شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي رەئىسلىرىنىڭ 5 - قېتىملىق يىغىنى 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى جاۋ لېجى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا يىغىننىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى جياڭ شىنجى بەرگەن يىغىن كاتىبات باشقارمىسىنىڭ گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى نامزاتى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى، ئەزالىرى نامزاتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نامزاتى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى نامزاتى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى باش تەپتىشىنىڭ نامزاتى، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئەزالىرى نامزاتىنى كېڭىشىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.
يىغىن يۇقىرىقى ھەرقايسى تۈرلەردىكى نامزاتلار ئىسىملىكى ۋە سايلام نامزاتلىرى ئىسىملىكى لايىھەسىنى ھەيئەت رىياسىتى 6 - قېتىملىق يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشقا قوشۇلدى.
يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرىدىن لى گەنجيې، لى خۇڭجۇڭ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، شياۋ جيې، جېڭ جيەنباڭ، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، خې ۋېي، ۋۇ ۋېيخۇا يىغىنغا قاتناشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 6 - قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزدى.
ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى جاۋ لېجى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىكى 192 كىشى، قاتناشقانلار 191 كىشى، قاتنىشالمىغىنى بىر كىشى، قاتناشقانلار سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.
3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى نامزاتى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى، ئەزالىرى نامزاتى توغرىسىدا كېڭىشىپ، نامزات ئىسىملىكىنى قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يىغىندا ئايرىم - ئايرىم ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، بۇ ئىككى نامزاتلار ئىسىملىكىنى يىغىن ئومۇمىي يىغىنىنىڭ تەيىنلەشنى قارار قىلىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.
ھەيئەت رىياسىتى 5 - قېتىملىق يىغىنىدا دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشىنىڭ نامزات ئىسىملىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن كېيىن پىكىرلىشىپ كېڭەشتى. ۋەكىللەر ئۈچ نامزات ئىسىملىكىنى قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يىغىندا ئايرىم - ئايرىم ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، يۇقىرىقى نامزاتلارنى رەسمىي سايلام نامزاتى سۈپىتىدە، يىغىن ئومۇمىي يىغىنىنىڭ سايلاپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.
ھەيئەت رىياسىتى 5 - قېتىملىق يىغىنىدا 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ نامزات ئىسىملىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن كېيىن پىكىرلىشىپ كېڭەشتى. ۋەكىللەر بۇ نامزات ئىسىملىكلىرىنى قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، يۇقىرىقى نامزاتلارنى رەسمىي سايلام نامزاتى سۈپىتىدە، يىغىن ئومۇمىي يىغىنىنىڭ سايلاپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.
ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي رەئىسلىرىدىن لى گەنجيې، لى خۇڭجۇڭ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، شياۋ جيې، جېڭ جيەنباڭ، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، خې ۋېي، ۋۇ ۋېيخۇا يىغىنغا قاتناشتى.