گېزىتىمىز، ئۈرۈمچى، 7 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى 7 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى ئاچقان شىنجاڭنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق تاشقى سودا ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 149 مىليارد 620 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %65.2 ئاشقان، ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 63.1 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان. شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئومۇمىي قىممىتىدە ئون يىلدىن بۇيانقى ئوخشاش مەزگىلدىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان.
ئۈرۈمچى تاموژنىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن تاموژنا باشلىقى لى چىڭخۇا مۇنداق دېدى: ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسىدا تېز ئېشىش سىجىل ساقلىنىپ، تاشقى سودا كۆلىمى ئۈزلۈكسىز ئېشىش، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ رايون ئورۇنلاشتۇرمىسى تېخىمۇ ماس بولۇش، سودا ھەمراھلىرى تېخىمۇ كۆپ مەنبەلىشىش، كۆپ خىل سودا شەكلى بەس ـ بەستە كۆپىيىش، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تاشقى سودىدىكى ئاساسىي قوشۇنلۇق رولى گەۋدىلىك بولۇش، تاشيول تىرانسپورتىنىڭ ئاساسىي يوللۇق رولى گەۋدىلىك بولۇش، تاۋار قۇرۇلمىسى ئۈزلۈكسىز ئەلالىشىش، قېزىلما بايلىق، يېزا ئىگىلىك ساھەسىدىكى تاشقى ھەمكارلىق ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەر نامايان بولدى.
شىنجاڭدىكى ئون ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنىڭ تاشقى سودا كۆلىمى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ ئىمپورت ـ ئېكسپورت قىممىتى %100.6 ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %30.7ىنى ئىگىلەپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 5.4 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلىدى. ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئىمپورت ـ ئېكسپورت سودا كۆلىمى داۋاملىق شىنجاڭ بويىچە بىرىنچى ئورۇننى ساقلىدى.
جۇڭگو شىنجاڭ يەرشارىدىكى 165 دۆلەت ۋە رايون بىلەن سودا ئالاقىسى شەكىللەندۈردى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان ئىمپورت ـ ئېكسپورت قىممىتى %75.1 ئېشىپ، %80نى ئىگىلىدى. «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىمپورت ـ ئېكسپورت قىممىتى %68.2 ئاشتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىمپورت ـ ئېكسپورت قىممىتى %75.9 ئاشتى، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان ئىمپورت ـ ئېكسپورت قىممىتى %14.8 ئاشتى.
ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭنىڭ چېگرا ئاز سوممىلىق سودا شەكلىدىكى ئىمپورت ـ ئېكسپورت قىممىتى %85.2 ئېشىپ، %61.5نى ئىگىلەپ، ئوخشاش مەزگىلدىكى شىنجاڭ تاشقى سودىسىنىڭ 46.7 پىرسەنت پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى. بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ چېگرا ئاھالىلىرى ئۆزئارا سودا بازىرى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلدى، تېز سۈرئەتتە ئاشتى. ئوخشاش مەزگىلدە، شىنجاڭنىڭ ئادەتتىكى سودا، باجدىن خالىي ئەشيا ئوبوروتى، پىششىقلاش سودىسى شەكلىدىكى ئىمپورت ـ ئېكسپورت قىممىتى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا %20.1، %104.8، %133 ئاشتى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭدىكى تۆت ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايوننىڭ جەملىمە ئىمپورت ـ ئېكسپورت قىممىتى %180.9 ئېشىپ، %40.5نى ئىگىلىدى.
شىنجاڭنىڭ تىجارەت ـ سودا مۇھىتى سىجىل ياخشىلىنىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تاشقى سودىغا بولغان تۈرتكىلىك رولى گەۋدىلىك بولدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭدىكى پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىمپورت ـ ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %75 ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 5.2 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلەپ، ئوخشاش مەزگىلدىكى شىنجاڭ تاشقى سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورتىنىڭ 66.3 پىرسەنت پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.
قاتناش ـ تىرانسپورتنى «قاتتىق تۇتاشتۇرۇش» چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىپ، تاشيول تىرانسپورتىنىڭ ئاساسىي يوللۇق رولى گەۋدىلىك بولدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭنىڭ تاشيول تىرانسپورتى شەكلىدىكى ئىمپورت ـ ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %104.6 ئېشىپ، %67.9نى ئىگىلەپ، شىنجاڭ تاشقى سودىسىدىكى ئەڭ ئاساسلىق تىرانسپورت شەكلىگە ئايلاندى؛ تۆمۈريول، ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتى شەكلىدىكى ئىمپورت ـ ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا %21.2، %88.9 ئاشتى.
قوشۇلما قىممىتى يۇقىرى مەھسۇلاتلارنىڭ ئېكسپورت رىقابەت كۈچى سىجىل ئېشىپ، تاۋار قۇرۇلمىسى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭنىڭ ئەمگەك كۆجۈملەشكەن مەھسۇلاتلىرى، ماشىنا ـ ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتىنىڭ ئېشىشى ئوخشاشلا %80تىن يۇقىرى بولدى. قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارېيە، لىتىيلىق باتارېيە، توكلۇق ئادەملىك ئاپتوموبىلدىن ئىبارەت «يېڭى ئۈچ خىل»نىڭ ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %91.9 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە، توكلۇق ئادەملىك ئاپتوموبىل، قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارېيەنىڭ ئېكسپورت قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا %363.3كە، 54.9 ھەسسىگە يەتتى.
قېزىلما بايلىق، يېزا ئىگىلىك ساھەسىدىكى تاشقى ھەمكارلىق ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ، ئىمپورتنى كېڭەيتىشتە ئىجابىي نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭ ئىمپورت قىلغان كان مەھسۇلاتلىرى، ياغ، ياغلىق دان، ئاشلىق قاتارلىق كۆپ مىقدارلىق تاۋارلاردا مىقدار ـ قىممەت تەڭ ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى، مېتال قېزىلمىسى ھەم رۇدا، پىششىقلانمىغان مىس ھەم مىس ماتېرىياللارنىڭ ئىمپورت قىممىتى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %87، %53.1 ئاشتى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىمپورت قىممىتى %46.9 ئاشتى.