□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ
يېڭى يىل كىرىشى بىلەن، يېڭى مۇساپىگە ئورتاق ئاتلاندۇق. تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان قايناق ھېسسىيات جۇش ئۇرماقتا.
1 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 7 - ئومۇمىي يىغىنى غەلىبىلىك ئېچىلدى. يېڭى يىل كىرىشى بىلەن، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىۋاتقان، تەشۋىق قىلىۋاتقان، ئىزچىللاشتۇرۇۋاتقان، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇۋاتقان، ئەمەلىيلەشتۈرۈۋاتقان مۇھىم پەيتتە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى، بۇ، بۇ يىللىق شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10لاردا، يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق ھالدا يىغىن مەيدانىغا كىردى. بۇ مەيدان كاتتا مەرىكىگە قارىتا كۆپچىلىك زور ئۈمىد كۈتتى، ئىشەنچكە تولدى.
يىغىندا ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمەتلەر خۇلاسىلەندى، بۇ يىللىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش يېڭى مۇساپىسىدە، جاسارەتلىك بولۇپ نەتىجە يارىتىپ ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئۇلۇغۋار پىلان ئېنىق تۈزۈپ چىقىلدى، نىشان، يۆنىلىش توغرا تېپىپ چىقىلدى.
زېھىن قويۇپ ئاڭلاش، ئەستايىدىل خاتىرە قالدۇرۇش، چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈش... يىغىن مەيدانى ئىچىدە، يىغىنغا قاتناشقان ھەربىر يولداش پۈتۈن زېھنىنى مەركەزلەشتۈردى، ئىشەنچ بۇ يەردە قاناتلاندى، كۈچ بۇ يەردە مۇجەسسەملەندى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىدا، قالتىس بىر يىلدىكى قالتىس نەتىجە قەغىزى كۆرسىتىلدى، يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار 2022 - يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىش، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش داۋامىدا، شىنجاڭنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى جاسارەت بىلەن يارىتىدىغان ئەمەلىي ئىشلەش مەسئۇلىيەتچانلىقىنى ھېس قىلدى.
«پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى ئىدىيە، يېڭى ھۆكۈم، يېڭى ئورۇنلاشتۇرما، يېڭى تەلەپلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشكە تەشكىللەندى...» «شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، يەرلىك نىزامدىن 21ى تۈزۈلدى، تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى قانۇنچىللىق خىزمىتىدىن مەلۇمات بېرىش خىزمىتى تۇنجى قېتىم قانات يايدۇرۇلدى...» «<سەككىز چوڭ كەسىپلەر توپى> قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى...» «پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، كۆپ قېتىملىق تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن ئېغىر، زور يۇقۇم بىر تەرەپ قىلىندى...» «100 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنغان مۇھىم، زور تۈردىن 3433ىدە ئىش باشلىنىپ، بىر تۈركۈم قاتناش، ئېنېرگىيە، سۇچىلىق قاتارلىق مۇھىم، زور ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى...»
يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىل ئېرشات تۇرسۇنباي چوڭقۇر ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «2022 - يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يېتەكلەپ داۋان ھالقىپ، ئۆتكەلدىن بۆسۈپ ئۆتتى، كۈرەش جاپا - مۇشەققەتكە تولدى، نەتىجىلەر تەستە قولغا كەلدى!»
يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىل مۇيەسسەر نىجات پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋەكىلى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ قولغا كەلتۈرگەن ھەربىر ئىلگىرىلەش، ھەربىر نەتىجە، نېگىزىدىن ئېيتقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدىن، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى. بىز «ئىككىنى تىكلەش»نى ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئەمەلدە كۆرسىتىشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىقىمىز، ئىدىيە ئاڭلىقلىقىمىز، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىمىزنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا باشتىن - ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمىز.
پەقەت مەسىلىلەرنى دائىم تېپىپ، يېتەرسىزلىكلەر ئۈستىدە دائىم پىكىر يۈرگۈزۈپ، كۈلپەتنى دائىم ئويلىغاندىلا، ئاندىن مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلغىلى، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى، شىنجاڭ خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت ئاچقىلى بولىدۇ. دوكلاتتا مەسىلە يوشۇرۇلمىغان، ئۆزىنى چەتكە ئالمىغان.
يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىل جاڭ لىشىن مۇنداق دېدى: «مەسىلە ئېڭىنى مەسىلە يۆنىلىشى، خىزمەت يۆنىلىشىگە ئايلاندۇرۇپ، مەسىلە ئىزىغا چۈشۈپ مېڭىپ، مەسىلىنى كۆزلەپ ئىشلەپ، ئىلمىي تەدبىر تۈزۈپ، ئىستىلنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاپ، ئىقتىدار - قابىلىيەتنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى بۇرچ، ۋەزىپىنى تېخىمۇ ياخشى ھالدا زىممىمىزگە ئالىمىز».
سائەت 18 دە، ئومۇمىي يىغىننىڭ 2 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 7 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىش ئۈچۈن ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىش توغرىسىدىكى قارارى» ماقۇللاندى.
تۆۋەندە ئالقىش سادالىرى ئۈزۈلمىدى. بۇ ئالقىش سادالىرىغا ئۈمىد مۇجەسسەملەنگەن، تېخىمۇ مۇھىمى كۆتۈرەڭگۈ روھ مۇجەسسەملەنگەن.
ئەمەلىي ئىشلەش ئەڭ ياخشى ئىپادە بىلدۈرۈش.
يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىل چەي لىن مۇنداق دېدى: يىغىندا شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتى چىڭ كۆزلىنىپ، 12 جەھەتتىكى نۇقتىلىق خىزمەت ئومۇميۈزلۈك پىلانلاندى ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ، بىزنىڭ ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىغا يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشىمىزدا مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە. «بىز پارتىيە مەكتىپىنىڭ پارتىيەلىك كادىرلارنى تەربىيەلەشتىكى ئاساسىي يوللۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ بىرتۇتاش پىلانلاش ئىقتىدارى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى ئاساسىي مەزمۇن قىلىپ، دەرسلىك تەسىس قىلىشنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رەھبىرىي كادىرلارنى يېڭى دەۋر، يېڭى تەلەپكە ئۈزلۈكسىز ئۇيغۇنلاشتۇرىمىز».
يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىل قەيسەر ئابدۇكېرىم مۇنداق قارىدى: ئومۇمىي يىغىن 2023 - يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى توپلىدى.
يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىل بيەن دېيۈن مۇنداق دېدى: دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ رولىنى تولۇق، ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنى ئۈزلۈكسىز ئۇزارتىپ، قىممەت زەنجىرىنى ئۆستۈرۈپ، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان كارخانىلارغا توغرىلىنىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا يەنە يېڭى تۆھپە قوشىمىز.
يول گەرچە يىراق بولسىمۇ، توختىماي ئىلگىرىلىگەندە مەنزىلگە يەتكىلى بولىدۇ؛ ئىش گەرچە تەس بولسىمۇ، بەل قويۇۋەتمىگەندە ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ. بىز ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، بىرلىكتە ئۇلۇغۋار نىشاننى رېئاللىققا ئايلاندۇرايلى!