□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي
ئائىلىدىكىلەر بىلەن دالىدا قونۇش، مۇزىكىلىق تىياتىر كۆرۈش، سودا سارايغا بېرىپ مال سېتىۋېلىش... قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ ئىستېمال بازىرى سىجىل ياخشىلاندى، تاۋارلارنىڭ تۈرى تولۇق، مال مەنبەسى مول، باھاسى مۇقىم بولدى.
ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى قوزغىتىش ئۈچۈن، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار بەس - بەستە كۆپ خىل شەكىلدىكى سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرىنى يولغا قويدى.
ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى بىلەن بىرلىشىپ، باھانى چۈشۈرۈپ سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئېتىبار بېلىتى ۋە ئىستېمال بېلىتى تارقىتىش قاتارلىقلار ئارقىلىق، «بىر موغا سېتىۋېلىش» «بىر يۈەنگە سېتىۋېلىش» قاتارلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش پائالىيەتلىرىنى يولغا قويدى.
ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق سودا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى مېڭ شياڭخۇ مۇنداق دېدى: بايرام مەزگىلىدە، سايباغ رايونىدىكى ھەرقايسى چوڭ سودا سارايلار باھانى چۈشۈرۈش، بەلگىلەنگەن سوممىغا يەتسە پۇلنى كېمەيتىش، مال سېتىۋالسا سوۋغا قىلىش پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ، ساھەلەر ھەمتۈرتكە بولۇش، سودىگەرلەر بىرلىشىش، ئامما خۇشال - خۇرام بەھرىمەن بولۇشتەك ئىستېمال كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بەردى، ئىستېمال ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى قوزغاتتى.
6 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، بەش كۈن داۋاملىشىدىغان «قۇربان ھېيتنى خۇشال - خۇرام كۈتۈۋېلىش . شادلىق ئىچىدە بۈگۈردىن بەھرىلىنىش . ئىستېمال ئاممىۋى كۆڭۈل ئېچىش يىغىلىشى» پائالىيىتى بۈگۈر ناھىيەسىدە باشلاندى. مىڭ كىشىلىك مەشرەپ، كىلاسسىك ئۇسسۇل، ناخشا، مۇزىكا قاتارلىق ئېسىل نومۇرلار نۆۋەت بىلەن ئورۇنلىنىپ، شاد - خۇراملىق، ئىناقلىققا تولغان بايرام كەيپىياتى يارىتىلدى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە ئۆي - مۈلۈك، ئاپتوموبىل، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، مەززىلىك تائام، بالىلار ئويۇنچۇقلىرى، ئېسىل تۈرلۈك ماللار قاتارلىق ئالتە چوڭ كۆرگەزمە رايونى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، «ھۆكۈمەت ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش + كارخانىلار پايدىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش» شەكلى ئارقىلىق، ئاممىنىڭ سۈپەتلىك بولۇش، كۆپ مەنبەلىك بولۇش، قولايلىق بولۇش جەھەتتىكى ئىستېمال ئېھتىياجى قاندۇرۇلىدىكەن.
بۈگۈر ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى لى لىڭ مۇنداق دېدى: پائالىيەت مەزگىلىدە تۈرلۈك ھۆكۈمەت ياردەم تولۇقلىمىسىدىن 2 مىليون يۈەن، كارخانا مۇكاپات بۇيۇمى ھەم ياردەم تولۇقلىمىسىدىن 4 مىليون يۈەن تارقىتىش مۆلچەرلەندى.
دەم ئېلىش كۈنى ئىستېمالى ئىقتىسادنىڭ ھاياتىي كۈچىنى كۆزىتىدىغان مۇھىم كۆزنەك. قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تۈرلۈك ئىستېمال يېڭى ھالىتى، يېڭى كەسىپ ھالىتى ئارقا - ئارقىدىن نامايان بولۇپ، ئائىلە بويىچە جەم بولۇش، ئەتراپتىكى جايلارنى ساياھەت قىلىش قاتارلىق ئېھتىياجلار مەركەزلىك قويۇپ بېرىلىپ، كىنو كۆرۈش، كۆرگەزمە كۆرۈش، دالا تامىقى يېيىش، دالىدا قونۇش قاتارلىق ئىستىراھەت ئىستېمالى سىجىل جانلاندى.
6 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، 45 كۈن داۋاملىشىدىغان «يازلىق يايلاق . كۆچمەن چارۋىچىلىق مەدەنىيىتى ساياھەت بايرىمى» ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى شۇيمو تىيانشان دۆلەت تاغقا چىقىش - بەدەن چېنىقتۇرۇش پىيادىلەر يولىدا باشلاندى. ساياھەت بايرىمىدا، ساياھەتچىلەر ئات بەيگىسى، ئوغلاق تارتىشىش، قىز قۇۋار قاتارلىقلارنى كۆرۈپ، يازلىق يايلاق تۇرمۇشىنى چۆكۈش شەكلىدە ھېس قىلالايدۇ.
«قويۇق مىللەتلەر ئۆرپ - ئادىتى تۈسىگە ئىگە نومۇرلارنى كۆردۇق، بۇ جايدىكى ئۆزگىچە مەززىلىك تائاملىرىنى تېتىدۇق، دوستلار بىلەن بىللە پىيادە ماڭدۇق، يەنە كېپىنەكلەرنى قوغلىشىپ ئوينىدۇق، بۇ قېتىمقى سەپىرىم ھەقىقەتەن ئەرزىيدۇ!» دېدى فۇجيەنلىك ساياھەتچى جاڭ يىمىڭ.
ياكى ھەمراھ بولۇشۇپ داكا قىلىپ سۈرەتكە چۈشۈش، ياكى مەشنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ چاي قايناتقاچ كىشىلىك ھايات توغرىسىدا كەڭ - كۇشادە پاراڭلىشىش... 6 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ بەنفاڭگوۋ بازىرى دېڭساۋگوۋ كەنتىدىكى شىيې دالىدا قونۇش رايونى ئىچىدە شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەر تەبىئەت بىلەن يېقىن ئۇچرىشىشقا ماس كېلىدىغان گۆھەر جاينى تاپتى.
ياز پەسلىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئۈرۈمچىنىڭ شەھەر ئەتراپىدىكى ئۆز ئاپتوموبىل دالا لاگېرى، ئۆي ئاپتوموبىل دالا لاگېرى ئاۋات پەسىلنى كۈتۈۋالدى، ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنى ئېلىپ دالىدا قونۇش، ئائىلە بويىچە دالىدا قونۇش ھەمدە ياشلارنىڭ يىغىلىشىغا ماس كېلىدىغان بىرقەدەر ھەشەمەتلىك دالىدا قونۇش شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ ئىستىراھەت - ئارام ئېلىشتىكى قىزىق تاللىشى بولۇپ قالدى.
يازلىق تەتىل يېقىنلىشىپ قالدى، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار ساياھەتنىڭ ئاۋات پەسلىنى كۈتۈۋالدى.
6 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، جىمىسار ناھىيەسىنىڭ چۇەنزىگەي بازىرى 1 - نۆۋەتلىك «چېشىنى بەھۇزۇر ساياھەت قىلىش» بۆلجۈرگەن ئۈزۈش پەسلى پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، جىمىسار ناھىيەسى چېشى قەدىمىي يولىدا مېڭىش، يېزا - كەنت گۈلخان كاتتا زىياپىتى قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك مەدەنىيەت - ساياھەت پائالىيەتلىرىنى پىلانلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بەزى مەنزىرە رايونلىرى بۇ يىل تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانى بېرىدىغان، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بەرگەن ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا كىرىش بېلىتى ھەققىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى.