ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن چىنيەن، ئىختىيارىي مۇخبىرلار ليۇ مېڭشىن، چېن جاۋلىن خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، شېنجېن ئىختىساسلىقلار تەتقىقات خاراكتېرلىك بىلىم ئاشۇرۇش بازىسى(قەشقەر)نىڭ يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمى ھەم شېنجېن - قەشقەر ئىختىساسلىقلار تەتقىقات خاراكتېرلىك بىلىم ئاشۇرۇش يۇرتى قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش خىزمىتىنى باشلاش مۇراسىمى قەشقەردە ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ توققۇز ئاكادېمىكى بىرلىكتە شېنجېن، قەشقەر ئىككى جاينىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشىدا يېڭى قەدەم تاشلىغانلىقىغا گۇۋاھ بولدى.
شېنجېن ئىختىساسلىقلار تەتقىقات خاراكتېرلىك بىلىم ئاشۇرۇش بازىسى(قەشقەر)نىڭ يوپۇقىنى ئېچىش ھەم شېنجېن - قەشقەر ئىختىساسلىقلار تەتقىقات خاراكتېرلىك بىلىم ئاشۇرۇش يۇرتى قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتىنى باشلاش شېنجېن - قەشقەردىن ئىبارەت ئىككى جايدا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش كۆۋرۈكىنى سالىدۇ، شېنجېننىڭ يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلىرى بۇ سۇپا ئارقىلىق پەن تەتقىقات ھەمكارلىقى، تېخنىكا مەسلىھەتچىلىكى، نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىنى ئىختىساسلىقلار تىرىكى ۋە ئەقلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ.
«قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش، تەتقىقات خاراكتېرلىك بىلىم ئاشۇرۇش ھەمدە شېنجېن - قەشقەردىن ئىبارەت ئىككى جايدىكى تۈرلۈك ئىختىساسلىقلار جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمتۈرتكە بولۇشى قاتارلىق خىزمەتلەرنى چۆرىدەپ، ئىختىساسلىقلار تەتقىقات خاراكتېرلىك بىلىم ئاشۇرۇش بايلىقىنى ئېچىش، بىرىكتۈرۈش ھەمدە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، شېنجېن بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئىختىساسلىقلار جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمتۈرتكە بولۇش، مۇلازىمەت قىلىش سۇپىسىنى ياخشى بەرپا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.» جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى ھوشۇر ئىسلام ئاكادېمىكلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلغاندا مۇنداق دېدى: شېنجېن شەھەرلىك ئىختىساسلىقلار تەتقىقات خاراكتېرلىك بىلىم ئاشۇرۇش يۇرتىنىڭ ئۇسۇلىنى ئۆگىنىپ، ئىختىساسلىقلار دۆلەت ئەھۋالى بويىچە تەتقىقات خاراكتېرلىك بىلىم ئاشۇرۇشنى قانات يايدۇرۇش، ئىلىم ئالماشتۇرۇش بىلەن تەمىنلەش، كارخانا بىلەن ئەقىل - پاراسەتنى ئۇدۇللاشتۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەش ۋە ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.
«قەشقەر ۋىلايىتى شېنجېن ئىختىساسلىقلار تەتقىقات خاراكتېرلىك بىلىم ئاشۇرۇش بازىسى(قەشقەر)دىن ئىبارەت بۇ سۇپىدىن پايدىلىنىپ، دەۋر ئېقىمىغا ماسلىشىپ، پۇرسەتنى سەزگۈرلۈك بىلەن چىڭ تۇتۇپ، يېڭى يول ئېچىش جەريانىدا تەرەققىياتتا بۆسۈپ ئۆتۈش، بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ» دېدى قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى ئەنۋەر تۇرسۇن.