ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 12 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 188 - قېتىملىق دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، سۇچىلىق ساھەسىدىكى تېخنىكا - ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش، ئادەم ئالداپ سېتىش جىنايىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاش، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى جىددىي ۋەقەلەرگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش كاپالەت سىستېمىسىنى ئورنىتىش قاتارلىق ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى، ھۆكۈمەتنىڭ يېقىنقى مەزگىللىك نۇقتىلىق خىزمەتلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۈچۈن ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. بىز سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان تۈرلۈك ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە ۋە مۇھىم، زور تەدبىرلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى گەۋدىلىك ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئىستېمالنى كۈچەپ ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ۋە كېڭەيتىپ، پائال ھالدا بازار سۇبيېكتلىرىنى قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇپ قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتى بەرپا قىلىپ، ئىقتىساد سۈپىتىنىڭ ئۈنۈملۈك ئۆسۈشى ۋە مىقدارىنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ ساغلام يۈرۈشۈشى ۋە جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: سۇ شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ جان تومۇرى، شىنجاڭنىڭ سۇ تېجەش، سۇ ساقلاش، سۇ يۆتكەش خىزمىتىنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، سۇچىلىق ساھەسىدە زور بىر تۈركۈم تېخنىكا - ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىغا بولغان ئېھتىياج جىددىي بولماقتا. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە كەسىپنى يېتەكچى قىلغان كەسپىي مائارىپنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، سۇچىلىق ساھەسىدىكى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش قاتلىمىنى ئۆستۈرۈپ، كەسىپلەشكەن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنىڭ يۇغۇرۇلۇش، مەكتەپ بىلەن كارخانا ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زامانىۋى كەسپىي مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ سۇچىلىق ئىشلىرىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئادەم ئالداپ سېتىش جىنايىتىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاش پۇقرالارنىڭ ئاساسىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى سىجىل ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر. قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، ئادەم ئالداپ سېتىشقا قارشى تۇرۇش خىزمىتى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەتتىكى كۈچلەر قاتنىشىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پۇقرالارنىڭ ئاساسىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار، ھەرقايسى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى كارخانىلىرى سىستېمىلىق پىلانلاش، سىستېمىلىق كۈچەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بويىچە جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بىخەتەرلىكىدىكى مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بىخەتەرلىكىدىكى پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك، كۆپ نۇقتىدىن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، ئورتاق تۈزەش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بىخەتەرلىكىدىكى تاسادىپىي ۋەقەلەرگە ماسلىشىپ تاقابىل تۇرۇپ ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بىخەتەرلىكى سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشى كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: بۇ يىللىق ئىقتىسادنى خۇلاسىلەش، تاماملاش ۋە كېلەر يىللىق كۆرسەتكۈچلەرنى پىلانلاش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇش كېرەك. بازار تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇش، كۆمۈر، توك، نېفىت، تەبىئىي گاز، تىرانسپورتنى تەڭشەش، دېھقان ئىشلىگۈچىلەرنىڭ نېسى قالغان مائاشىنى ئېنىقلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىشنى ياخشى تۇتۇپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداش كېرەك. تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ ماسلاشتۇرۇلۇشى، ماسلىشىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىر تۈركۈم مۇھىم، زور تۈرلەرنى بالدۇر پىلانلاپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.