گېزىتىمىز، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 18 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يايۈن خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ئوبلاستقا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلار، تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتى، قاراماي شەھىرى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، قومۇل شەھىرى، تۇرپان شەھىرى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتىدىن ئىبارەت 13 ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)نىڭ دۆلەت زېمىن بوشلۇقى ئومۇمىي يىرىك پىلانىغا رەسمىي تەستىقىي جاۋاب بەردى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ دۆلەت زېمىن بوشلۇقى ئومۇمىي يىرىك پىلانىمۇ گوۋۇيۈەننىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىغا سۇنۇلغانىدى.
بۇ، بۇ يىل 5 - ئاينىڭ 17 - كۈنى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دۆلەت زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلانى (2021 - يىلىدىن 2035 - يىلىغىچە)» گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقىي جاۋابىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايون ھەر دەرىجىلىك دۆلەت زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلانىنى تۈزۈش، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش خىزمىتىنى تاماملاشنى تېز ئالغا سىلجىتىشتا قولغا كەلتۈرگەن مۇھىم نەتىجە بولۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ مەسئۇلىيەت، ھوقۇق ئېنىق بولغان، ئىلمىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان دۆلەت زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلان سىستېمىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئورناتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
13 ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)نىڭ دۆلەت زېمىن بوشلۇقى ئومۇمىي يىرىك پىلانىدا «ئۈچ رايون، ئۈچ لىنىيە» ئاساس قىلىنىپ، دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنى ئېچىش، قوغداش ئەندىزىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، يېزا ئىگىلىكى، ئېكولوگىيە، شەھەر - بازار بوشلۇقى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇلدى، بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بولۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك تايانچ نۇقتىسى، مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى، مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى مۇھىم تەمىنات بازىسى، دۆلەتنىڭ جۇغراپىيەلىك خەۋپسىزلىكىنى قوغداشتىكى ئىستراتېگىيەلىك توسۇق بەرپا قىلىش» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىگە ئومۇميۈزلۈك تىرەك بولۇپ، ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايون ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى شۇنداقلا تۈرلۈك ئېچىش قۇرۇلۇشىنى تەبىئىي بايلىق ئامىلى كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتى ھەرقايسى جايلارنىڭ ناھىيە (شەھەر) دۆلەت زېمىن بوشلۇقى ئومۇمىي يىرىك پىلانىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى تېزلىتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، دۆلەت زېمىن بوشلۇقى تەپسىلىي يىرىك پىلانى ۋە ئالاقىدار مەخسۇس يىرىك پىلانلارنى تۈزۈش، تەستىقلاشقا يوللاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدۇ، دۆلەت زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلانى سىستېمىسىنى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇپ ھەم نازارەت قىلىپ يولغا قويۇپ، دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنى ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن بوشلۇق كاپالىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدۇ.