گېزىتىمىز، ئۈرۈمچى، 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دۇڭ لياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى مەملىكەتلىك 17 - قېتىملىق «ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش كۈنى». شۇ كۈنى، 2025 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ «ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش كۈنى» باش تېمىلىق پائالىيىتى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تەنتەربىيە باغچىسىدا باشلاندى.
باشلىنىش مۇراسىمى نەق مەيدانى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەۋەسكارلىرى، كەڭ شەھەر ئاھالىلىرى ھەم ساياھەتچىلەردىن بولۇپ 1000غا يېقىن كىشىنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى. پائالىيەتتە، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش ئەترىتى ئۆسمۈرلەر چامباشچىلىقى، ياش - ئۆسمۈرلەر ۋاسكېتبول مەدەتچىلەر گىمناستىكىسى، ئوتتۇرا ياش، ياشانغانلار تەنتەربىيە مودا كىيىم - كېچەكلەر كۆرگەزمىسى قاتارلىق ئېسىل كۆرگەزمە ئويۇنلىرىنى ئېلىپ كەلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ماشىنا ئادەم ۋە مەدەت بەرگۈچى ئوماقلار بىرلىكتە ئورۇنلىغان بەدەن چېنىقتۇرۇش گىمناستىكىسى نومۇرى نەق مەيداندىكى كۆرۈرمەنلەرنىڭ دىققىتىنى بەكلا تارتتى.
89 ياشلىق ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى لۇ ۋېندې نەق مەيداندا ئېسىل كۆرگەزمە ئويۇنلىرىنى كۆردى. ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ تەنتەربىيە باغچىسى بىلەن بولغان ئارىلىقى بەش مىنۇتلۇقلا يول، 2003 - يىلى كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇ ھەر كۈنى باغچىغا كېلىپ بەدەن چېنىقتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. «مەن ھەر كۈنى ئىككى قېتىم كېلىپ چېنىقىمەن، ھەر قېتىمدا بىر - ئىككى سائەت چېنىقىمەن. چېنىقىشنى داۋاملاشتۇرۇپ روھىمنىڭ كۆتۈرۈلۈپ قالغانلىقىنى، سالامەتلىكىمنىڭ ياخشىلانغانلىقىنى ھېس قىلدىم» دېدى لۇ ۋېندې.
باشلىنىش مۇراسىمىدىن كېيىن، ھەرقايسى ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش ئەترىتى ھەم كەڭ بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەۋەسكارلىرى تەنتەربىيە باغچىسىنى ئايلىنىپ پىيادە مېڭىش بەدەن چېنىقتۇرۇش مۇسابىقىسىگە قاتناشتى. تەنتەربىيە باغچىسىدا، ئاپتونوم رايون ھەم ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يەككە تۈر تەنتەربىيە جەمئىيەتلىرى، داڭلىق بەدەن چېنىقتۇرۇش كارخانىلىرى ھەرقايسى نۇقتىلاردا ئىلمىي بەدەن چېنىقتۇرۇش بويىچە مەسلىھەت بېرىش كۆرگەزمە سۇپىسى تەسىس قىلدى ھەم كۆرگەزمە ئويۇنى پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، تەنتەربىيە پەن تەتقىقات مۇتەخەسسىسلىرى كەڭ شەھەر ئاھالىلىرى، ساياھەتچىلەرنى بەدەن سۈپىتىنى تەكشۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن ھەقسىز تەمىنلىدى.
شۇ كۈنى، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىمۇ ئۆز جايىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، بەس - بەستە «ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش كۈنى» باش تېمىلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇردى. قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ «ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش كۈنى» باش تېمىلىق پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا، ھەر مىللەت ئامما ئارغامچا تارتىشىش، تىكتاك توپ پۈۋلەش، خۇلا چەمبىرىكى پىرقىرىتىش قاتارلىق قىزىقارلىق مۇسابىقىلەرنى ئۆتكۈزدى؛ نىلقا ناھىيەسىنىڭ 32 - نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە ئوتلاق بوكس تەكلىپ مۇسابىقىسى باشلىنىپ، شۇ جايدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى بەس - بەستە مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى؛ 2025 - يىللىق مەملىكەتلىك قۇملۇق ۋالىبولى سەييارە مۇسابىقىسى خوشۇت ناھىيەسىدە كەسكىن ئۆتكۈزۈلۈۋاتىدۇ. 2025 - يىللىق WKG مەملىكەتلىك ياش - ئۆسمۈرلەر ئېلىشىش ماھىرلىرى چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسى ئاقسۇ شەھىرىدە قىزغىن ئېلىپ بېرىلدى... تۈرلۈك ئېسىل مۇسابىقىلەر ۋە پائالىيەتلەر ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇشقا قاتنىشىش قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتتى.