شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى 8 - ئاينىڭ 7 - كۈنىدىن بۇيان، گەنسۇنىڭ لەنجوۋ شەھىرى يۈجۇڭ ناھىيەسى قاتارلىق جايلار ئۇدا ياغقان قاتتىق يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىدى، 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى سائەت 15تىن 30 مىنۇت ئۆتكىچە، 10 ئادەم ئۆلدى، 33 ئادەم بىلەن ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالدى.
ئاپەت يۈزبەرگەندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى ھەم مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: گەنسۇنىڭ لەنجوۋ شەھىرى يۈجۇڭ ناھىيەسى قاتارلىق جايلار ئۇدا ياغقان قاتتىق يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچراپ، ئېغىر ئادەم ئۆلۈش - يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ھازىرقى جىددىي ئىش ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغانلارنى تۈرلۈك چارە - ئاماللار بىلەن ئىزدەش - قۇتقۇزۇش، ئاپەت تەھدىتىگە ئۇچرىغان ئاممىنى يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇش، ئادەم ئۆلۈش - يارىلىنىشنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىش، خەۋەرلىشىش ۋە قاتناشنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش. يېقىنقى مەزگىلدىكى ناچار ھاۋارايى كۆپ كۆرۈلۈش قاتارلىق ئەھۋاللارغا قارىتا، ھەرقايسى جايلار ۋە ئالاقىدار تارماقلار بىخۇدلۇق ئىدىيەسىنى قەتئىي تۈگىتىپ، خەۋپ - خەتەردىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش، ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، يوشۇرۇن خەۋپنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈزەشنى كۈچەيتىپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە نۆۋەتچىلىك - دىجورنىلىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قاراتمىلىق ھالدا ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنىڭ كەلكۈن مەزگىلىدىن بىخەتەر ئۆتۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغانلار، قاپسىلىپ قالغانلارنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ ئىزدەش - قۇتقۇزۇشنى چىڭ تۇتۇش، خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇش، خەۋەرلىشىش، قاتناش قاتارلىق زىيانغا ئۇچرىغان ئەسلىھەلەرنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ۋاقتىدا يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. ھازىر يەنىلا «7 - ئاينىڭ ئاخىرى، 8 - ئاينىڭ بېشى»دىكى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىمىز، دۆلەت كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشتابى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تەرەپلەرنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يامغۇر ئەھۋالى، كەلكۈن ئەھۋالىنى كۆزىتىپ ئۆلچەپ ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تاقابىل تۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئۆلۈش - يارىلىنىشنى ئازايتىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.
شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە لى چياڭنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى ئىزدەش - قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشقا نەق مەيدانغا خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتتى، گەنسۇ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار نەق مەيداندا خەۋپ - خەتەر ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، قوماندانلىق قىلدى. نۆۋەتتە، تۈرلۈك خىزمەتلەر جىددىي، تەرتىپلىك ئىشلەنمەكتە.