□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گۇەن مېڭيىڭ
«بۇ قېتىملىق يازلىق لاگېر بەك قالتىس بولدى، مەن نۇرغۇن جايغا باردىم، يەنە نۇرغۇن يېڭى دوست تۇتتۇم...» 7 - ئاينىڭ 9 - كۈنى كەچتە، مۇخبىر ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىدا 13 ياشلىق ئېلزات غەنىنى ئۇچراتقاندا، ئۇ ئۇچىسىغا «خاڭجوۋ - ئاقسۇ قول تۇتۇشۇش يازلىق لاگېرى» دېگەن خەتلەر چۈشۈرۈلگەن ئەترەت كىيىمىنى كىيىۋالغان بولۇپ، خاڭجوۋدا كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىنى ھاياجانلانغان ھالدا ساۋاقداشلىرى بىلەن ئورتاقلىشىۋاتاتتى.
ئېلزات ئاقسۇ شەھەرلىك تيەنخاڭ تەجرىبە مەكتىپىدىن كەلگەن، بۇ قېتىم ئۇ ئاقسۇ شەھىرىدىكى 73 نەپەر مۇنەۋۋەر پىيونېر بىلەن بىرلىكتە يەتتە كۈن داۋاملاشقان 6 - نۆۋەتلىك خاڭجوۋ - ئاقسۇ ياشلار، ئۆسمۈرلەر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە «قول تۇتۇشۇش» يازلىق لاگېر پائالىيىتىگە قاتناشتى. بۇ قېتىمقى يازلىق لاگېرنى خاڭجوۋ شەھەرلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى خاڭجوۋ شەھەرلىك كومىتېتى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئاقسۇ شەھەرلىك كومىتېتى قاتارلىق كۆپ تارماق كۆڭۈل قويۇپ پىلانلىغان بولۇپ، ئاقسۇ شەھىرىدىكى ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا خاڭجوۋ شەھىرى، شاۋشىڭ شەھىرى، يۈياۋ شەھىرى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىش، پىكىر ئالماشتۇرۇشقا تەشكىللىگەن.
كېمىگە ئولتۇرۇپ شىخۇ كۆلىدە سەيلە قىلىش
تومۇزدىكى خاڭجوۋدا، سۇ يۈزى جىمىرلاپ گۈزەل تۈسكە كىرگەنىدى. 7 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، 6 - نۆۋەتلىك خاڭجوۋ - ئاقسۇ ياشلار، ئۆسمۈرلەر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە «قول تۇتۇشۇش» يازلىق لاگېرىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى خاڭجوۋ ياشلار، ئۆسمۈرلەر پائالىيەت مەركىزىنىڭ بىنجياڭ تارماق مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. نەق مەيداندا، ئاقسۇ شەھەرلىك 15 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئېكسانجان ئىمىنجان سەھنىگە چىقىپ ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ نومۇر ئورۇنلىدى، «شىنجاڭ ناخشا - ئۇسسۇل ماكانى، مەن <شىنجاڭلىقلار> دېگەن بۇ ناخشا ئارقىلىق خاڭجوۋدىكى ساۋاقداشلارنىڭ بىزگە قارىتا كۆپرەك چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى ئېكسانجان.
لاگېرنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ساۋاقداشلار كېمىگە ئولتۇرۇپ لېي فېڭ مۇنارى، خۇشىن شىپاڭى قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرىدا سەيلە قىلدى. «مەن بەي جۈيى، سۇ شىلارنىڭ شىخۇ كۆلىنى تەسۋىرلەپ يازغان نۇرغۇن شېئىرىنى ئوقۇغان، شىخۇ كۆلى ھەقىقەتەن بەك گۈزەل ئىكەن» دېدى ئاقسۇ شەھىرى ئايكۆل بازىرى سايلىق باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى قەدىرىيە.
شامال نېلۇپەر گۈللىرىنى سىيپاپ ئۆتتى، سۇ قۇشلىرى لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشتى... يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇ بالىلارنىڭ تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇرغان چېھرىدە روشەن ئىپادىسىنى تاپتى. «مەن نۇرغۇن سۈرەت تارتىپ، ئاتا - ئانامغا ئەۋەتىپ بەردىم» دېدى سايلىق باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى نەزىرە ئالىمجان.
ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى ئورتاق بايان قىلىش
«مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم، بىر دەقىقىمۇ ئايرىلالمايمىز...» لاگېرنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا، سەپەردە ئاپتوموبىللىق كېتىۋاتقاندا، خاڭجوۋ - ئاقسۇ ئىككى جايدىكى ساۋاقداشلار كۆپ قېتىم «مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم» دېگەن ناخشىنى ئېيتتى. «مەن ۋەتىنىمنى سۆيىمەن، ئەگەر ئانا ۋەتىنىم بولمىسا، بىزنىڭ بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشىمىز بولمايتتى» دېدى قەدىرىيە.
جياشىڭ شەھىرىنىڭ نەنخۇ كۆلى ئىنقىلابىي خاتىرە سارىيىدا، ساۋاقداشلار «قىزىل كېمە يولغا چىقتى» باش تېمىسىدىكى كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، چۈشەندۈرۈشنى ئەستايىدىل كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، تارىخىي سۈرەتلەرنى كۆردى. «ئېكسكۇرسىيە قىلىش ئارقىلىق، مەن ئەجدادلىرىمىزنىڭ جاپا - مۇشەققەتتىن قورقمايدىغان، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىدىغان ئىنقىلاب قىزغىنلىقىنى ھېس قىلدىم، مەن تىرىشىپ ئۆگىنىپ، چوڭ بولغاندا نەتىجە يارىتىمەن» دېدى نەزىرە.
«جىڭجۇڭ خاتىرە راۋىقىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى تامغا <ساداقەتمەنلىك> <ۋاپادارلىق> دېگەن ئىككى چوڭ خەت يېزىلىپتۇ...» يۆۋاڭمياۋ ئىبادەتخانىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شۇ كۈنى كەچتە، ئېلزات ئاتا - ئانىسىغا تېلېفون قىلىپ شۇ كۈندىكى كۆرگەنلىرىنى سۆزلەپ بەردى. «ۋاقىتنى بىھۇدە ئۆتكۈزمەسلىك كېرەك، بولمىسا، چاچلار ئاقارغاندا پۇشايمان قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بىز ۋاقىتنى قەدىرلەپ تىرىشىپ ئوقۇپ، ۋەتەنگە تۆھپە قوشۇپ نەتىجە يارىتىشىمىز كېرەك» دېدى ئېلزات.
لۇ شۈننىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسىدا قانات يايدۇرۇلغان تەتقىق قىلىش خاراكتېرلىك ئۆگىنىش پائالىيىتى داۋامىدا، قەدىرىيە ساۋاقداشلار بىلەن بىرلىكتە ھۆسنخەت ئۆگىنىپ، قەدىمىي شېئىرلارنى دېكلاماتسىيە قىلىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ھېس قىلدى. «بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم موي قەلەمدە خەت يېزىشىم، ياخشى يازالمىغان بولساممۇ، لېكىن مۇئەللىم مېنى ئىزچىل ئىلھاملاندۇردى. قايتىپ بارغاندىن كېيىن مەن داۋاملىق ھۆسنخەت مەشىق قىلىپ، ئەسەرلىرىمنى خاڭجوۋدىكى مۇئەللىمىمگە ئەۋەتىپ بېرىمەن» دېدى قەدىرىيە.
قايتا كۆرۈشۈشكە ۋەدىلىشىش
ئىككى جايدىكى ياشلار، ئۆسمۈرلەر يەنە پۇتبول بىرلەشمە دوستلۇق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى، يېشى تەڭ دېمەتلىك، قىزىقىشى ئوخشاش بولغاچقا، بىر مەيدان پۇتبول مۇسابىقىسى ئۇلارنىڭ ئارىلىقىنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇردى. «مەن نۇرغۇن ياخشى دوست بىلەن تونۇشتۇم، شۇنداقلا خاڭجوۋ شەھەرلىك مەييۈچياۋ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ساۋاقداش شۈ جىڭيۈ بىلەن قايتا كۆرۈشكەندە يەنە بىرلىكتە توپ تېپىشكە ۋەدىلەشتۇق» دېدى ئاقسۇ شەھەرلىك 4 - باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى رىفات دىليار.
«بىز ھەممىمىز تىرىشىپ ئوقۇپ، كەلگۈسىدە ئوخشاش بىر داشۆگە ئۆتەيلى، بولامدۇ...» ئايرىلىدىغان چاغدا، قەدىرىيە خاڭجوۋ سىفەن داشۆسى قارىمىقىدىكى يىنۇڭ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ۋاڭ يۈتۇڭ بىلەن مۇشۇنداق ۋەدىلەشتى.
«كېلەر يىلى يازلىق تەتىلدە، سىز ئاتا - ئانىڭىز بىلەن بىزنىڭ ئۆيگە كېلىڭ» نەزىرە خاڭجوۋ سىفەن داشۆسى قارىمىقىدىكى يىنۇڭ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى گو سىيۈنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلدى.
قىسقىغىنا يەتتە كۈن ۋاقىتتا، ئىككى جايدىكى ياشلار، ئۆسمۈرلەر بىرلىكتە ئېكسكۇرسىيە، سەيلە - ساياھەت قىلىپ، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ ھېس قىلىپ، ھەمتۈرتكىلىك پىكىر ئالماشتۇرۇپ، قەلبىگە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقىنى چاچتى، ئۇلار كەلگۈسىگە ئاتلىنىش يولىدا بىرلىكتە تىرىشىپ، قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەشكە ۋەدىلەشتى.