7 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، ساياھەتچىلەر خوتەن كەچلىك بازىرىدا ئەدەبىيات - سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرمەكتە. يازدا، توردا ئالقىشلانغان جاي خوتەن كەچلىك بازىرى نۇرغۇن ساياھەتچىنى بۇ يەرگە كېلىپ مەززىلىك تائاملارنى تېتىشقا، ناخشا - ئۇسسۇللاردىن ھۇزۇر ئېلىشقا جەلپ قىلدى. □ شۈ شياۋلۇڭ فوتوسى
□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ
تاڭ نۇرى ئەمدىلا كۆتۈرۈلگەنىدى، ئاراتاش سۇچىلىق تۈگۈنى توسمىسى تىنچلىق بېغىشلىدى، ئېگىز قىساڭدا كۆل ھاسىل بولدى؛ چىڭقى چۈشتىكى ئوتتەك ئاپتاپتا، قورغاس پورتىدا دۆلەت دەرۋازىسى ھەيۋەت قەد كۆتۈرگەن بولۇپ، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرى ئاستا - ئاستا ئۆتمەكتە ئىدى؛ تۈن پەردىسى يېيىلغاندا، خوتەن كەچلىك بازىرىدا مەززىلىك تائاملارنىڭ خۇش ھىدى ئەتراپقا تارالدى، ساياھەتچىلەرنىڭ خۇشال كۈلكىسى ئاڭلىنىپ تۇراتتى، رەڭگارەڭ چىراغ نۇرلىرى قايناق بازارغا نۇر چېچىپ تۇراتتى؛ تاڭ سەھەردە، ئاقسۇ شەھەرلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا بويىچە ئىگىلىك تىكلەش، يېتىشتۈرۈش بازىسىدىكى ھەرقايسى تور سودىگەرلىرى تاۋارلارنى تاللاش، ئايرىپ قاچىلاش، ئوراش بىلەن ئالدىراش ئىدى...
«سىلەرنىڭ تۇرمۇشىڭلارنىڭ بايا ئورۇنلانغان ئەڭ گۈزەل جاي يەنىلا بىزنىڭ شىنجاڭ دېگەن ناخشىدەك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن!» بۇ، 2014 - يىلى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەرمىللەت ئوغۇل - قىزلارغا قىلغان سەمىمىي تاپشۇرۇقى ۋە گۈزەل تىلىكى ئىدى.
پارتىيەنىڭ ئىللىق نۇرى، مېھىر - شەپقىتىگە چۆمۈلۈپ ۋەتەن قوينىدىكى شىنجاڭ بارغانسېرى گۈللەندى، گۈزەللەشتى. بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭدا جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم بولدى، ئىقتىساد ساغلام تەرەققىي قىلدى، خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلىدى، ھەرمىللەت ئاممىنىڭ چېھرىدە بەخت تەبەسسۇمى جىلۋىلىنىپ، كۆتۈرەڭگۈ ھالدا جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان جۇشقۇنلۇق ۋە ھاياتىي كۈچنى تارقىتىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش داغدام يولىدا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۇچقاندەك ئىلگىرىلىدى.
بەخت ئاساسىي رېڭى تېخىمۇ جۇلالاندى
«ھەر كۈنى ساياھەتچىلەرنىڭ يۇرتۇمنىڭ ياڭاقلىرىنى سېتىۋېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئىچ - ئىچىمدىن خۇشال بولۇپ كېتىمەن» دېدى 7 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازاردىكى مېۋە - چېۋە بازىرىدا كوناشەھەر ناھىيەسىدىن كەلگەن سېتىش خادىمى بېلىقىز ھوشۇر.
بېلىقىز ئىلگىرى ياڭاق ئۆستۈرىدىغان دېھقان بولۇپ، تەكلىپ قىلىش ئارقىلىق مېۋە - چېۋە بازىرىغا كېلىپ، بۈگۈنكى كۈندە مۇنەۋۋەر سېتىش خادىمىغا ئايلاندى. «يۇرتۇمنىڭ ياڭاقلىرىنىڭ قىممىتى بۇ يەردە ھەسسىلەپ ئاشتى، يەنە، شىنجاڭنىڭ سوۋغاتلىق بۇيۇمىغا ئايلاندى، بۇمۇ، يۇرتداشلارنىڭ ياڭاق ئۆستۈرۈپ تېخىمۇ كۆپ پۇل تاپالايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ».
