14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى
جاۋ لېجى، ئەر، خەنزۇ، 1957 - يىلى 3 - ئايدا تۇغۇلغان، شەنشى شىئەندىن، 1974 - يىلى 9 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1975 - يىلى 7 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، بېيجىڭ داشۆ پەلسەپە فاكۇلتېتىنىڭ پەلسەپە كەسپىنى پۈتكۈزگەن، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.
ھازىر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى)
جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ
ۋاڭ خۇنىڭ، ئەر، خەنزۇ، 1955 - يىلى 10 - ئايدا تۇغۇلغان، شەندۇڭ لەيجوۋدىن، 1977 - يىلى 2 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1984 - يىلى 4 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، فۇدەن داشۆ خەلقئارا سىياسىي فاكۇلتېتىنىڭ خەلقئارا سىياسىي كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، قانۇنشۇناسلىق ماگىستىرى، پىروفېسسور.
ھازىر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى)
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ
خەن جېڭ، ئەر، خەنزۇ، 1954 - يىلى 4 - ئايدا تۇغۇلغان، جېجياڭ سىشىدىن، 1975 - يىلى 12 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1979 - يىلى 5 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، خۇادۇڭ سىفەن داشۆسى خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە دۇنيا ئىقتىسادى كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئىشلەپ تۇرۇپ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، ئىقتىسادشۇناسلىق ماگىستىرى، ئالىي ئىقتىسادچى.
ھازىر جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى)