گېزىتىمىز، ئالتاي، 6 - ئاينىڭ 22 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ بۇرچىن ناھىيەسى، ئالتاي شەھىرىگە كېلىپ، چوڭ - چوڭ تۈرلەر، مەدەنىيەت - ساياھەت، قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، مەۋقەنى ئەۋزەللىككە قويۇپ، چىڭ تۇتۇپ تېز ئىشلەپ، ئالتاينى ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمال گىرۋىكىدىكى نۇرلۇق مەرۋايىتقا ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك.
تۈرنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلىش ئەھۋالى قانداق؟ قانداق قىيىنچىلىقلار بار؟ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەر جايىدا ئەمەلىيلەشتىمۇ - يوق؟ بۇرچىن سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا، ئەركىن تۇنىياز تۈر مەسئۇلى بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، بۇ رايوننىڭ سۇ ئېلېكتىر، شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت، زاپاس ساقلاش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ئېنېرگىيە چوڭ بازىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قۇرۇلۇش شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە تىپىنى ئۆزگەرتىشتىكى ئاچقۇچلۇق قۇرۇلۇش بولۇپ، شىمالىي شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ مۇقىملىقىنى ئاشۇرۇش، يېڭى ئېنېرگىيەنى ئىشلىتىشنى تېزلىتىشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. مەركەز كارخانىلىرىنىڭ ئۈلگىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سۈپەت ۋە بىخەتەرلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، تىرىشىپ بالدۇر پۈتتۈرۈش، بالدۇر ئىشقا كىرىشتۈرۈش كېرەك. دىققەتنى يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىدىكى بوغما ھالەت چەكلىمىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، پەن تەتقىقات بايلىقىنىڭ توپلىنىش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك رولىنى كۈچەيتىپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، قۇرۇلۇش دەۋرىيلىكىنى قىسقارتىپ، تەننەرخنى تېجەپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
ئەركىن تۇنىياز جىكپۇلىن دۆلەت قار - مۇز ساياھىتى بازىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم جىكپۇلىن خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونىنىڭ شەرقىي رايون مۇلازىمەت زالىغا كېلىپ، ئالدىنقى قار پەسلىدىكى ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلەرنى كۆزدىن كەچۈردى، يازلىق تىجارەت ئەھۋالىنى سورىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: جىكپۇلىن جايلاشقان رايوننىڭ قار - مۇز بايلىقى مول، دۇنياۋى نەزەر - دائىرە، خەلقئارا ئۆلچەم بويىچە بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىپ، بىر ئومۇمىي پىلان بويىچە ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇش، ئاخىرغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. قار تېيىلىش يولى، جابدۇق - ئەسلىھەلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىشنى كۈچەيتىپ، يول، مېھمانساراي، ئاممىۋى ھاجەتخانىلارنى يۈرۈشلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئازادە ھېس قىلىش دەرىجىسى، رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئالتاينىڭ تارىخ، مەدەنىيىتىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى چوڭقۇر قېزىپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىشنى كۈچەيتىپ، ساياھەت مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىنى بېيىتىپ، قار تېيىلىش، ئىستىراھەت، كۈتۈنۈش بىر گەۋدىلەشكەن دۇنيا دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىلگاھى بەرپا قىلىش كېرەك.
ئالتاي - قۇمقاناس تاشيولىنىڭ ئىككى ئاچا مۇلازىمەت رايونىدا، ئەركىن تۇنىياز مۇنداق بىلدۈردى: ئالتاي - قۇمقاناس تاشيولىدا سىناق تەرىقىسىدە قاتناش باشلانغاندىن بۇيان، ئىنكاس ياخشى بولدى، رەسمىي قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، شىنجاڭ ساياھەت ئىقتىسادىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتىدۇ. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: يانتۇلۇقنى تۈزەشنى كۈچەيتىپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك توكلىغۇچ، ماي - گاز قاچىلاش پونكىتى، ئاممىۋى ھاجەتخانا قاتارلىق يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، ساياھەتچىلەرنى كۆپ خىللاشقان مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. كۆرسەتمە يول تاختىلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چارۋا يولىنى مۇۋاپىق پىلانلاپ، يول قاتناش بىخەتەرلىكى بويىچە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك.
ئەركىن تۇنىياز تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنداق تەكىتلىدى: ئالتاي ۋىلايىتى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇق» تولۇق ئامىللىق ئېكولوگىيە مەنزىرىسىنى چۆرىدەپ، ساياھەت كەسىپ ھالىتىنى ھەقىقىي بېيىتىشى، بولۇپمۇ قار - مۇز ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇش، قار - مۇز مۇسابىقىلىرىنى ئۆتكۈزۈش جەھەتتە بالدۇر پىلانلىشى، ئالدىنقى قاتاردا مېڭىشى كېرەك. تىرەك نۇقتىسى، كۈچەش نۇقتىسىنى دەل جايىدا تېپىپ، دىققەتنى يېزا ئىگىلىكى، يېشىل كانچىلىق، پاكىز ئېنېرگىيە قاتارلىقلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىر تۈركۈم يېڭى ئېشىش يۇقىرى پەللىسىنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈشى كېرەك. تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشقا دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يول قاتنىشى، يېمەكلىك، قونالغۇ، قىزىق نۇقتىلىق مەنزىرە رايونى، ئورمان ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ياخشى تۇتۇشى كېرەك. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، ھەقىقىي تۈردە ئىستىلنى ياخشىلىشى، خىزمەت سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.