6 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ خېجىڭ ناھىيەسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: ما شىڭرۇي دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز تاغلىق رايونغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تۆمۈر كېنى كارخانىلىرىنىڭ نۇقتىلىق كان قېزىش تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈرۈپ، بايلىقنىڭ تارقىلىشى، قېزىش - تاللاش ھۈنەر - سەنئىتى، كەسىپ تەرەققىيات ئىستىقبالى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىمەكتە. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
گېزىتىمىز، خېجىڭ، 6 - ئاينىڭ 22 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 6 - ئاينىڭ 22 - كۈنى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ خېجىڭ ناھىيەسىگە كېلىپ، نۇقتىلىق قاتناش تۈرلىرى ۋە كەسىپ تۈرلىرى قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھازىرقى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرما تەلەپلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن مۇقىملىق، تەرەققىيات بىلەن خەلق تۇرمۇشى، تەرەققىيات بىلەن كىشىلەر قەلبىنىڭ زىچ باغلىنىشىنى چوڭقۇر تونۇپ، ھەرقايسى رايون، ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ تەرەققىياتىنى پىلانلاشنى سىستېمىلىق كۈچەيتىپ، كۈچەپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا دائىر تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چوڭ - چوڭ ئۇل ئەسلىھە، ئەۋزەل كەسىپ تۈرلىرى قۇرۇلۇشىدا يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە رايون تەرەققىياتىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، ھاياتىي كۈچ بېغىشلاپ، ئىشنى پۇختا قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
G218 لىنىيەسى نارات - بالغۇنتاي تاشيول تۈرىدە قۇرۇلۇش پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىلماقتا، قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن شىنجاڭنىڭ قاتناش - تىرانسپورتىدا شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربكە چىقىرىدىغان، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم يول بولۇپ قالىدۇ. ما شىڭرۇي ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ لىنىيەنى بويلاپ مېڭىپ، يول بويى تۈر قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى. تىيانشان تېغىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان تۈرنىڭ 7 - بۆلىكىدە، ما شىڭرۇي قۇرۇلۇشنىڭ ئالغا سىلجىتىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇل يولداشلىرى بىلەن ئۈرۈمچى - لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى قاتارلىق چوڭ - چوڭ قاتناش تۈر قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى چۆرىدەپ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر، قاتناش يەنىلا شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان گەۋدىلىك بوغما ھالەتلەرنىڭ بىرى. ئومۇملۇق يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەرەققىيات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش قاتارلىقلارنى كۆزلەپ، چوڭ - چوڭ قاتناش تۈرلىرى قۇرۇلۇشىنى پىلانلاپ ۋە ئالغا سىلجىتىپ، تۈگۈن نۇقتىنى چىڭ كۆزلەپ سۈرئەتنى تۇتۇپ، قەرەلىدە پۈتكۈزۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشقان ئۇنىۋېرسال قاتناش سىستېمىسى قۇرۇشىغا كۈچلۈك تىرەك بولۇش كېرەك. ما شىڭرۇي قۇرۇلۇش قىلغۇچى تەرەپكە سۈپەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، بىخەتەرلىكنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشكە كۈچەپ، تىرىشىپ ئەلا سۈپەتلىك قۇرۇلۇش، تىنچ - ئامان قۇرۇلۇش، پاك قۇرۇلۇش بەرپا قىلىشنى تاپىلىدى.
خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ تۆمۈر كان بايلىقى مول، بۇ جاي يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بايلىق يوشۇرۇن كۈچىنى ئۇرغۇتۇشقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، يېشىل كانچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇردى ۋە زورايتتى. ما شىڭرۇي دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز تاغلىق رايونغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تۆمۈر كېنى كارخانىسىنىڭ نۇقتىلىق كان قېزىش تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى، بايلىقنىڭ تارقىلىشى، قېزىش - تاللاش ھۈنەر - سەنئىتى، كەسىپ تەرەققىيات ئىستىقبالى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار بىلەن كېيىنكى قەدەمدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: خېجىڭ ناھىيەسى زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، تۆمۈر كېنى قاتارلىق ئەۋزەل بايلىقلارنى ئايلاندۇرۇشنى مۇھىم تۇتقا ۋە كۈچەش يۆنىلىشى قىلىشى كېرەك. نۇقتىلىق كانچىلىق كارخانىلىرى ۋە چوڭ - چوڭ تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىش، قۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، كەسىپ كۆلىمىنى سىجىل كېڭەيتىپ، كەسىپلەرنى توپلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ناھىيە رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تىرەك بولىدىغان مۇھىم تۈۋرۈك بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشى كېرەك. كانلارنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، ئادەمسىزلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، بىخەتەرلىك سەۋىيەسى ۋە ئومۇمىي تەرەققىيات ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىش بىلەن ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېشىل كان بەرپا قىلىپ، كانچىلىقنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
ما شىڭرۇي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، كارخانىنى مۇقىملاشتۇرۇش، بازارنى مۇقىملاشتۇرۇش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش» توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى، ھەرقايسى ھالقىلىرىدا كونكرېت ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەۋقەنى بايلىق ئۈستۈنلۈكى، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش ۋە زورايتىشقا قويۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى قۇۋۋىتى، يېڭى ئەۋزەللىكىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم يۈرۈشۈش ئاساسىنىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەم بولۇشى، تىرىكىنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇشى، سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنىڭ سىجىل ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى، زامانىۋىلاشقان ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى قاتارلىقلارنى بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، چوڭ - چوڭ تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىشنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، نۇقتىلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، ئورتاق قۇرۇپ ئورتاق بەھرىلىنىش، ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇشنى تېز ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش كۈچىنى ئۆستۈرۈشنى مۇھىم چىقىش نۇقتىسى قىلىپ، كەسىپ تەرەققىياتىغا تايىنىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، شەھەر - بازارلارنىڭ كەسىپ تەرەققىياتى ۋە يېزا - كەنت كەسىپلىرىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ ھەممىسىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىغىمىنى كېڭەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسى پۇختا ئالغا سىلجىتىلماقتا، قاتتىق ئۆلچەمنى بوشاشتۇرماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى مۇھىم يۆنىلىش قىلىپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ يەپ - ئىچىش جاھىل ئىللەتلىرى قاتارلىق يوچۇقلارنى ئېتىش، چۆچۈتۈشنى كۈچەيتىشنى چىڭ كۆزلەپ، ناتوغرا ئىستىل، ناچار خاھىشنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ ئەمەلىي نەتىجىلىرىگە، ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.