□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيۇڭ فېڭ
تومۇز مەۋسۇمىدىكى بېيدەيخې يېشىللىققا پۈركەنگەن بولۇپ، چايكىلار پەرۋاز قىلىپ تۇراتتى.
8 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 7 - كۈنىگىچە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەكلىپى بىلەن، يۇقىرى پەن - تېخنىكا ساھەسى، پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىن كەلگەن مۇتەخەسسىس ۋە ئۇل تەتقىقات ساھەسىدىن كەلگەن ياش ئىختىساسلىقلار قاتارلىق 60 كىشى بوخەي دېڭىزى ساھىلىغا جەم بولۇپ، بېيدەيخېدىكى دەم ئېلىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.
بۇ قېتىمقى دەم ئېلىش پائالىيىتىدە «يېڭى دەۋردە تۆھپە يارىتىش» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەرنى تاغ - دەريالارنىڭ ھەيۋەتلىك گۈزەللىكىدىن زوق ئېلىپ، دۆلەت مۇھەببىتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشقا ئىرادە باغلاپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن يېڭى يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەپ، دەۋر يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈشكە رىغبەتلەندۈرۈش مەقسەت قىلىنغان.
ئىختىساسلىقلار توپلانسا، دۆلەت گۈللىنىدۇ، روناق تاپىدۇ. مىللەتنى گۈللەندۈرۈشكە قاراپ ئاتلانغان ھەيۋەتلىك ھەم گۈزەل مۇساپىدە، مۇتەخەسسىسلەر باتۇرلۇق بىلەن دەۋرنىڭ ئالدىدا تۇردى، ئىشەنچكە تولدى، ئۇلارنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغان قىزغىنلىقى بىلەن دولقۇن ساداسىنىڭ گىرەلىشىشىدىن ھاسىل بولغان كۆتۈرەڭگۈ روھ ۋە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش مېلودىيەسى كۆپكۆك دېڭىز ئاسمىنىدا ئۇزاققىچە ياڭرىدى.
بىپايان دېڭىزدا بېلىقلار ئەركىن ئۈزىدۇ −
چەكسىز، بىپايان يېڭى دەۋر سەھنىسىدە قابىلىيىتىنى نامايان قىلىش
يېشىللىق جىلۋىلىنىپ، تومۇزغىلار چىرىلداپ تۇراتتى. مۇتەخەسسىسلەر بىرلىكتە ئەگرى - بۈگرى دېڭىز قىرغىقىنى بويلاپ سەيلە قىلدى، ئۇلارنىڭ كۈلكە - چاقچاقلىرىغا قويۇق دۆلەت مۇھەببىتى سىڭگەنىدى.
پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن نامىدىن مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىسلەر ۋەكىللىرىنى بېيدەيخېغا كېلىپ دەم ئېلىشقا تەكلىپ قىلىش پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىختىساسلىقلار خىزمىتىدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم تۈزۈم خاراكتېرلىك ئورۇنلاشتۇرۇش. پەن - تېخنىكىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە باشلامچى بولغان ئاۋانگارتلاردىن پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەرنى چوڭقۇر تەتقىق قىلغان مۇتەپەككۇرلارغىچە، يەنە ئۇل تەتقىقات ئۈستىدە ئىنچىكىلىك بىلەن ئىزدىنىدىغان جاسارەتلىك ياشلارغىچە... بۇ قېتىم تەكلىپ قىلىنغان مۇتەخەسسىسلەر ئۆز ساھەسىدە گەۋدىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلەر، ئۇلار پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ۋەكىللىرى.
«دەم ئېلىش تەشكىل ئورۇنلاشتۇرغان <مەجبۇرىي ئارام ئېلىش>، بۇ جاينىڭ مۇھىتى يېقىشلىق، مۇلازىمىتى ئەتراپلىق ئىكەن، ھەممىلا جايدا مېھىر - شەپقەت ۋە غەمخورلۇق نامايان قىلىنىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىختىساسلىقلارنى قەدىرلەيدىغانلىقى ۋە ھۆرمەتلەيدىغانلىقى ئىپادىلىنىپتۇ» دېدى بېيجىڭ داشۆنىڭ بويا نوپۇزلۇق پىروفېسسورى چيەن چېڭدەن.
كىۋانت پەن - تېخنىكىسىنىڭ باشلامچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو پەن - تېخنىكا داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى پەن جيەنۋېي دەم ئېلىش تەكلىپىنى تاپشۇرۇۋالغان چاغدىمۇ يەنىلا دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋەزىپىسىنىڭ بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىۋاتاتتى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئۇ كوللېكتىپنى باشلاپ كىۋانت خەۋەرلىشىشى ۋە كىۋانت ھېسابلاش يادرولۇق تېخنىكىسىدا سىجىل بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ بۇ ساھەدە خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان پەلەمپەيسىمان ئەترەت ئورنىغا كىرىشىگە تۈرتكە بولدى. «بۇ غەمخورلۇق پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىختىساسلىقلارنى قەدىرلەش، ئىختىساسلىقلارغا ئەھمىيەت بېرىش ھېسسىياتىنى نامايان قىلدى، تېخىمۇ مۇھىمى بۇ، يېڭى دەۋرنىڭ بىز پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىگە يۈكلىگەن بۇرچنىڭ چاقىرىقى» دېدى پەن جيەنۋېي.
دۆلەت ئەمىنلىكىنىڭ ئاساسى ئىختىساسلىقلارنى ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىشتە. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيەنىڭ ئىختىساسلىقلار خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، دۆلەتنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىختىساسلىقلار كۆپلەپ مەيدانغا كېلىدىغان، ھەر كىم ئۆز قابىلىيىتىنى كۆرسىتىدىغان، ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدىغان جانلىق ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈردى.
8 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى سەي چى بېيدەيخېغا بېرىپ، يازلىق دەم ئېلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەرنى يوقلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: مۇتەخەسسىس، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئالىملار روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، دەۋر ئېغىر ۋەزىپىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مۇتەخەسسىسلەر بىرىنچى ۋاقىتتا تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى يەتكۈزۈپ، كوللېكتىپى، كەسىپداشلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، تەسىراتلىرىنى ھەمبەھرىلەپ، كۆڭلىگە «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى پۈكۈپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن يول ئېچىپ ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىدى.
قاينام - تاشقىنلىققا تولغان ئۇلۇغ دەۋردە تۇرۇۋاتقاندا، ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىستىقبالى چەكسىز پارلاق، تالانتىنى نامايان قىلىدىغان سەھنە چەكسىز كەڭ.
شېنجېن تېببىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ باشلىقى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى يەن نىڭ مۇنداق بىلدۈردى: ۋەتەنگە قايتقان نۇرغۇن ئىختىساسلىقلار دەسلەپتە دۆلەت ئىچىدە ئۇزاق مۇددەتلىك جۇغلانما ۋە پىششىق بىلىدىغان مۇھىت كەمچىل بولغاچقا، خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا ئۆزگىچە خىرىسقا دۇچ كېلىشى مۇمكىن. شۇڭا ئۇلارنى «دەل جايىدا مەدەت بىلەن تەمىنلەپ، تېز سۈرئەتتە سىڭىشىش ۋە تەرەققىي قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش» ئىنتايىن مۇھىم.
«مەن دۆلەتنىڭ مەملىكەت سىرتىدىكى ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش، قالدۇرۇپ ئىشلىتىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش مەسىلىسىنى سىستېمىلىق ھەل قىلىشقا كۈچ چىقىرىۋاتقانلىقىنى، ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتى ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق سەھنە ھازىرلاۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم.» ئۇ مۇنداق قارىدى: «ھازىر دۆلىتىمىز ئىختىساسلىقلار ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىدىغان ئالتۇن پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنىڭ ۋەتەنگە قايتىپ يېڭىلىق يارىتىشى، ئىگىلىك تىكلىشى <كىلىمات، جۇغراپىيەلىك شارائىت ۋە ئادىمىيەت جەھەتتە ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە>».
جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ كەڭ پۇرسىتى ئالدىدا، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ يۈكسەك ئىشەنچى ۋە سەمىمىي ئۈمىدىنى زىممىسىگە ئېلىپ، مۇتەخەسسىسلەر بۇ قېتىمقى دەم ئېلىشنى ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدىكى «توك قاچىلاش» دەپ قاراپ، باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەش ئۈچۈن كۈچ توپلىدى.
بىپايان دېڭىزدا ئارزۇغا ئىنتىلىش −
ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق جاسارەت بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، ئارزۇغا ئىنتىلىپ بۈيۈك نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش
بىپايان يەنشەن تېغى، كۆز يەتمەس بوخەي دېڭىزى. جۇڭگو سەددىچىن سېپىلى مۇزېيى جياۋشەن تېغىدىكى سەددىچىن سېپىلىنىڭ باغرىغا جايلاشقان بولۇپ، تۇتاش كەتكەن ياپيېشىل تاغلار بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلانغانىدى.
8 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن مۇتەخەسسىسلەر بۇ جايغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيە قىلدى. كۆرگەزمە زالىدىكى قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى سەددىچىن سېپىلىنىڭ مىڭ يىللىق تارىخىنى بايان قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ كەلگەن مەنىۋى خەرىتىسىنى سىزىپ بەرگەنىدى.
مۇزېيدىكى غايەت زور ئەينەك دېرىزە ئالدىدا تۇرغاندا ئەگرى - بۈگرى ھەيۋەتلىك جياۋشەن تېغىدىكى سەددىچىن سېپىلى كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولدى. جۇڭگو گۈزەل سەنئەت باش نەشرىياتىنىڭ سابىق باشلىقى ۋاڭ جيامىڭ چوڭقۇر ھاياجان بىلەن مۇنداق دېدى: «سەددىچىن سېپىلى خىش بىلەن قوپۇرۇلغان توساق بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەنىۋى ئۇمۇرتقىسى. ھازىرقى زامان پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى زىيالىي بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەنىۋى سېپىلىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇش بىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىمىز».
دەم ئېلىش پائالىيىتى مۇتەخەسسىسلەرنى قىسقا ئارام ئېلىش بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ساھە ھالقىپ پىكىر ئالماشتۇرىدىغان سەھنە ھازىرلاپ بەردى. ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ ماڭغاندا، تاماق يېگەچ پاراڭلاشقاندا ياكى ھويلىدىكى دەرەخ سايىسىدە سالقىندىغاندا، دېڭىز ساھىلىدا سەيلە قىلغاندا، مۇتەخەسسىسلەر جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئارام ئېلىش بىلەن بىللە، ئىدىيە جەھەتتە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ھاسىلاتلىرىنى ھەمبەھرىلىدى.
پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: دۇنيا پەن - تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى سېپىگە يۈزلىنىش، ئىقتىساد ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا يۈزلىنىش، دۆلەتنىڭ زور ئېھتىياجىغا يۈزلىنىش، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىغا يۈزلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك.
كەسكىن رىقابەتلىشىۋاتقان سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئالدىنقى سەپ ساھەسى توغرىسىدا، شاڭخەي سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تەجرىبىخانىسىنىڭ مۇدىرى، باش ئالىمى جوۋ بوۋېن مۇنداق چوڭقۇر تەھلىل قىلدى: «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار كەلگۈسىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك تېخنىكا بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك رىقابەت ماھىيەتتە كەلگۈسى تەرەققىياتنىڭ ئېگىزلىك نۇقتىسىنى ئىگىلەش رىقابىتىدۇر. ھازىر، مۇھىم تەشكىلىي ئەندىزىدە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، بىر تۈركۈم ئىستراتېگىيەلىك ئالىملارنى بايقاش، تاللاش ھەم يېتىشتۈرۈپ چىقىش جىددىي زۆرۈر بولۇۋاتىدۇ».
جۇڭگو تېببىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئۆسمە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى دورىنى كىلىنىكىدا سىناق قىلىش تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى، جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى شۈ بىڭخې باشتىن كەچۈرگۈچى نۇقتىسىدا تۇرۇپ مۇنداق ھەمبەھرىلىدى: «پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىز راكقا قارشى دورىلارنى ئىلگىرى ئىمپورت قىلىشقا تايىنىشتىن چەت ئەل كارخانىلىرىغا كىلىنىكىلىق سىناق قىلىش ھوقۇقى بېرىشكىچە، خەلقئارا ئىلىم سەھنىسىدە جۇڭگو مۇتەخەسسىسلىرى ئاز ئۇچراشتىن بۈگۈنكى كۈندە تېخىمۇ كۆپ جۇڭگولۇق ئالىملارنىڭ باش تېما دوكلاتى بېرىشنى ئۈستىگە ئېلىشىغىچە، بۇ ئۆزگىرىشلەر دەل دۆلىتىمىز ئىختىساسلىقلار سەۋىيەسىنىڭ بارغانسېرى خەلقئارانىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى».
ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم ئامىل ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش. كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، تېخىمۇ كۆپ ياش تالانتلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىش بىر تۈرلۈك ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە. بۇ قېتىمقى بېيدەيخېدىكى دەم ئېلىش پائالىيىتىگە 40 ياشتىن تۆۋەن سەككىز مۇتەخەسسىس ئىختىساسلىقلار ۋەكىلى قاتناشقان بولۇپ، ئەڭ كىچىكى 33 ياش.
«دەم ئېلىش پائالىيىتىگە تەكلىپ بىلەن قاتنىشىش پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ياش پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپلا قالماي، ئۇل تەتقىقاتقا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنىمۇ ئىپادىلىدى.» جېجياڭ داشۆنىڭ چيۇشى ئالاھىدە تەكلىپلىك پىروفېسسورى فېڭ جيەندۇڭ مۇنداق دېدى: «دۆلىتىمىزنىڭ پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشتا، ياش پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى يېڭى دەۋر بۇرچىنى زىممىسىگە ئالغان، جەزمەن ياخشى جەڭگىۋار قوشۇن بولۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، پەن تەتقىقاتتىكى قىيىن مەسىلىلەرگە باتۇرلۇق بىلەن جەڭ ئېلان قىلىپ، قاتتىق قىيىنچىلىقنى يېڭىشكە جۈرئەت قىلىپ، ئالىملار روھىنى دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشى كېرەك».
يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىش، يادرولۇق ئامىلى ئىختىساسلىقلار. ئۇدا بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، كۆپچىلىك دۇنياۋى رىقابەت كۈچىگە ئىگە ئىختىساسلىقلار تۈزۈمى سىستېمىسىنى قانداق قىلىپ تېز بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ كەڭ دائىرىدە پىكىر ئالماشتۇردى، تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بەردى.
«ھازىر كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى كۆلەمنى كېڭەيتىشتىن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ئۆزگەردى. ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى دۆلەتنىڭ ئۇزاق كەلگۈسى تەرەققىياتىغا تىرەك بولىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئىختىساسلىقلار كۈچىنى بەرپا قىلىشتا» دېدى چىئەنشىن پەن - تېخنىكا گۇرۇھىنىڭ لىدىرى ۋۇ يۈنكۇن.
جۇڭگو تېلېگراف گۇرۇھىنىڭ باش ئالىمى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى لى شۆلۇڭ مۇنداق قارىدى: ئىختىساسلىقلارغا بولغان ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ياشلارنى دادىل ئىشلىتىپ، ئۇلارغا تالانتىنى نامايان قىلىدىغان تېخىمۇ كۆپ سۇپا ۋە بايلىق مەدىتى بېرىپ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقاتنى يۇغۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق بىرلىشىپ تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ياش ئىختىساسلىقلارنى ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.
باتۇرلۇق بىلەن جەسۇر ئەزىمەتلەردىن بولۇش −
پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىنى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇش
ھەيۋەتلىك شەنخەيگۇەندە تۇرغاندا، مۇتەخەسسىسلەر رېشاتكىغا يۆلىنىپ تۇرۇپ يىراقلارغا نەزەر سالدى، دولقۇنلاۋاتقان بىپايان زۇمرەتتەك سۇ كۆز ئالدىدا نامايان بولۇپ، قەلبىدە دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇش، باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىرادە ھەم ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ئۇرغۇدى.
«پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئىسلاھ قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىغا بولغان يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى ۋە ئىستراتېگىيەلىك پىلانى تولۇق ئىپادىلەندى. كېيىنكى قەدەمدىكى ئاچقۇچ پۇختا ھەرىكەت قىلىشتا، دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش يېتەرلىك بولماسلىق، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا باشقىلارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراشتىن ئىبارەت بوغما ھالەتلىك قىيىن مەسىلىلەرنى مەركەزلىك ھەل قىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك» دېدى بېيجىڭ ئاۋىياتسىيە - ئالەم قاتنىشى داشۆسى ماتېرىيال فىزىكىسى فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى ليۇ جىچى.
«2035 - يىلى قانۇنچىل دۆلەت، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەتنى ئاساسىي جەھەتتىن قۇرۇپ چىقىشقا يەنە ئون يىل ۋاقىت قالدى، ۋەزىپە ئىنتايىن مۈشكۈل.» جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاكادېمىكلار بۆلۈمىنىڭ ئەزاسى لى لىن مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىشتا، قانۇنچىللىق بىلەن ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ماس ئورتاق ئالغا سىلجىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئاساسنى مۇستەھكەملەيدىغان، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرىدىغان، كەلگۈسىگە مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان پۇختا قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
مۇتەخەسسىسلەر «جاھاندىكى بىرىنچى ئۆتكەل» راۋىقىغا چىقىپ، سېپىلنى بويلاپ ئاستا ماڭدى. تارىخ ھىدى ھەممە جاينى قاپلاپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ چوڭقۇر دۆلەت مۇھەببىتى ۋە ئېگىلمەس - سۇنماس كۆتۈرەڭگۈ روھىنى بايان قىلىپ تۇراتتى.