مېۋە - چېۋە بازىرى شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى بەرپا قىلغان بىر پونكىت شەكلىدىكى سېتىش سۇپىسى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ 100 خىلدىن ئارتۇق خاس مېۋە - چېۋىلىرى، قۇرۇق يەل - يېمىشلىرى، شۇنداقلا ئالاقىدار مەھسۇلاتلار توپلانغانىدى، ھازىر ساياھەتچىلەر قىزغىن تەرىپلىگەن «توردا ئالقىشلانغان جاي»غا ئايلاندى.
«سىلەرنىڭ داۋاملىق تىرىشىپ، شىنجاڭنىڭ خاس بايلىقىنى يەنىمۇ ياخشى ئېچىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆپرەك تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.» باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھىنىڭ تور ۋە تور سىرتىنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى ناھايىتى مۇئەييەنلەشتۈردى.
«باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى بىز ھەر ۋاقىت ئەستە چىڭ ساقلايمىز. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىز شىنجاڭنىڭ خاس باغ - ئورمانچىلىقىنى كەسىپلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى چۆرىدەپ كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىدىغان جايلار بىلەن بازارنى تېخىمۇ ياخشى تۇتاشتۇرۇپ، سېتىۋېلىش، سېتىشتىن ئىبارەت ئىككى تور قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، <يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار>غا مۇلازىمەت قىلىش ئارقىلىق كىرىمنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بەردۇق» دېدى شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى داتاڭ يىپەك يولى ئېلېكتىرونلۇق سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى ياڭ يۇڭشياڭ.
بىر تال ياڭاقتىن بىر تال نەشپۈت، بىر غوزا پاختىغىچە... يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، ھەرقايسى جايلاردىكى ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى، شۇنداقلا «خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش» تەلىپىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇنى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئەمەلىي ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئايلاندۇردى.
ياڭ شۇاڭيۈەن جۇڭگو - قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ «بوشلۇقتىكى قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكى»دىكى ئاسما كىران مەشغۇلات خادىمى بولۇپ، ئۇنىڭ مەشغۇلات قىلىشى بىلەن، تاموژنىغا مەلۇم قىلىش تاماملانغان چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا تاۋارلىرى ئاسما كىران ئارقىلىق قازاقىستان تەرەپكە توشۇلۇپ، يۈك ئاپتوموبىللىرىغا قاچىلانغاندىن كېيىن ياۋروپاغا قاراپ يولغا چىقىدۇ. ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشكە دائىر تېخىمۇ كۆپ يېڭى ئەندىزىنى ئۈزلۈكسىز ئوتتۇرىغا چىقىرىشىغا ئەگىشىپ، ياڭ شۇاڭيۈەن ئىلگىرىكىدىنمۇ بەكرەك ئالدىراش بولۇپ كەتتى.
«ئەگەر يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلسا، شىنجاڭ ئاۋات مەركەزگە ئايلىنىشى مۇمكىن.» شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ تەسۋىرلىگەن گۈزەل مەنزىرىلەر شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنى قۇرۇشنى تېزلىتىش مۇساپىسىدە، تەدرىجىي ھالدا ئۇلۇغۋار پىلاندىن رېئاللىققا ئايلانماقتا.
يوللار راۋانلاشتى، ئېچىۋېتىش جانلاندى، ئىقتىساد گۈللەندى. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تۈرتكە قىلىپ، ئۆزىنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا سىڭدۈرۈش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ئېلاستىكلىقى تېخىمۇ تولۇق، ھاياتىي كۈچى تېخىمۇ كۈچلۈك بولدى.
تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئانار گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلدى
«مەن قىزىل ئائىلىدە تۇغۇلۇپ ئۆستۈم، قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەۋلادى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق پارتىيەنى قىزغىن سۆيىدىغان، ۋەتەننى قىزغىن سۆيىدىغان، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيىدىغان ئېسىل ئائىلە ئىستىلىغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىمەن ھەم ئۇنى ياخشى ئەۋج ئالدۇرىمەن، شۇنداقلا ئۆز ھەرىكىتىم ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ <ئالتۇن ئۇرۇقى>نى كىشىلەر قەلبىگە چاچىمەن» دېدى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيىدا، قۇربان تاغىنىڭ ئەۋلادى، خاتىرە ساراينىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى رۇقىيەم مەتسەيدى باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا كەلگەن پارتىيە ئەزالىرىغا چۈشەندۈرگەندە ھاياجانلانغان ھالدا.
مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قەلبكە ئورنىدى، ھەرىكەتكە ئايلاندى. ھازىرغىچە، «جۇڭخۇا بالىلار خەير - ساخاۋەت جەمئىيىتى قۇربان تۇلۇم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە ئۆزئارا ياردەم بېرىش مەخسۇس فوندى» جەمئىي 5700دىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئاممىغا ياردەم بەردى. ۋۇخەندىكى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جىددىي پەيتىدە، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بىرىنچى سېپىگە مېھىر - شەپقەت گۈرۈچى ھەدىيە قىلدى. «جۇڭخۇا مىللىتى بىر چوڭ ئائىلە، ھەرقايسى مىللەتلەر بىر ئائىلە كىشىلىرى بولۇپ، بىرلىكتە ياخشى كۈنلەرگە ئېرىشتۇق. بىر ئائىلە كىشىلىرى بولغان ئىكەنمىز، ئىناق ئۆتۈپ، خۇددى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىمىز كېرەك» دېدى رۇقىيەم مەتسەيدى.
مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى - ئىلگىرىلىشىنىڭ ئۇل تېشى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ پارتىيەنىڭ مىللەت سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىدى.
سالىقجان ئىمىن ئون نەچچە يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، ئۆز ھويلىسىدا دۆلەت بايرىقى چىقرىشنى داۋاملاشتۇردى؛ سەككىز سائەت ۋاقىت سەرپ قىلىپ، 1400 كىلومېتىر مۇساپىنى ھالقىپ، ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى ئەزەلدىن تونۇشمايدىغان كىشىلەر مېھىر - مۇھەببەت نامى بىلەن ئورتاق كۈچ ئۇلاپ، خوتەنلىك بىلىكى ئۈزۈلگەن ئوغۇل بالىنى قايتىدىن ھاياتلىققا ئېرىشتۈردى؛ ئەما بولايلا دەپ قالغان قەشقەرلىك ئوغۇل بالا ئابدۇغېنى مامۇت شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن دوختۇرلارنىڭ ياردىمىدە گۇاڭجوۋغا بېرىپ «يېشىل يول»دىن بەھرىمەن بولدى، ئۇنىڭغا كۆز مۈڭگۈز پەردىسى كۆچۈرۈلدى؛ تاسادىپىي ھادىسىگە ئۇچرىغان جياڭسۇلۇق شوپۇر جاۋ شۈلېيغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، مەنسۇر پەتتار بىلەن مەمەت نۇردۇن 4700 كىلومېتىر مۇساپىنى بېسىپ، سەككىز كۈندۈز، سەككىز كېچە ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئۆز خىراجىتى بىلەن ۋاكالىتەن ئاپتوموبىل ھەيدىدى؛ گۇاڭشىلىق ساياھەت يېتەكچىسى چاڭ جيابىڭ قارامايدا خۇرۇم سومكىسىنى يىتتۈرۈپ قويدى، ھوشۇراخۇن قۇربان ئۇنى تېپىۋېلىپ، ئىگىسىنىڭ قولىغا ساق - سالامەت قايتۇرۇپ بەردى، ئىككى ئائىلە كىشىلىرى شۇنىڭ بىلەن تۇغقانلارغا ئايلاندى... «ئانار گۈلىدەك پورەكلەپ ئېچىلىپ، ھەممە بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش»تەك بۇ ئىناقلىق مەنزىرىسى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇپ، ئىتتىپاق، دوستانە ئۆتۈۋاتقانلىقىنىڭ ھەقىقىي كارتىنىسى، شۇنداقلا بۇ شۇنى جانلىق ئىسپاتلاپ بېرىدۇكى، پەقەت جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىگەندىلا، ئاندىن شىنجاڭدا جەمئىيەت مۇقىم بولغان، ئىقتىساد تەرەققىي قىلغان، خەلق تۇرمۇشى ياخشىلانغان، ھەر مىللەت ئامما خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان چوڭ ياخشى ۋەزىيەت بولىدۇ.
«شىنجاڭنىڭ تارتىش كۈچى» سىجىل قويۇپ بېرىلدى
7 - ئاينىڭ 4 - كۈنىدىن 8 - كۈنىگىچە، جۇڭگودىكى چەت ئەل سودا - سانائەت ساھەسىنىڭ بەش چوڭ قىتئەدىكى 13 دۆلەتتىن كەلگەن ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولدى.
«ئېكسكۇرسىيە قىلىش ئارقىلىق، شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ئەمەلىي كۈچىنى كۆردۇق.» رۇسىيە ئىتتىپاق سودا بانكىسى پاي شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن لىدىرى سېرگېي سارونوف شىنجاڭنى ھاياتىي كۈچ ۋە پۇرسەتكە تولغان مېھىرلىك تۇپراق ئىكەن، دەپ تەرىپلىدى. ئۇ شىنجاڭنىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنىڭ ئىنتايىن دوستانە ئىكەنلىكى، ھۆكۈمەتنىڭ كارخانىلارنىڭ يول ئېچىشىغا پائال ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ غەم - ئەندىشىسىنى تۈگىتىدىغانلىقىغا دىققەت قىلدى.
شېنجېن شەھىرى خۇاڭچۆ خەلقئارا لايىھەلەش چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، قوشۇمچە زۇڭسەي مارىئو پافېڭ مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا ئىكەن دەپ ھاياجانلىنىش بىلەن بىللە، تېخىمۇ ئەمەلىي پىلان تۈزدى، «مەن جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن، شىنجاڭدا تارماق شىركەت قۇرۇپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن».
شىنجاڭدىن ناھايىتى زور ئۈمىد كۈتكەن چوڭ كارخانا، چوڭ گۇرۇھلار بەس - بەستە يېتىپ كەلدى − جۇڭگو نېفىتى، جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى، دۆلەت ئېلېكتىر تورىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 11 مەركەز كارخانىسى «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە شىنجاڭدا 38 تۈرگە مەبلەغ سالىدۇ، ئومۇمىي سېلىنما سوممىسى 611 مىليارد 706 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ.
شىنجاڭدىن ناھايىتى زور ئۈمىد كۈتكەن يابۇلى مۇنبىرىگە قاتناشقان كارخانىچىلارنىڭ قىزغىنلىقى ئۇرغۇدى − قار - مۇز كەسپى، يېڭى ماتېرىيال، يېڭى ئېنېرگىيە، چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق كەلگۈسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان كەسىپلەرنى كۆزلەپ، شىنجاڭنىڭ كەسىپ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە كۈچ قوشۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.
شىنجاڭدىن ناھايىتى زور ئۈمىد كۈتكەن ئاكادېمىكلار، مۇتەخەسسىسلەر ئارقا - ئارقىدىن كەلدى − شىنجاڭنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشى، يېشىل تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن «تومۇر تۇتۇپ» ئەقىل كۆرسىتىدۇ، تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىدۇ.
يېڭى دەۋرنىڭ باھار شامىلىدا، «شىنجاڭنىڭ تارتىش كۈچى» سىجىل قويۇپ بېرىلدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا پەيتنى قولدىن بەرمەي، پالاقنى كۈچەپ ئۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش دولقۇنى مەۋج ئۇردى.
شىنجاڭدىكى 25 مىليوندىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلار باش شۇجىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، قىلچە بىپەرۋالىق قىلمايدىغان روھىي ھالەت ۋە توختىماي ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش قىلىش ھالىتى ئارقىلىق، كۆتۈرەڭگۈ روھ، جاسارەت بىلەن ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ!