گېزىتىمىز، ئۈرۈمچى، 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ھۆكۈمەت سىستېمىسىدىكى رەھبىرىي كادىرلار ئىقتىسادىي تەپتىش مەخسۇس لېكسىيەسى ئۆتكۈزدى، لېكسىيەدە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر قاتار ئورۇنلاشتۇرۇشى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ھۆكۈمەت سىستېمىسىدىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، مالىيە - ئىقتىساد ئىنتىزام قارىشىنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە تەربىيەلىدى، يېتەكلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.
ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسى ئىقتىسادىي مەسئۇلىيەتنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى سۈي جېنلۇڭ «مالىيە - ئىقتىساد ئىنتىزامىنى چىڭىتىش، ھوقۇق يۈرگۈزۈشنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىكىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىش»نى چۆرىدەپ مەخسۇس تېمىدا دەرس ئۆتۈپ، دۆلەت ئىقتىسادىي تەپتىشلىكىنىڭ ئاساسىي مەسئۇلىيىتى، نىشان ئورۇن بېكىتمىسى، كەسىپ تۈرى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىكىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى، مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىغا ئالاقىدار تەلەپلەر قاتارلىقلارنى چۈشەندۈردى.
ئەركىن تۇنىياز مۇنداق كۆرسەتتى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشنى نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، دىققەتنى نۇقتىلىق ساھەلەردە ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشنى قانات يايدۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوللاپ ۋە ئۇنىڭغا ماسلىشىپ، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشتا تەكشۈرۈپ چىقىلغان مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل تۈزىتىپ، ئىقتىسادىي تەپتىش تەكلىپىنى چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىپ قوبۇل قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش ئارقىلىق، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىپ تۈزىتىشنى سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، «بىرىنچى باشلىق»نىڭ تۈزىتىش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشتا تەكشۈرۈپ چىقىلغان مەسىلىلەرگە سېلىشتۇرۇپ قەرەللىك ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك. بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلىرىنىمۇ بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، «قايتا تەكشۈرۈش»نى قەرەللىك قانات يايدۇرۇپ، مەنبەنى چوڭقۇر قېزىپ، يوچۇقلارنى قەتئىي ئېتىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىكى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە، كۆزىتىش - تەكشۈرۈش قاتارلىق تۈرلۈك نازارەتچىلىكنى تۇتاشتۇرۇش ۋە ماسلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىپ تۈزىتىشتىكى «كېيىنكى باسقۇچلۇق ئىش»نى پۇختا ياخشى ئىشلىشى كېرەك.
ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەلەپ قىلدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگانلىرى ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «15 - بەش يىل»لىق ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتىنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە پىلانلاپ، تۈزۈپ، ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ «ئىلمىي قېلىپلاشتۇرۇشنى ئۆستۈرۈش يىلى»دىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەتقىقات تىپىدىكى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشنى ئەمەلىي ئىشلىشى كېرەك. ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈش، راست گەپ قىلىش، ھەقىقىي ئەھۋالنى مەلۇم قىلىشنى باشتىن - ئاخىر ئىشقا ئاشۇرۇپ، نازارەتچىلىك سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، ھۆكۈمەت ئورگىنى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، ھۆكۈمەت تەركىبىدىكى ھەرقايسى تارماقلار، بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلار، ئۈرۈمچىدىكى ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوملار، ئاپتونوم رايوندىكى چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى كارخانىلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار لېكسىيەگە قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى، پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار تەكلىپ بىلەن لېكسىيەگە قاتناشتى. يىغىن سىنلىق شەكىلدە ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلارغىچە ئۇلىنىپ ئېچىلدى.