشىلەر تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئازابلارنى باشتىن كەچۈردى. دۈشمەنلەر ئۇنىڭغا نۆۋەتلىشىپ «ئايروپىلانغا ئولتۇرۇش» «كالتەككە بېسىش» «لازا سۈيى قۇيۇش»تەك دەھشەتلىك جازالارنى بېرىپ، ئۇدا نەچچە كۈن نۆۋەتلىشىپ سوراق قىلدى، دورا ئارقىلىق ئۇنىڭ ئۇخلىشىنى توستى. قىيىن - قىستاققا ئېلىپ ئىقرار قىلدۇرماقچى بولغان بولسىمۇ، چېن تەنچيۇ باشتىن - ئاخىر تىز پۈكمىدى، ئۇ «ياشىسۇن كوممۇنىستىك پارتىيە» دەپ توۋلىدى ھەم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەشەببۇسلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، شېڭ شىسەينىڭ كوممۇنىستىك پارتىيەگە قارشى، خەلققە قارشى ماھىيىتىنى قاتتىق سۆكۈپ، دۈشمەننىڭ جىنايەتلىرىنى ئېچىپ تاشلىدى.
خائىن سوتقا چىقىپ «گۇۋاھلىق» بەرگەندە، چېن تەنچيۇ غەزەپلىنىپ: «بىزنىڭ شىنجاڭدا قىلغان ئىشلىرىمىز ئوچۇق - ئاشكارا!» دېدى. دۈشمەنلەر ئۇنى ئالداپ «پارتىيەدىن ئايرىلىش باياناتى»غا ئىمزا قويغۇزماقچى بولغاندا، ئۇ: «مېنىڭ ئويلىنىشىمنىڭ ھاجىتى يوق!» دەپلا جاۋاب بەردى.
1943 - يىلى 9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى يېرىم كېچىدە، 47 ياشلىق چېن تەنچيۇ ماۋ زېمىن، لىن جىلۇلار بىلەن مەخپىي ئۆلتۈرۈلدى. ئۇ ئۆز ھاياتىنى ئۇلۇغ كوممۇنىزم ئىشلىرىغا بېغىشلىدى.
ۋاقتىدا خەۋەردار بولالمىغاچقا، پارتىيە 7 - قۇرۇلتىيىدا چېن تەنچيۇنىڭ قۇربان بولغانلىقىدىن خەۋەرسىز ۋەكىللەر ئۇنى يەنىلا مەركىزىي كومىتېت ئەزالىقىغا سايلىدى. 7 - قۇرۇلتاي مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇ ئالاھىدە ئەزاسى چېن تەنچيۇ قۇرۇلتاينىڭ تەنتەنىلىك ئېچىلىش مۇراسىمىغا گۇۋاھ بولالمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ ھاياتى ئارقىلىق كومپارتىيە ئەزاسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئىزاھلىدى.
چېن تەنچيۇ: «مەن ئۆلگەندىن كېيىن بىر ئوچۇم سېرىق توپىغا ئايلىنىپ، غەلىبىگە تۇتاشقان يولغا يېيىتىلىمەن» دېگەنىدى.
1933 - يىلى، چېن تەنچيۇ سوۋېت رايونىغا بېرىشتىن ئىلگىرى يۇرتى خۇبېيدىكى 3 -، 6 - ئاكىلىرىغا بىر پارچە ھاۋالە خېتى يېزىپ، ئاكىلىرىدىن ئىككى بالىسىغا قىشلىق كىيىم تىكىپ بېرىشنى ئۆتۈنگەن. بۇ ئىنقىلابچى ئاتا - ئانىسى بىلەن بالىلىرىغا يېڭى كىيىم تىكىپ بېرەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن كىشىلەرنىڭ ئائىلىسىنىڭ يۈكىنى زىممىسىگە ئالدى.
ئۇ ئۆزىنى مەشئەلگە ئايلاندۇرۇپ، قاراڭغۇ كېچىدىن تاڭ سەھەرگىچە كۆيدۈردى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، چېن تەنچيۇ «شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەلبىدە پارتىيەنىڭ بايرىقى»، ئۇنىڭ ئۇلۇغ تۆھپىلىرىنى ۋەتەن ئۇنتۇمايدۇ، خەلق ئۇنتۇمايدۇ!