ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 12 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، ئاپتونوم رايون يېزىلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ئاچتى، يىغىندا پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، تەشۋىق قىلىندى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپى بويىچە تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، ئالماشتۇرۇپ، كەمتۈكلۈك، ئاجىز تۈرلەرنى تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، يېزىلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىز يېزىلىرىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا جاسارەت بىلەن تۈرتكە بولۇش تەلەپ قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاڭ چۇنلىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېزىلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، يېزىلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، سىستېما تەپەككۇرى، يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇرىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مەسىلە يۆنىلىشى ۋە نىشان يۆنىلىشىنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خىزمەتتە ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: دىققەتنى بايراقنى كۆتۈرۈش، خەلق رايىنى مۇجەسسەملەش، يېڭى كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئوبرازنى نامايان قىلىش بۇرچ - ۋەزىپىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتى ئاساسىي لىنىيەسىنى چۆرىدەپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە ئاپتونوم رايونىمىز يېزىلىرىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۇختىلاشقا سىجىل تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىدىيە يول باشلاشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى «پۇقرالار ئائىلىلىرىگە تېز كىرگۈزۈش»كە تۈرتكە بولۇش كېرەك. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى كەڭ ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى ئەمەلىي، جانلىق، ئۈنۈملۈك ئىشلەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ ئالاقىلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ماركسىزملىق ئاتېئىزم تەشۋىق - تەربىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئىدراكىي، تىنچ، ئېچىۋېتىلگەن، زامانغا لايىق ياخشى جەمئىيەت مۇھىتىنى يارىتىش كېرەك. يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكى ئەمەلىيەت مەركىزى قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، سىجىل ھالدا يېزىلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز جانلىق كۈچ مۇجەسسەملەش كېرەك. مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتى پىدائىيلار مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېزىلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز جانلىق كۈچ توپلاش كېرەك. ئاممىۋى خاراكتېرلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، يېزىلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. كونا ئۆرپ - ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، زامانىۋى مەدەنىي تۇرمۇش ئىدىيەسىنىڭ تەدرىجىي ھالدا ئاڭلىقلىققا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، يېزىلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىدا يېڭى كەيپىياتنى ئۇرغۇتۇش كېرەك.
يىغىندا، ئاقسۇ ۋىلايىتى، بورتالا شەھىرى، قەشقەر شەھىرى، ساۋەن شەھىرى قاتارلىق جايلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.