□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ ۋېيگو
«بۈگۈن بىز بۇ يەردە 2022 - يىلى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە تۆھپە قوشقان كەنت ئاھالىلىرىنى تەقدىرلەيمىز، شۇنداقلا كۆپچىلىكنىڭ باھار بايرىمىنى خۇشال ئۆتكۈزۈشىنى، ئائىلىسىنىڭ بەختلىك بولۇشىنى تىلەيمىز» دېدى 1 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، ئاتۇش شەھىرى ئازاق بازىرى ئازاق كەنتىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان تەقدىرلەش يىغىنىدا، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىدىن ئازاق كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى شۈ يۈەنلىن.
ئازاق كەنتى ئىزچىل مۇناقى ئۈزۈم ئۆستۈرۈشنى ئاساس قىلىپ كەلگەن بولۇپ، 2022 - يىلى كەنت بويىچە كىشى بېشى ساپ كىرىمى 14 مىڭ 600 يۈەنگە يەتتى، تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلىنىش جەريانىدا، ئىشچان كەنت ئاھالىلىرى ئارقا - ئارقىدىن بارلىققا كەلدى. شۇ كۈندىكى تەقدىرلەش يىغىنىدا، ئازاق كەنتى پۈتۈن كەنتتىكى 60 نەپەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى ۋە ئاممىنى تەقدىرلىدى، ئۇلار يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ تىپىك ۋەكىللىرى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە تۆھپە قوشقان پىدائىيلار بولۇپ، يەنە كەنت دەرىجىلىك ئىشلارغا پائال قاتناشقان قىزغىن كەنت ئاھالىلىرىمۇ بار ئىدى، خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت ئاھالە كومىتېتى باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە ھەممەيلەنگە «ئەجىر قىلسىلا جاۋابقا ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقى»دەك ئىللىقلىقنى ھېس قىلدۇردى.
ئارزۇگۈل مىمان دەل مۇشۇنداق بىر كەنت ئاھالىسى. ئۇنىڭ ھويلىسى پاكىز، رەتلىك يىغىشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۈزۈملۈكىدىكى ئۈزۈملەر ھەر يىلى مول ھوسۇل بېرىدۇ، بۇ ئائىلىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى تىرىشچان بولغاچقا، پۈتۈن كەنتتىكىلەر ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلغان يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئۈلگىسىگە ئايلاندى. مۇكاپات سەھنىسىدە تۇرغاندا، ئارزۇگۈل سەل تارتىنىپ مۇنداق دېدى: «ئۆز ئۆيىمىزنى پاكىز يىغىشتۇرۇش، پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر بىرلىكتە تىرىشىشنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمىز».
«بەكرى، سىز كەنتتىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى، ئەگەر كەنت پارتىيە ياچېيكىسى بىرەر ئىشنى جايىدا قىلالمىغان بولسا، بىزگە چوقۇم كۆرسىتىپ بېرىڭ.» ئازاق كەنتىدىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى بەكرى ھاشىمنىڭ ئۆيىدە كەنت كادىرلىرى ئۇنىڭ بىلەن مۇڭداشتى.
بەكرى 25 يىللىق پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى بولۇپ، كەنتنىڭ ئەھۋالىنى ناھايىتى پىششىق بىلىدۇ، كەنتتە ناھايىتى يۇقىرى ئابرۇيغا ئىگە. كەنت ئاھالىلىرى ئارىسىدا تالاش - تارتىش، زىددىيەت بولسا، ئۇ مۇرەسسە قىلىدۇ، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىدۇ.
«كەنتتە بۇ بىر يىلدا تەرەققىيات ناھايىتى تېز بولدى، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئازاق كەنتىنىڭ بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى بەكرى.
باھار بايرىمى يېقىنلاشقاندا، ئازاق كەنتى پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى يوقلاش ۋە ئۇلاردىن ھال سوراش پائالىيىتىنى ئىزچىل قانات يايدۇرۇپ كەلدى، ھەربىر ئائىلىگە بارغاندا، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ۋە كەنت كادىرلىرىنىڭ ھەممىسى كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشىدا ساقلىنىۋاتقان قىيىنچىلىقلارنى ئىگىلەيدۇ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ خىزمەت ئەترىتى، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى تەكلىپ ۋە پىكىرلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلايدۇ. ئۇلار 1 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن باشلاپ 40 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسى ۋەكىلىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، باھار بايرىمىنىڭ 1 - كۈنى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ۋە كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ كادىرلىرى بىر قىسىم ئاممىنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ، ئۇلارنىڭ باھار بايرىمىنى مۇبارەكلەيدۇ.
«باھار بايرىمى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق بايرىمى، 2023 - يىلى ئازاق كەنتىنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىدا بارغانسېرى ياخشى ماڭىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى شۈ يۈەنلىن.