ساياھەتچىلەر تۆۋەنكى سۇبۇلاق كەنتى شالبۇلاق مۇز تېيىلىش مەيدانىدا مۇز تېيىلماقتا. (2022 - يىلى 12 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تارتىلغان). □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى
[ئىستون سۆزى] ھەر يىلى ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ تۇرىمىز، ھەر يىلى يېڭى ئىشلار بارلىققا كېلىدۇ.
بۇ يىل پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش باشلىنىدىغان يىل. كاتتا باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتىنىڭ پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە بېرىپ، باھار ھىدىنى ئىزدەپ، سىز بىلەن بىللە كۈنسېرى يېڭىلىنىۋاتقان تەرەققىيات، ئۆزگىرىشلەرگە گۇۋاھ بولۇپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ قولغا كەلتۈرگەن ئىجابىي نەتىجىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەكس ئەتتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئامما باھار بايرىمىنى خۇشال - خۇرام، ئىناق كەيپىياتتا ئۆتكۈزۈۋاتقان خۇشاللىنارلىق مەنزىرىنى جانلىق نامايان قىلىپ، سىزگە كۆتۈرەڭگۈ روھ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان دەۋر تومۇرىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.
بۈگۈندىن باشلاپ، ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتىدە «باھار بايرىمىدا ئاساسىي قاتلامغا بېرىش» سەھىپىسى ئېچىلدى، بۇ سەھىپىدە ئەتراپىمىزدىكى جانلىق، تەسىرلىك كۈرەش ھېكايىلىرى داۋاملىق خەۋەر قىلىنىدۇ.
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ جىلى خەۋەر قىلىدۇ: «چوڭلار بېلىتىنىڭ بىرسى 10 يۈەن، تۆت ياشتىن كىچىك بالىلار ۋە 60 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلارغا ھەقسىز...» 1 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ئونسۇ ناھىيەسى توخۇلا يېزىسى تۆۋەنكى سۇ بۇلاق كەنتىدىكى «شالبۇلاق مۇز تېيىلىش مەيدانى»نىڭ ئىشىكى ئالدىدا، بېلەت ساتقۇچى تۇرسۇن توخنىياز بېلەت ساتقاچ ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى.
«مۇز تېيىلىش مەيدانىدىكى بېلەت ساتقۇچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق خىزمەتچى خادىملارنىڭ ھەممىسى كەنت ئاھالىسى.» تۆۋەنكى سۇ بۇلاق كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى مەتنىيازئىمامنىياز مۇنداق تونۇشتۇردى: كەنتتىكى 328 كەنت ئاھالىسى مۇز تېيىلىش مەيدانىنى قۇرۇش ۋە باشقۇرۇشقا قاتناشتى.
مۇز تېيىلىش مەيدانىنى قۇرۇش جەريانىدا، كەنت ياغاچچىلار ئەترىتى، كەپشەرلەش ئىشچىلىرى ئەترىتى، تامچىلار ئەترىتىدىكى 30دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسى ئاساسىي كۈچ بولۇپ، ياغاچ ئاسما يول، مۇز ئويما قاتارلىق مەنزىرىلەرنى ياسىغاندا، ھۈنىرى بار كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى بۇنىڭغا قاتناشتى. نۆۋەتتە، مۇز تېيىلىش مەيدانىدا قار تېيىلىش چەمبىرىكى، سوقما توپ، مۇز ئۈستى ۋېلىسىپىتى قاتارلىق 40 تۈر تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ھەق ئېلىش تۈرىنى باشقۇرۇش خادىمى كەنت ئاھالىسى، بىخەتەرلىك خادىمى، مۇز يۈزىنى ئاسراش خادىمى، مالىيە نازارەتچىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كەنت ئاھالىلىرى.
مۇز تېيىلىش مەيدانى ياساشقا ئىشلىتىلگەن مەيدان كوللېكتىپ يېرى بولۇپ، بۇ يەر تۆۋەنكى سۇ بۇلاق كەنتىنىڭ كەنت ئېغىزىدا، ئەتىياز پەسلىدە شال مايسىسى كۆچۈرۈلۈپ شال تېرىلىدۇ، كۈزدە شال يىغىۋېلىنغاندىن كېيىن يەر بىكار بولىدۇ. 2019 - يىلى قىشتا، ئونسۇ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ تۆۋەنكى سۇ بۇلاق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ تەكلىپى بىلەن، كەنت كوللېكتىپ ئىقتىسادىدىن مەبلەغ سېلىپ، كەنت ئاھالىلىرى ئۆزلىرى مۇز تېيىلىش مەيدانى ياساشقا باشلىدى.
«بىزنىڭ بۇ يەردە سۇ كۆپ، شال تېرىشقا ماس كېلىدۇ، ئەتىياز، ياز، كۈزدىن ئىبارەت ئۈچ پەسىلنىڭ مەنزىرىسى ناھايىتى گۈزەل، لېكىن قىش كېلىشى بىلەنلا، زېرىكىشلىك بولۇپ كېتىدۇ.» كەنت ياغاچچىلار ئەترىتىنىڭ مەسئۇلى ئابلەت قادىر مۇنداق دېدى: مۇز تېيىلىش مەيدانى قۇرۇلغاندىن كېيىن، كەنتنىڭ قىش پەسىللىك پائالىيىتى بارغانسېرى مول، رەڭدار بولدى، كەنت ئاھالىلىرى ئىنتايىن خۇشال ئوينىدى، مۇز تېيىلىش مەيدانىنىڭ ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى بەش كىلومېتىرغا يەتمەيدۇ، ئەتراپتىكى كەنت ۋە ناھىيە بازىرىدىكى ئاھالىلەرمۇ بۇ يەرگە ئوينىغىلى كېلىپ، شۇ يىلى بېلەت كىرىمىلا 150 مىڭ يۈەن بولدى.
شۇنىڭدىن كېيىن، بۇ ئېتىزغا ئەتىياز پەسلىدە مايسا كۆچۈرۈلۈپ ئوخشىمىغان رەڭدىكى شال تېرىلىپ، شال پاخىلى ئېلېمېنتى باش تېما قىلىنغان باغچىغا ئۆزگەردى، قىش پەسلىدە مۇز تېيىلىش مەيدانى قىلىنىپ، «تۆت پەسىللىك ساياھەت» مەنزىرە نۇقتىسىغا ئايلاندى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەنتنىڭ يېمەك - ئىچمەك كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ۋە خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشىغا تۈرتكە بولدى. ساياھەتچىلەر سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، 2021 - يىلى، كەنتتىكى مۇز تېيىلىش مەيدانىنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 40 نەچچە مودىن 70 نەچچە موغا كېڭەيتىلدى، ھەم كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرى كۆپەيتىلدى. شۇ يىلى كەنتنىڭ ساياھەت كىرىمى 1 مىليون 70 مىڭ يۈەنگە يەتتى.
بۇلتۇر قار - مۇز پەسلى ئاياغلاشقاندا، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى 400 مىڭ يۈەن ئاجرىتىپ، كەنت ئاھالىلىرىگە پايدا تەقسىملەپ بەردى، مۇز تېيىلىش مەيدانى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىپ كۆپ تۆھپە قوشقان كەنت ئاھالىلىرىنى مۇكاپاتلىدى. تۇرسۇن خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇ مۇز تېيىلىش مەيدانىنىڭ بىزگە ئېلىپ كەلگەن پايدىسى بەك كۆپ بولدى! مەن قىشتا بۇ يەردە ئىشلەيمەن، ھەر ئايلىق مائاشىم 2000 يۈەن، يىل ئاخىرىدا يەنە مۇكاپات ئالدىم. كەنتتە ساياھەتچىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى، ئائىلىمىز ئۆستۈرگەن ياڭاق قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىشى تېخىمۇ تېزلەشتى».
ھازىر، مۇز تېيىلىش مەيدانىنىڭ نامى چىقتى، ئۈنۈمى تەدرىجىي گەۋدىلىنىپ، بىر قىسىم كارخانىلارنى بۇ يەرگە كېلىپ ھەمكارلىشىپ تىجارەت قىلىشقا كېڭىشىشكە جەلپ قىلدى. بىراق كەنت ئاھالىلىرى سەل ئىككىلىنىپ قالدى، «بىز <ئوڭدا يېتىۋېلىپ> پايدا تەقسىملىۋېلىشنى خالىمايمىز. چۈنكى بىز ئۆزىمىز مۇز تېيىلىش مەيدانى قۇرۇپ، تىجارەت قىلىپ، بىللە ئەجىر سىڭدۈرۈپ، ئەمگەك مېۋىسىدىن ئورتاق بەھرىلەندۇق، بۇ جەريان ناھايىتى كۆڭۈللۈك بولدى» دېدى تۇرسۇن.
يېقىندا، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بىر قىسىم كەنت كادىرلىرى ۋە كەنت ئاھالىلىرىنى تىيانشان تۆمۈر مەنزىرە رايونى·تاغلاق كەنتى قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرىنى تەكشۈرۈشكە تەشكىللەپ، قار - مۇز ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تەجرىبىلىرىنى ئۆگەندى. تەكشۈرۈشتىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ غەيرىتى تېخىمۇ ئاشتى.