ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما يىنىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا ئاپتونوم رايون تۇنجى تۈركۈمدە يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان، پۈتۈن شىنجاڭدىكى جەمئىي 566 كارخانا تىزىملىككە كىرگەن.
بۇ يىل، ئاپتونوم رايون يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار، كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار، كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە «كىچىك گىگانت» كارخانىلاردىن ئىبارەت ئۈچ قاتلام بويىچە ئەلا سۈپەتلىك ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى پەلەمپەيسىمان يېتىلدۈردى. بۇنىڭ ئىچىدە، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار بىر قەدەر يۇقىرى كەسىپلىشىش سەۋىيەسى، نىسبەتەن كۈچلۈك يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە، كەسىپ ئىنچىكە ئايرىلغان ساھەلەردە تەسىر كۈچىگە ئىگە كارخانىلارنى كۆرسىتىدۇ. ئەلا سۈپەتلىك ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ئاساسىي كۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار كېيىنكى مەزگىلدە كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ھەم كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە «كىچىك گىگانت» كارخانىغا ئايلىنىشنىڭ مۇھىم ئالدىنقى شەرتى، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتىكى مۇھىم تىرەك.
ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەلا سۈپەتلىك ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى پەلەمپەيسىمان يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى پەلەمپەيسىمان يېتىشتۈرۈشنى باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۇنجى تۈركۈم يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى باھالاش خىزمىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇردى.
تاللانغان كارخانا شىنجاڭ شىنيې بىناكارلىق توپلاشتۇرۇش پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى دۆلەت دەرىجىلىك قۇراشتۇرما ئىمارەت كەسپى بازىسى، دۆلەت دەرىجىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانا، شىنجاڭدىكى كەسىپ زەنجىرى ئەڭ تولۇق بولغان يېشىل قۇراشتۇرما بىناكارلىق ياساش كارخانىسى. بۇ شىركەتنىڭ باش مۇدىرى، باش دىرېكتور جەي شىنمىڭ مۇنداق بىلدۈردى: پەن تەتقىقات سېلىنمىسى سالمىقىنى زورايتىپ، يېڭى تىپتىكى بىناكارلىقنى سانائەتلەشتۈرۈشنى يادرو قىلىپ، ئەۋزەل بايلىقنى مەركەزلەشتۈرۈپ، كارخانىنى شىنجاڭنىڭ قۇراشتۇرما ئىمارەت كەسپىنىڭ باشلامچىسىغا ئايلاندۇرىمىز.
ئىگىلىنىشىچە، كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونىمىز يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشقا يېتەكلەپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە كەسىپلىشىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىدىكەن.