□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن
پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئالدىراش بولۇش، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ زاكازلارنى ئۈلگۈرتۈش... باھار بايرىمى مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى چوڭ كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخلىرى ئالدىراش بولۇپ كەتتى، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش، تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاشنىڭ يېڭى باھار مېلودىيەسى چېلىندى.
1 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، سانجى شەھىرىگە جايلاشقان ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش پەن - تېخنىكا كەسىپلەر باغچىسىنىڭ ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، دۆلەت نۇقتىلىق ئېنېرگىيە تۈرى مەھسۇلاتلىرى ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىنىدىغان دۆلەت نۇقتىلىق تۈر مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ «تېز ئىلگىرىلەش كۇنۇپكىسى» بېسىلدى.
«باھار بايرىمى مەزگىلىدە بىز ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەت ئىچىدە سېتىلىدىغان دۆلەت ئېلېكتىر تورى ۋە ئېكسپورت قىلىنىدىغان نۇقتىلىق تۈر مەھسۇلاتلىرىدىن 40 نەچچە يۈرۈش بار.» ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق ئىشلەپچىقىرىش سېخى سىم چىقىرىش ئۇچاستىكىسىنىڭ باشلىقى لى جيې تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىركەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تەجرىبە، تېخنىكا قاتارلىق بۆلۈملىرىدىكى 500گە يېقىن كىشى تەشەببۇسكارلىق بىلەن باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىشىدىن ۋاز كېچىپ، خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلىنىپ تۈرنىڭ ئىلگىرىلەش سۈرئىتىگە كاپالەتلىك قىلدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى بازارلارنى زور كۈچ بىلەن ئېچىپ، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 70 نەچچە دۆلەت ۋە رايونغا كىرگۈزدى، 30 نەچچە دۆلەتنى پۈتۈن يۈرۈشلۈك تۈرلەرنى ئومۇميۈزلۈك ھۆددىگە ئېلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. بۇ يىل باھار بايرىمىدا، 5000غا يېقىن ئىشچى - خىزمەتچى كارخانىنىڭ چەت ئەلدىكى تۈر نەق مەيدانلىرىدىكى ئىش ئورنىدا چىڭ تۇردى. «نۆۋەتتە، جەمئىي 45 خەلقئارا قۇرۇلۇش تۈرىدە ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۇگاندا يېزا ئېلېكتىر تورى تۈرى، گامبىيە 225 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش تۈرى قاتارلىق ئون تۈردە بۇ يىل ئىشنى تاماملاش پىلانلاندى» دېدى ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى خەلقئارا قۇرۇلۇش باشقارمىسىنىڭ دىرېكتورى خۇاڭ خۇڭجۈن تونۇشتۇرۇپ.
1 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، شىنجاڭ جۇڭتەي (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ھەرقايسى چوڭ ئىشلەپچىقىرىش باغچە رايونلىرىدا، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئالدىراش بولدى.
جوۋ چاڭيوۋ شىنجاڭ جۇڭتەي خىمىيە پاي چەكلىك شىركىتى فۇكاڭ ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى تېرمو ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئېلېكتىر ئەسۋابلىرى سېخىنىڭ تەكشۈرۈش ۋە رېمونت قىلىش ئىشچىسى، سېخنىڭ بەن - گۇرۇپپىلىرىدىكى سىرتتىن كەلگەن ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى يۇرتىغا قايتىپ باھار بايرىمى ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئۇ باھار بايرىمى مەزگىلىدە نۆۋەتچىلىك قىلىش، چارلاپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئالدى.
شۇ كۈنى، شىنجاڭ جۇڭتەي مېتاللۇرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ توك تارقىتىش سېخىدىكى پار تۇربىنىسى سۇپىسىدا، ئېلېكتىر بەنىنىڭ باشلىقى دۇ لۇجيەن گېنېراتورلارنى ئەستايىدىل ئارىلاپ تەكشۈرۈۋاتاتتى. ئەسلىدە ئۇ باھار بايرىمى مەزگىلىدە تۇغقان يوقلاشنى پىلانلىغان بولسىمۇ يەنىلا قەتئىيلىك بىلەن خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇشنى تاللاپ، تۇغقان يوقلاش پۇرسىتىنى بەن - گۇرۇپپىدىكى باشقا خىزمەتداشلىرىغا قالدۇردى.
ۋۇجياچۈ شەھىرىنىڭ شەرقىي سانائەت باغچە رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ شىنيې ئېنېرگىيە خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ھەممە يېرى ئالدىراش مەنزىرىگە تولغانىدى، 1000دىن ئارتۇق ئىشچى - خىزمەتچى «باھار بايرىمىدا مەن ئىش ئورنۇمدا» دېگەن جاراڭلىق قەسىمىنى كارخانىنىڭ «تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلىشى»غا كۈچ قوشۇشتىكى يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندۇردى.
1 - ئاينىڭ 21 - كۈنى سەھەردە، بۇ شىركەتنىڭ خىزمەتچىسى خۇاڭ يوۋلۇڭ بالدۇرلا ئىش ئورنىغا چىقتى. قاچىلاش مەشغۇلاتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ كېچىلىك ئىسمېنىدا ئىشلىگەندە چوقۇم سەھەر سائەت 2:00دىن بۇرۇن ئىش ئورنىغا كېلىشى كېرەك، ھارپا كۈنىمۇ شۇنداق.
بۇ شىركەتنىڭ مەركىزىي كونترول ئۆيىدىن كۇنۇپكا تاختىسىنىڭ ئاۋازى ئۈزۈلمەيتتى، سۆزلىشىش ئاپپاراتىدىن ئارىلاپ - ئارىلاپ ئورۇنلاشتۇرۇش بۇيرۇقى ئاڭلىنىپ تۇراتتى، 50كە يېقىن مەشغۇلاتچى شىركەتنىڭ 58 يۈرۈش قۇرۇلمىسىدىكى 10 مىڭدىن ئارتۇق ئۈسكۈنىنىڭ يۈرۈشۈشىنى كونترول قىلىۋاتاتتى.
دىستىللەپ ساپلاشتۇرۇش ئاساسىي كونترول ئىچكى مەشغۇلات خادىمى جاڭ جىپىڭ ئاساسلىقى مېتانول مەھسۇلاتىنىڭ سۈپىتى، ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى كونترول قىلىشقا مەسئۇل بولۇپ، ئۇدا ئىككى يىل باھار بايرىمىدىكى ھارپا كېچىسىنى خىزمەت ئورنىدا ئۆتكۈزدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «باھار بايرىمى ھارپىسىدا ئۆيدىكىلەرگە ھەمراھ بولالمىغانلىقىمدىن سەل ئۆكۈنىمەن، لېكىن كارخانىنىڭ ئۈنۈمى بارغانسېرى ياخشىلانسا، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز ئاندىن بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ».
2022 - يىلى بۇ شىركەت كۆپ جەھەتتىكى تەسىرنى يېڭىپ، ئىشقا ئاشۇرغان پايدا ئومۇمىي سوممىسى 870 مىليون يۈەن بولۇپ، ئاپتونوم رايوندىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ پايدا ئېلىشى بويىچە بىرىنچى سەپتە ماڭدى. 2023 - يىلى 1 - ئاينىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، مېتىل ئالكوگول، سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز، BDO (بۇتاندىئول - 4، 1) ئىشلەپچىقىرىش ئايلىق پىلانىنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %65.67، %62.06، %52.28 تاماملاپ، يېڭى يىلدا «تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش» ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.
شىنيې ئېنىرگىيە خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر ما جىنرۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھەر قېتىم باھار بايرىمى يېتىپ كەلگەندە، شىركەتتىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ %99ى ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، شىركەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ قوشىدۇ.