ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 12 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ دۆربىلجىن ناھىيەسى، تولى ناھىيەسى قاتارلىق جايلارغا كېلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا ناھىيە رايونى خاس كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتى، ئاساسىي قاتلام تەشكىلات قۇرۇلۇشى، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، ئېكولوگىيەنى قوغداش قاتارلىق خىزمەتلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئورۇن بېكىتمىسى ۋە يۆنىلىشنى توغرا تېپىپ، سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، ناھىيە رايونى ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈپ، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش كېرەك.
دۆربىلجىن ناھىيەسى (بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك، لياۋياڭ) سانائەت باغچە رايونى لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ ياردەم بېرىپ قۇرۇش پۇرسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، يېڭىچە زامانىۋى سانائەت باغچە رايونى بەرپا قىلدى. ما شىڭرۇي شىنتيەنجۈن ئۇنچىلىقى، لۇڭخۇييۈەن دورىگەرلىكى قاتارلىق كارخانىلارغا بېرىپ، باغچە رايونى ۋە كارخانىلارنىڭ قۇرۇلۇش تەرەققىياتى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى؛ شىنجاڭ قۇلىستاي چارۋىچىلىق چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ، خاس چارۋىچىلىق تەرەققىياتى خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: رايون ئورنى، بايلىق، سىياسەت، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەۋزەللىكنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك بۇغداي، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنى كەسىپلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش يوشۇرۇن كۈچىنى ئۈنۈملۈك قويۇپ بېرىپ، خاس كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، شىنجاڭنىڭ ئەۋزەل كەسىپلىرىنى توپلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا تىرەك بولۇش كېرەك.
دۆربىلجىن ناھىيەسىنىڭ شەھەر ئەتراپى يېزىسى گەنچۈەن كەنتى شەھەر ئەتراپى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، خاس يېمەك - ئىچمەك، ساياھەت، ئىستىراھەت قاتارلىق يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى. ما شىڭرۇي ئاساسىي قاتلامدىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇلارنى شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولى ۋە تەدبىرلىرىنى پىلانلاپ، يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكى، ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، سېتىشنى تۇتاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، مەدەنىيەت، ساياھەتنى يۇغۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشىلاشقا ئىلھاملاندۇردى.
مايتاس شامال رايونى كۆپ يىللىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق، ئىلگىرىكى «كونا شامال ئاغزى»دىن «يېڭى بوستانلىق»قا ئايلاندى. ما شىڭرۇي لاۋفېڭكوۋ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش مەركىزىگە كېلىپ، ئىھاتە ئورمان قۇرۇلۇشى، قۇلىستاي ئوتلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق نەتىجىلەرنى ئىگىلەپ، كۆپچىلىكنى داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، ئورمان بەلبېغى قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيەنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئورمان، ئوتلاق بايلىقىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشى قوغداپ، گۈزەل شىنجاڭغا ھۆسن قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى. دۆلەت ئېلېكتىر تورى مايتاس شامال ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ تىجارەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: «ئۈچ بازا، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ باشلامچىلىق، يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پاكىز ئېنېرگىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يەرلىكلەشتۈرۈپ پايدىلىنىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە كەسىپلىرى توپىنى زورايتىش، كۈچەيتىش كېرەك.
ما شىڭرۇي يەنە تولى ناھىيەسى ئېلېكتىرونلۇق سودا ئاممىۋى مۇلازىمەت مەركىزىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنىڭ تەرەققىياتى، خاس مەھسۇلاتلارنى سېتىش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىگىلىدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ناھىيە، يېزا، كەنت ئېلېكتىرونلۇق سودا ئەشيا ئوبوروتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنى سىياسەت جەھەتتىن قوللاش، سۇپا قۇرۇش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش قاتارلىقلارنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنىڭ كەڭ بازارغا يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ دېھقان - چارۋىچىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
ما شىڭرۇي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باش تېمىسىنى چىڭ كۆزلەپ، كەسىپ ئاساسىنى پۇختىلاپ، تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈپ، ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچنى زورايتىپ، ناھىيە رايونى ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى كەيپىيات يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەۋقەنى خاسلىققا قويۇپ ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى، تارباغاتاي نۇقتىلىق ئېچىش - ئېچىۋېتىش سىناق رايونى قۇرۇلۇشى ۋە «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىدىكى ئورۇن بېكىتمىسى ۋە رولىنى توغرا تېپىپ، بايلىق ئەۋزەللىكى، كەسىپ شارائىتى، رايون ئورنى مۇھىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەۋزەللىكنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، خاسلاشقان، پەرقلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى ئىلمىي پىلانلاش كېرەك. ناھىيە رايونى ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ناھىيە تەۋەسىدىكى ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە خەلقنى بېيىتىش كەسىپلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئەۋزەل يېتەكچى كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى ۋە رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى تېزلىتىپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىغا نەپ يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاپ، ئاساسىي قاتلامنى چىڭ تۇتۇشتىن ئىبارەت روشەن يۆنىلىشنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلام جەمئىيەت ئىدارە قىلىشقا باشلامچىلىق قىلىپ ۋە ئۇنى يۈكسەلدۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنى كۈچلۈك جەڭگىۋار قورغان قىلىپ قۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ بايلىقنىڭ ئاساسىي قاتلامغا مايىللىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشنىڭ ئىجتىمائىيلىشىش، قانۇنچىللىشىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش، كەسىپلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ناھىيە رايونى ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېشىل تەرەققىي قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى قەتئىي بوشاشماي ياخشى تۇتۇپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش بىلەن سىستېمىلىق تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇش يارىتىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈش، ئۆزئارا تولۇقلاشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. تەرەققىيات بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش، تەرەققىياتنى كۆزلەش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ھەمتۈرتكە بولۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بايلىقىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، يېڭى باسقۇچتىكى تەرەققىيات نىشانى، پىكىر يولى، تەدبىرىنى ئەستايىدىل ياخشى پىلانلاپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.
قادېن كەبىن قاتارلىقلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.