ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: 12 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن تۇنجى قېتىملىق شىنجاڭ كارخانىلىرى . رەئىسلەر يۈزتۇرا كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. دىققەتنى «كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش، كارخانىلارنىڭ ئىشەنچىنى ئۇرغۇتۇش، ئەلا سۈپەتلىك تىجارەت - سودا مۇھىتى بەرپا قىلىش» باش تېمىسىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭدىكى كارخانىچىلار ۋەكىللىرى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى چوڭقۇر كېڭىشىپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ، تەرەققىياتتىكى ياخشى تەدبىرلەر ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىپ، تەرەققىيات ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا ئەركىن تۇنىياز كارخانىچىلار ۋەكىللىرى بىلەن چوڭقۇر، تەپسىلىي كېڭىشىپ، سۆھبەتلەشتى، ئۇلارنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى يۈزتۇرا، ئەستايىدىل ئاڭلىدى. كارخانىچىلار ۋەكىللىرى ئۆز تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن يۆلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، كارخانىلارنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈشكە مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ پائال تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بەردى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالاقىدار تارماقلار كارخانىچىلار ۋەكىللىرى ئوتتۇرىغا قويغان پىكىر - تەكلىپلەرگە جاۋاب قايتۇرۇپ سۆز قىلدى.
ئەركىن تۇنىياز كەڭ كارخانىلارنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىستراتېگىيە ۋە پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدىن شىنجاڭ ئۈچۈن تومۇر تۇتۇپ يۆنىلىش بەلگىلەپ، رول تۇتۇپ يول باشلاپ، يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە كۈچلۈك سىياسىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە خىزمەت ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بېغىشلىدى. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا ئورۇنلاشتۇرۇلما قىلىنغان تۈرلۈك ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە ۋە مۇھىم، زور تەدبىرلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرى بويىچە، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا سۈپەتنى مۇقىم ئۆستۈرۈش ۋە مىقدارنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى، كەڭ كارخانىچىلارنىڭ دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىش، ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆپرەك ياخشى تەدبىر كۆرسىتىپ، تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت كارخانىچىلارنىڭ شىنجاڭدا خاتىرجەم تەرەققىي قىلىشىنى بۇرۇنقىدەكلا قوللاپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتى بەرپا قىلىپ، چىن قەلب، پۈتۈن كۈچ، چىن ھېسسىيات بىلەن پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىپ ۋە ئۇلارغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، كارخانىچىلار بىلەن بىرلىكتە شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىدۇ.
نۇرلان ئەبىلمەجىن سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭ كارخانىلىرى . رەئىسلەر يۈزتۇرا كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنىنى ئېچىش پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىش، ھۆكۈمەتنىڭ كېڭىشىشى بىلەن سىياسىي كېڭەشنىڭ كېڭىشىشىنى ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى بىر قېتىملىق پايدىلىق ئىزدىنىش، شۇنداقلا «قوش يۆنىلىشلىك كۈچەش» تۈزۈمى، تەرتىپى، مېخانىزمىنى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇشتىكى بىر قېتىملىق جانلىق ئەمەلىيەت. ھەرقايسى كارخانىچىلار كارخانىچىلار روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، كارخانىنىڭ ئۆز تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەشلەر چارە - تەدبىر كۆرسىتىش ھەم ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشتىن ئىبارەت قوش يۆنىلىشلىك كۈچەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشقا ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشى كېرەك.
ئىگىلىنىشىچە، بۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭ كارخانىلىرى . رەئىسلەر يۈزتۇرا كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى بىر تۈرلۈك مېخانىزم سۈپىتىدە مۇقىملاشتۇرۇلۇپ، ھەر يىلى ئوخشاش بولمىغان باش تېمىنى چۆرىدەپ، شىنجاڭ كارخانىلىرى ۋەكىللىرى، ساھە جەمئىيەتلەرنىڭ مەسئۇللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، مۇتەخەسسىس، ئالىملار بۇ سۇپىدا چوڭقۇر كېڭىشىپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ، تەرەققىيات ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەشكە تەكلىپ قىلىنىدىكەن.
چېن ۋېيجۈن، پېڭ جيارۇي، ليۇ خۇيجۈن قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.