□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گاۋ فاڭ
باھار بايرىمىنىڭ ھارپا كۈنى، خاسىيەتلىك قار لەپىلدەپ يېغىۋاتاتتى، بۇ دەل بىر ئائىلە كىشىلىرى جەم بولىدىغان كۈن ئىدى. ئۈرۈمچى مېيخې ياشانغانلار كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىدا، ئۆيىگە قايتىپ باھار بايرىمى ئۆتكۈزەلمەيدىغان بەزى چوڭ ياشلىق ياشانغانلار تېببىي خادىملارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ خەۋەر ئېلىشى بىلەن بايرامنى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزدى.
ھەر كۈنى سائەت 13تە دوختۇرخانىدا چۈشلۈك تاماق بېرىلەتتى. كۈندۈزلۈك ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەركىزىنىڭ ئازادە، يورۇق ئاممىۋى غىزالىنىش رايونىدا، پەرۋىش خادىملىرى ياشانغانلارغا تۆت خىل قورۇما، بىر شورپا، ئىككى خىل ئاساسلىق تاماقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چۈشلۈك تاماق ئەكېلىپ بەردى. 86 ياشلىق ۋاڭ شيۇيۈن پەرزەنتلىرى بىلەن سىنلىق پاراڭلىشىۋاتاتتى، «قاراڭلار، بۈگۈن داپەنجى بىلەن پولۇ يېدۇق، بۇ يەردە بەك ياخشى غىزالىنىۋاتىمىز، خاتىرجەم بولۇڭلار.» بىرئازدىن كېيىن، ئۇ كېسەل باققۇچى دۇەن جيەنپىڭنى چاقىردى: «شياۋدۇەن تېز كېلىڭ، قاراڭ، بۇ، ئوغلۇم ئەۋەتكەن قىزىل بولاق شۇمۇ؟» «شۇ، 1000 يۈەن ئىكەن. قاراڭ، مۇنداق قىلسىڭىز تاپشۇرۇۋالالايسىز.» دۇەن جيەنپىڭ بىر تەرەپتىن ئۇنىڭغا يان تېلېفون مەشغۇلاتىنى ئۆگەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنى تەلەيلىك ئىكەنسىز دەپ ماختىدى، ئىككىسى خۇددى ئانا - بالىدەك چاقچاقلاشتى.
دوختۇرخانىنىڭ تائام مەركىزى ھەر كۈنى ئۈچ ۋاق تاماقتا قارا ئاشلىق ۋە ئاق ئاشلىقتىن ئىشلەنگەن يېمەكلىك، گۆشلۈك ۋە گۆشسىز تاماقلارنى مۇۋاپىق تەڭشەيدۇ، مەركەزدە يەنە دىيابېت كېسىلى تاماق تىزىملىكى ۋە خاس تاماق تىزىملىكى بار بولۇپ، چوڭ ياشلىق ياشانغانلارنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ئاجىزلاش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى.
كۈندىلىك ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەركىزىنىڭ سېسترالار باشلىقى سۇڭ خەييەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل 60 نەپەر ياشانغان كىشى دوختۇرخانىدا قېلىپ باھار بايرىمى ئۆتكۈزدى، كېسەل باققۇچىلار بالدۇرلا ياشانغانلارنى پاكىز يۇيۇندۇرۇپ، كىيىملىرىنى يۆتكەپ، ئۇلارنىڭ پاكىز، ئازادە ھالدا ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ يوقلىشىنى كۈتۈشىگە قولايلىق يارىتىپ بەردى ياكى ئۇلارنىڭ يىراقتىكى ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بىلەن ئۇلىنىش قىلىپ كۆرۈشۈشىگە ياردەم بەردى.
«90 - يىللاردا تۇغۇلغان» سېسترا دىنارە ياشانغانلارغا خۇشاللىق بېغىشلىغۇچى. شۇ كۈنى ئۇ بىر بوۋاينىڭ بېغىشىغا قول سائىتى سىزىپ قويدى، بوۋاينىڭ خۇشاللىقىدىن گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتتى؛ يەنە بىر موماينىڭ چېچىنى ئىككى ئۆرۈپ، مودا كىيىم كىيگۈزۈپ، چاقلىق ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزۇپ ئىتتىرىپ ھەممە يەرگە ئاپىرىپ كۆرسەتتى.
چۈشتىن كېيىن، تېببىي خادىملار ياشانغانلار بىلەن بىرلىكتە جۇۋاۋا تۈگدى، تائام مەركىزى كالا گۆشى بىلەن چىڭسەي ۋە كالا گۆشى بىلەن لوبودىن ئىككى خىل قىيما تەييارلاپ بەردى. سۇڭ خەييەن مۇنداق دېدى: «بۇ، دوختۇرخانا ھەر يىلى باھار بايرىمىدا چوقۇم قىلىدىغان ئىش. كەچتە بىر تەرەپتىن جۇۋاۋا يېگەچ، يەنە بىر تەرەپتىن باھار بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكىنى كۆرىمىز، ياشانغانلار بۇ يەرنى ئۆيىمىز دەپ بىلىدۇ».