شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 5 - قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزدى.
ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى جاۋ لېجى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىكى 192 كىشى، قاتناشقانلار 192 كىشى، قاتناشقانلار سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى»نىڭ 62 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى نامزاتىنى كۆرسەتتى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى، ئەزالىرى نامزاتىنى كۆرسەتتى، يىغىننىڭ تەيىنلەشنى قارار قىلىشىغا سۇندى.
ھەيئەت رىياسىتى يىغىنى ئايرىم - ئايرىم ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، شى جىنپىڭ كۆرسەتكەن گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى نامزاتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى، ئەزالىرى نامزاتىنى ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ كېڭىشىشىگە سۇنۇشنى قارار قىلدى.
3 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى يىغىن ھەيئەت رىياسىتىگە دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ تەكلىپ نامزاتىنى كۆرسەتتى. ھەيئەت رىياسىتى يىغىنى ئايرىم - ئايرىم ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، يۇقىرىقى نامزاتلارنى ھەيئەت رىياسىتى كۆرسەتكەن نامزات سۈپىتىدە ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ پىكىرلىشىپ كېڭىشىشىگە سۇنۇشنى قارار قىلدى.
ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرىدىن لى گەنجيې، لى خۇڭجۇڭ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، شياۋ جيې، جېڭ جيەنباڭ، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، خې ۋېي، ۋۇ ۋېيخۇا يىغىنغا قاتناشتى.