□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يى
كەسىپنى گۈللەندۈرۈش يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنىڭ ئاساسى ۋە ئاچقۇچى بولۇپ، يېزىلاردا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. يېزىلاردىكى 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چۆرىدەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون زامانىۋى يېزا - كەنت كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلەتتى، بولۇپمۇ مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى مۇھىم تەمىنات بازىسى بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، ئاشلىق، ياغ، پاختا ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، يېشىل، ئورگانىك مېۋە - كۆكتات، ئەلا سۈپەتلىك چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق كەسىپلەر توپى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىكىنىڭ خاس ۋىۋىسكىسىنى جۇلالاندۇردى.
مەۋقە بايلىق ئەۋزەللىكىگە قويۇلۇپ، توپلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلدى
شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق، سۇ، تۇپراق بايلىقى ئەۋزەللىكى خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ چەكسىز يوشۇرۇن كۈچىنى يېتىلدۈرۈپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ قەغەز ياڭاق، كورلا نەشپۈتى، ئۈزۈم، ئىلى ئېتى، پاختا، قوڭۇر كالىدىن ئىبارەت ئالتە ئەۋزەل خاس كەسىپلەر توپى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىلتىماس قىلىندى ۋە بەرپا قىلىندى، دىققەت پۈتۈن ئاپتونوم رايون دائىرىسىدىكى ئاساسى ياخشى، كۆلىمى چوڭ، خاسلىققا ئىگە، سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكى كۆرۈنەرلىك بولغان يېتەكچى كەسىپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، يېتەكچى كەسىپلەرنىڭ ناھىيە رايونى «بۆلەكسىمان ئىقتىساد»تىن ئاپتونوم رايون بويىچە «بەلباغسىمان ئىقتىساد»قا ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇندى.
بۇ يىل 6 - ئايدا، 29 - نۆۋەتلىك بېلگىيە بريۇسسېل خەلقئارا ئۈزۈم ھارىقى مۇكاپاتلاش مۇسابىقىسىنىڭ يەر شارىۋى تىزىملىكى (CMB) ئېلان قىلىندى، جۇڭشىن گوئەن ئۈزۈم ھاراقچىلىقى چەكلىك شىركىتى قارىمىقىدىكى مەھسۇلاتلار ئۈچ تۈردە ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، سۈپىتى ۋە ئەمەلىي كۈچى ئارقىلىق تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى ئۈزۈم ھارىقىنىڭ سۈپىتى ۋە ئەمەلىي كۈچىنى نامايان قىلدى.
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ھاراق ئېچىتىدىغان ئۈزۈملەرنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئۆستۈرۈش بازىسى ۋە ھاراق كارخانىسى قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى ئۈزۈم ھارىقى ئىشلەپچىقىرىش رايونى ئۆلچەملەشتۈرۈش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ماركىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى.
«كارخانا قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ كىلىمات، مۇھىت ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ئۈزۈم ھارىقى كەسپىنى پائال ئورۇنلاشتۇردى، نۆۋەتتە، گەنخۇڭ، تاۋخۇڭدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ يۈرۈشلۈك يەتتە خىل ئۈزۈم ھارىقى مەھسۇلاتىنى تەتقىق قىلىپ ئىشلەپچىقاردى، مەھسۇلاتلار تور ۋە تور سىرتى يولى ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سېتىلدى». شىنجاڭ ياجۇڭ دېيۈەن يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى تاڭ چاۋ مۇنداق دېدى: كارخانا ئۈزۈم ھارىقى كەسپىنى ئورۇنلاشتۇرۇش جەريانىدا، كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىنىنى بىرلەشتۈرۈشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، ئىشلەپچىقىرىش ھالقىسىدا ئۆلچەملەشكەن ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، ھاراق ئېچىتىدىغان ئۈزۈمنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق ئەتراپتىكى 1000دىن ئارتۇق دېھقاننىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كارخانا ھاراقچىلىق قورۇقىغا تايىنىپ، ھاراقچىلىق قورۇقى ساياھەتچىلىك كەسىپ ھالىتىنى ئېچىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 30 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋېلىشنى ئىشقا ئاشۇردى.
بۈگۈنكى كۈندە، تۈجۈپىلىشىش دەرىجىسى يۇقىرى بولغان، كەسىپلەرنىڭ يۈرۈشلەشتۈرۈلۈشى كۈنسېرى مۇكەممەللەشكەن بىر تۈركۈم خاس كەسىپلەر توپى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ساغلام ئۆسۈپ يېتىلمەكتە. پۈتۈن ئاپتونوم رايون خاس كەسىپلەر توپى بەرپا قىلىش جەريانىدا، توپنىڭ ئۆلچەملەشكەن ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ھەمدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى دەسلەپكى پىششىقلاش، ئىنچىكە پىششىقلاش ۋە ئەشيا ئوبوروتى ئەسلىھە - ئۈسكۈنىلىرى قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەرگە نۇقتىلىق مەدەت بېرىپ، تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ دېھقانلار بىلەن كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ پايدىسىدىن مۇۋاپىق بەھرىمەن بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى تېزلىتىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.
ھازىرغا قەدەر، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئالتە ئەۋزەل، خاس كەسىپلەر توپىنىڭ مەھسۇلات قىممىتى بىردەك 10 مىليارد يۈەندىن ئاشتى، يېزا ئىگىلىك كەسپىدىكى ئىككى كۈچلۈك بازارنىڭ يېتەكچى كەسپىنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 1 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، كەسىپلەر توپىنىڭ توپلىشىپ تەرەققىي قىلىشىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلدى
دىققەت ئىنچىكە پىششىقلاشقا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، كەسىپ زەنجىرى ئۇزارتىلدى
يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ئاچقۇچى كەسىپتە، كەسىپنىڭ گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئاچقۇچى كەسىپ زەنجىرىدە. پۈتۈن ئاپتونوم رايون دىققەتنى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى يېتىلدۈرۈپ، راۋاجلاندۇرۇپ، كەسىپ تەرەققىياتىدا ئىشلەپچىقىرىشنى تۇتۇشنىڭ زەنجىرنى تۇتۇشقا، مەھسۇلاتنى تۇتۇشنىڭ كەسىپنى تۇتۇشقا، ھالقىنى تۇتۇشنىڭ سىستېمىنى تۇتۇشقا ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىك كەسپىنىڭ قىممىتىنى، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش بوشلۇقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ كەسىپ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى.
پاختا شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىسىم كارتىسى، ئاساسلىق پاختا ئىشلەپچىقىرىش رايونى بولغان شايار ناھىيەسى ئورۇنلاشتۇرغان پاختا پۈتۈن كەسپى خاس كەسىپلەر پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ تىپىك ۋەكىلىگە ئايلاندى. گاۋ فېڭچىن شىنجاڭ شوۋشىن ئۇرۇقچىلىق پەن - تېخنىكىسى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، شايار شوۋشىن پاختا توقۇمىچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، شايار جىنسۇڭ ئوقەتچىلىك كىيىم - كېچەك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىن ئىبارەت ئۈچ شىركەتنىڭ مەسئۇلى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇ شايار ناھىيەسىنىڭ پاختىچىلىق كەسپىنىڭ سىجىل تۈردە زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىش، زەنجىرنى كېڭەيتىش قەدىمىگە ئەگىشىپ، كەسىپ دائىرىسىنى بارغانسېرى زورايتتى.
«بىز ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۇرۇقلۇق چىگىت شىركىتى، چىگىت ئايرىش زاۋۇتى، توقۇمىچىلىق زاۋۇتى، رەخت توقۇش زاۋۇتى قۇرۇپ، پاختىچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردۇق.» گاۋ فېڭچىن مۇنداق دېدى: كارخانىمىز ئائىلە توقۇلما بۇيۇملىرى، كىيىم - كېچەك قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى داۋاملىق ئېچىپ، بىر تال چىگىتتىن بىر قۇر كىيىمگىچە بولغان پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىلىك تەرەققىياتنى تاماملايدۇ.
نۆۋەتتە، شايار ناھىيەسىدە %50كە يېقىن پاختا ئۆز جايىدا توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتىغا ئايلاندۇرۇلىدىغان بولدى، كۆلەملەشكەن تىجارەت، ئۆلچەملەشكەن ئىشلەپچىقىرىش، ماشىنىلاشقان مەشغۇلات ئارقىلىق، پاختا پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىيات ئەندىزىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى.
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئالاھىدە سۈت مەھسۇلاتلىرى كەسپىدىكى داڭلىق كارخانا بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ ۋاڭيۈەن بىيوپەن - تېخنىكا گۇرۇھىمۇ كەسىپ زەنجىرىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يۇغۇرما تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ئىلگىرىلىدى. كارخانا سۈپەت، ھۈنەر - سەنئەت، مۇلازىمەتتىن ئىبارەت ئۈچ جەھەتتە ماس قەدەمدە كۈچ چىقىرىپ، تۆگە سۈتىنى يېڭى پېتى ساقلاش قاتارلىق ئالاقىدار يادرولۇق تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلدى، يەنە بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدە ساياھەت، ساغلاملىق، مەدەنىيەت قاتارلىقلار بىر گەۋدىلەشكەن جۇڭگو تۆگە بازىرى تۈرىنى پائال ئورۇنلاشتۇرۇپ، شۇ جايدىكى دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى.
«كارخانىمىز يېڭى تۆگە سۈتى، تۆگە سۈتى پاراشوكى، سۈت كەمپۈتى ئىشلەپچىقىرىپلا قالماي، يەنە تۆگە تىۋىتى مەھسۇلاتلىرى، تۆگە سۈتى گىرىم بۇيۇملىرى، ساغلاملىق بۇيۇملىرىنى تەتقىق قىلىپ ئاچتى، بۇنىڭدىن كېيىن يەنە تۆگە كەسىپ زەنجىرىنى داۋاملىق ئۇزارتىپ، پەن - تېخنىكىنى ئاساس قىلغان تۆگە مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش تەرەققىيات يولىدا ماڭىدۇ» دېدى شىنجاڭ ۋاڭيۈەن بىيو پەن - تېخنىكا گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى چېن گاڭلياڭ.
بۇ يىلدىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئاشلىق - ياغ، پاختا ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، يېشىل ئورگانىك مېۋە - كۆكتات، ئەلا سۈپەتلىك چارۋا مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق كەسىپلەر توپىنى چۆرىدەپ، نۇقتىلىق كەسىپ زەنجىرى قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، ھەرقايسى جايلارنى شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېزا ئىگىلىك پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى ۋە نۇقتىلىق زەنجىرنى بېكىتىشكە يېتەكلەپ، يېزا ئىگىلىك نۇقتىلىق زەنجىرى ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈش ھەم ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى.
باشلامچى كارخانىلار يېتىلدۈرۈلۈپ، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى ئاشۇرۇلدى
كارخانىلار ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ھۈجەيرىسى، شۇنداقلا كەسىپ زەنجىرى قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى. ئاپتونوم رايونىمىز يېتەكلەش بىلەن يېتىشتۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، باشلامچى كارخانىلارنى بېكىتىش، باھالاش ۋە كۆزىتىش - ئۆلچەش خىزمىتىنى دائىملاشتۇرۇپ قانات يايدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىپ، باشلامچى كارخانىلارنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز زورايتتى.
شىنجاڭ شىئېردەن يېمەكلىك چەكلىك شىركىتى يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش كارخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قارىمىقىدىكى «شىئېردەن» يۈرۈشلۈك لازا مەھسۇلاتلىرى پۈتۈن مەملىكەت بازارلىرىدا سېتىلدى، «شىئېردەن» تاۋار ماركىسى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شىنجاڭنىڭ داڭلىق تاۋار ماركىسى ۋە جۇڭگونىڭ داڭلىق تاۋار ماركىسى دېگەن نامغا ئېرىشتى. شىنجاڭ شىئېردەن يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى چېڭ خۇا مۇنداق دېدى: كارخانىمىز قۇرۇلغان 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار تاۋار ماركىسىنى تىزىمغا ئالدۇرۇش، قەرز پۇل، بازار ئېچىش قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن سەمىمىي مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، كارخانىمىزنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا، تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا ياردەم بەردى.
بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ئىشلەپچىقىرىشى جانلىنىش مەزگىلىگە كىرگەن شىئېردەن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش سەۋەبىدىن ئوراش - قاچىلاش ماتېرىياللىرى كەمچىل بولۇش قىيىنچىلىقىغا دۇچ كەلدى، شۇ جايدىكى سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تارماقلىرى بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، بىرىنچى ۋاقىتتا كارخانىنىڭ ئوراش - قاچىلاش كارخانىلىرى بىلەن ئۇدۇللىشىشىغا ياردەم بېرىپ، كارخانىنىڭ جىددىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، كارخانىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرى ۋە كەسىپ زەنجىرىنى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇردى.
ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى باشلامچى كارخانىلارنى پائال يېتىلدۈرۈپ، تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە زورايتىپ، باشلامچى كارخانىلارنىڭ دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى، ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانى، كەڭ دېھقان ئائىلىلىرى بىلەن ئىش تەقسىم قىلىۋېلىپ ھەمكارلىشىشىنى قوللاپ، ئىشلەپچىقىرىشتا كەسىپلەر بويىچە ئىش تەقسىم قىلىدىغان، پايدىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش بىرلەشمە گەۋدىسى قۇرۇش بىلەن بىللە، باشلامچى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاشنى پۇرسەت بىلىپ، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى قۇرۇلۇشىنى ۋاسىتە قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىدىكى نۇقتىلىق زەنجىر قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ، كەسپ زەنجىرى يېتەكچى كارخانىلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر كوللېكتىپىنى بېكىتىپ، يۇقىرى، ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىمدىكى مۇكەممەل ھالقىلارنى بىرىكتۈرۈپ، پۈتۈن زەنجىردىكى تۈرلۈك تىجارەت سۇبيېكتلىرىنى توپلاپ، كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، باشلامچى كارخانىلارنىڭ يېتەكلەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى.
بۇ يىلدىن بۇيان، يۇقۇم ئېلىپ كەلگەن پايدىسىز تەسىرگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ھەرقايسى جايلار كارخانىلارنى قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى، ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا تارماقلىرى «ئاپتونوم رايوننىڭ باشلامچى كارخانىلارنى زورايتىش ۋە كۈچەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»نى ئېلان قىلىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ «باشلامچى كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئېيى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تۈرلۈك باشلامچى كارخانىلار مەخسۇس تېمىلىق سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدىكى قىيىنچىلىقى ۋە مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، كارخانىلارنىڭ تەكشى، مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا ياردەم بەردى.
ھۆكۈمەت فۇنكسىيەلىك تارماقلىرىنىڭ سەمىمىي مۇلازىمىتى نۇرغۇن باشلامچى كارخانىلارنىڭ خاتىرجەم تەرەققىي قىلىشىدىكى «خاتىرجەم قىلىش كۇمىلىچى» بولدى. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەت، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ئوبلاست، ناھىيە، شەھەردىن ئىبارەت تۆت دەرىجىلىك باشلامچى كارخانا 1400گە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىكتىن 500ى، دۆلەت دەرىجىلىكتىن 57سى بار، ئاساسى ياخشى، تەسىر كۆرسىتىش، تۈرتكىلىك رولى كۈچلۈك، بازار رىقابەت كۈچى زور بىر تۈركۈم باشلامچى كارخانىلار شىنجاڭ يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە يېتەكچىلىك قىلماقتا.