«مەدەنىيەت خىزمەتچىسى ۋە مائارىپ خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، دەۋر روھىنى تاۋلايدىغان، خەلق تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان نادىر ئەسەرلەرنى يارىتىپ، يېڭى دەۋر مۇزىكا سەنئىتى بويىچە ئالىي، سەرخىل، ئىلغار بولغان ئىختىساسلىقلارنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈش بىزنىڭ دەۋر مەسئۇلىيىتىمىز.» جۇڭگو مۇزىكا شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى لى شىنساۋ مۇنداق دېدى: پېشقەدەم بىر ئەۋلاد سەنئەتكارلار ئىلگىرى سەمىمىي ساداقەتلىك دۆلەت مۇھەببىتى بىلەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەنىۋى ماياكىنى يورۇتقان، بۈگۈنكى كۈندە بىز مەشئەلنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش، مەڭگۈ توختىتىپ قويماسلىققا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.
ئەڭ ئېگىز چوققىغا ئۆرلەش ئۈچۈن جاپا ۋە چارچاشتىن قورقماسلىق كېرەك، كۈرەش قىلغۇچىلار پەيتنى قولدىن بەرمەيدۇ. بېيدەيخېدىكى دەم ئېلىش مەزگىلىدە، دۆلەت يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز چىڭداۋ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى لياڭ جيەنيىڭ يەنىلا پەن تەتقىقاتتا يېڭىلىق يارىتىشقا رىشتە باغلاپ، يېڭى بىر ئەۋلاد يۇقىرى سۈرئەتلىك رېلىسلىق قاتناش تېخنىكىسىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى پائال پىلانلىدى.
«پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ غەمخورلۇقىنى كۈرەش قىلىشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىنى نىشانلاپ، يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك رېلىسلىق قاتناش جابدۇق تېخنىكىسىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش يولىدا، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى، قاتناش كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز» دېدى ئۇ تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن.
بۇ قېتىمقى بېيدەيخېدىكى يازلىق دەم ئېلىشقا يەنە ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى «چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرى» ئالاھىدە تەكلىپ قىلىندى.
جۇڭگو ماشىنىسازلىق سانائىتى گۇرۇھىغا قاراشلىق جۇڭگو 2 - ئېغىر تىپتىكى ماشىنىسازلىق گۇرۇھىنىڭ 80 مىڭ توننىلىق قېلىپلىق بازغانلاپ بېسىش ماشىنىسى بەنى - گۇرۇپپىسىنىڭ باشلامچىسى، «مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى» يې لىنۋېي دۆلىتىمىزنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇھىم تېخنىكىلىق جابدۇق ساھەسىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىل.
«بۇ غەمخورلۇق دۆلەتنىڭ سانائەت ئىشچىلىرى قوشۇنىغا بولغان يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى ۋە يۈكسەك ئىززەت - ھۆرمىتى، <چوڭ دۆلەت مۇھىم جابدۇقلىرىنى بەرپا قىلىش> بۇرچى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىدا چىڭ تۇرۇپ، قالتىس نەتىجىلەرنى يارىتىشقا ئىنتىلىشنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ھۈنەرۋەن روھىنى ئەمەلدە كۆرسىتىمىز.» دەم ئېلىش پائالىيىتىگە قاتناشقانلىقىدىن يې لىنۋېي چەكسىز شەرەپ ھېس قىلدى: «كەلگۈسىدە <ئۆگىتىش، ياردەم بېرىش، يېتەكلەش>نى تولۇق ياخشى قىلىپ، دۆلەت ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ <چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرى>نى يېتىشتۈرۈپ چىقىمىز».
جاھاندىكى تالانتلىقلار جۇڭگوغا جەم بولدى، ھەممە ئۆز قابىلىيىتىنى ئەركىن نامايان قىلدى.
كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، ئىختىساسلىقلارنى يېتەكلەش، ئىختىساسلىقلارنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرۈشتىن ئىبارەت كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە غەمخورلۇقىنى ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى تولۇپ تاشقان قىزغىنلىققا ئايلاندۇرۇپ، دادىللىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، دادىللىق بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇلۇغۋار مۇساپىسىدە تالانتىمىزنى نامايان قىلىمىز، تۆھپە قوشۇپ نەتىجە يارىتىمىز.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيدەيخې، 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى)