6 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، خىزمەتچى خادىملار ئۈرۈمچى ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا مەشغۇلات قىلماقتا. قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىۋاتقان خىزمەتچى خادىملار ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، جىددىي قۇرۇلۇش قىلدى. نۆۋەتتە، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئاۋىياتسىيە بىناسى تۈرى بېزەشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە ئۈسكۈنىلەرنى بىرلىشىپ تەڭشەش، بىرلىشىپ سىناش باسقۇچىغا كىردى، كېلەر يىلى تىجارەتكە كىرىشتۈرۈش مۆلچەرلەنمەكتە. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى يۈ جياڭيەن، لۇ فېڭباۋ
نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرى سېلىنمىنى كېڭەيتىش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچ. 2024 - يىلى، ئاپتونوم رايون 430 نۇقتىلىق تۈرنى يولغا قويدى، ئومۇمىي سېلىنمىسى 3 تىرىليون 300 مىليارد يۈەن بولۇپ، 350 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق سېلىنمىنى تاماملاشنى پىلانلىدى. قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەرقايسى نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشى ئىش ئورۇنلىرىدا، قۇرۇلۇشچىلار ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، تۈر قۇرۇلۇشى ئالتۇن مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، قۇرۇلۇشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىنى جاسارەت بىلەن تاماملىماقتا.
6 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۆللۈكتە پىژغىرىم ئىسسىق بولۇۋاتاتتى، تارىم نېفىتلىكى جەنۇبىي شىنجاڭنى گازلاشتۇرۇش تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشىنىڭ 1 - تۈركۈمدىكى تۈرى − كېلا - جەنۇبىي بۈگۈر قوش لىنىيەسى 2 - نومۇرلۇق كىلاپان بۆلۈمى - يېڭىمەھەللە تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشى جىددىي قىلىنىۋاتاتتى. 200دىن ئارتۇق ئادىمى بار قۇرۇلۇش قىلىش ئەترىتى تۇرۇبا يولىنى كەپشەرلەش، تۇرۇبا ئازگىلى قېزىش بىلەن ئالدىراش ئىدى.
جەنۇبىي شىنجاڭنى گازلاشتۇرۇش تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك پۈتكەندىن كېيىن، تۇرۇبا تورى ئىلگىرىكى «C» ھەرپى شەكلىدىن «O» ھەرپى شەكلىگە تەرەققىي قىلىدۇ. بۇ، تارىم ئويمانلىقىنى چۆرىدىگەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يول، تارىم ئويمانلىقىنى چۆرىدىگەن تۆمۈريول، تارىم ئويمانلىقىنى چۆرىدىگەن ئېلېكتىر تورىدىن كېيىن شەكىللەندۈرۈلىدىغان 4 - ئايلانما − تارىم ئويمانلىقىنى چۆرىدىگەن تەبىئىي گاز تۇرۇبا تورى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
مۇخبىرنىڭ تارىم نېفىتلىكى جەنۇبىي شىنجاڭنى گازلاشتۇرۇش تۇرۇبا تورى قۇرۇلۇشى بويىچە قۇرۇش - باشقۇرۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تۈر دىرېكتورى بۆلۈمىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ قۇرۇلۇشتا 81 كىلومېتىر تۇرۇبا يولى ياتقۇزۇلغان، 68 كىلومېتىر تۇرۇبا يولى كەپشەرلەنگەن، 26 كىلومېتىر تۇرۇبا يولى چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە بىر تەرەپ قىلىنغان، 13 كىلومېتىر تۇرۇبا ئازگىلى قېزىلغان.
يۇرۇڭقاش سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشىدا 2020 - يىلى ئىش باشلانغان بولۇپ، 2028 - يىلى 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تولۇق تاماملاش پىلانلانغان. نۆۋەتتە، تۈر قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا ماشىنىلار گۈرۈلدەپ مېڭىپ، 800دىن ئارتۇق ئىشچى ئوڭ - سول قىرغاقتىكى يان تەگلىك تاختا ئورنى، زاۋۇت بىناسى ئەتراپىدىكى يانتۇلۇق، بىرلەشمە سۇ كىرىش ئېغىزى ئەتراپىدىكى يانتۇلۇقنى كولاش، ھەمدە كەلكۈن قويۇۋېتىش قۇرۇلۇشى، سۇ باشلاش قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى قىلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.
مۇخبىرلارنىڭ جۇڭگو ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشى گېجوۋبا شەھەر مەمۇرىيىتى شىركىتى يۇرۇڭقاش سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى تۈر بۆلۈمىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئېقىن باشلاش سۈڭگۈچى ھەم سۈڭگۈچنىڭ يانداش قۇرۇلۇشلىرى تولۇق تاماملانغان بولۇپ، يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىندىكى قورشاش توسمىسى قۇرۇلۇشى تاماملانغان، توسمىنى كۆزىتىش ئۆڭكۈرى تۇتاشتۇرۇلغان، ئوڭ قىرغاق توسما گەۋدىسى ھەم يان تەگلىك تاختىسى ئورنىدىكى 1 مىليون 69 مىڭ كۇب مېتىر داشقال كولاپ تازىلانغان، سول قىرغاق توسما گەۋدىسى ھەم يان تەگلىك تاختىسى ئورنىدىكى 331 مىڭ كۇب مېتىر داشقال كولاپ تازىلانغان.
G0711 لىنىيەسى ئۈرۈمچى - لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى تىيانشاندىن ھالقىپ جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم يول بولۇپ، نۆۋەتتە يول قۇرۇلۇشى قىزغىن ئىشلىنىۋاتىدۇ. 6 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، پاراسلاپ ئېتىلىۋاتقان پوجاڭزا سادالىرى ئىچىدە، كۆۋرۈك سېلىش ماشىنىسى بىر پارچە ئالدىن ياسالغان ساندۇقسىمان لىمنى كۆتۈرۈپ ئاستا - ئاستا كۆۋرۈك گۇندىسى ئۈستىگە قويدى، بۇ تۈردىكى توپا قۇرۇلۇشىنىڭ 4 - بۆلەك يۆجىن 2 - نومۇرلۇق كۆۋرۈكىنىڭ 1 - لىمى قۇراشتۇرۇلۇپ بولدى.
«بايرام مەزگىلىدە دەم ئالمايمىز، يازلىق قۇرۇلۇش ئالتۇن مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، بىخەتەرلىك ۋە سۈپەت ئۆتكىلىنى ياخشى ئىگىلەپ، يىل ئاخىرىدا بۆلەكنىڭ ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشىنى تاماملاشنى قولغا كەلتۈرىمىز» دېدى جۇڭگو قاتناش قۇرۇلۇش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ ئۈرۈمچى - لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى PPP ھۆددە تۈرىنىڭ ئۈرۈمچى - لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى توپا قۇرۇلۇشى 4 - بۆلەك تۈر بۆلۈمىنىڭ باش ئىنژېنېرى ۋۇ شىڭۋاڭ.
ئۈرۈمچى - لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى توپا قۇرۇلۇشىنىڭ 4 - بۆلىكى تىيانشاننىڭ ئىچكىرىسىدە بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 13.247 كىلومېتىر، قۇرۇلۇش مەزمۇنى ئاساسلىقى تۆت كۆۋرۈك، تۆت تونېل ھەمدە ئاز مىقداردىكى يول ئۇلى قۇرۇلۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، كۆۋرۈك ۋە تونېللارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %99كە يېتىدۇ. يول لىنىيەسى جىلغىنى بويلاپ ياسىلىدىغان بولغاچقا، قۇرۇلۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى زور، بىخەتەرلىك خەۋپ - خەتىرى يۇقىرى بولۇپ، بارلىق قۇرۇلۇش قىلغۇچىلار ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن قۇرۇلۇش قىلىپ، ئومۇمىي قۇرۇلۇش مىقدارىنىڭ %77.32ىنى تاماملاپ بولدى.
«سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشى تېزلىتىلدى، ھازىر، شىنجاڭدا بىر تۈركۈم نۇقتىلىق يېڭى ئېنېرگىيە تۈرى، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى تۈرى، يېشىل كانچىلىق تۈرى قاتارلىقلار تېز ئالغا سىلجىتىلماقتا. ھازىر جۇڭگو لۈفا شىنجاڭ جۇڭلۈ ئېلېكتىر تېخنىكىسى چەكلىك شىركىتىنىڭ 20 مىڭغا يېقىن قۇرۇلۇش خادىمى چاقىلىق ناھىيەسى، نىلقا ناھىيەسى، كۈيتۈن شەھىرىدە يورۇقلۇق ۋولت تۈرى قۇرۇلۇشى قىلىۋاتىدۇ.
نىلقا ناھىيەسىدە ئىشچىلار يورۇقلۇق ۋولت تىرىكى ئورنىتىش، يورۇقلۇق ۋولت تاختىسى ياتقۇزۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، 4 مىليون كىلوۋاتلىق شامال ئېلېكتىر بىلەن يورۇقلۇق ۋولتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تۈرىنىڭ 2 - قارارلىق قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتتى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جۇڭگو لۈفا شىنجاڭ جۇڭلۈ ئېلېكتىر تېخنىكىسى چەكلىك شىركىتى بۇ جايدىكى نۇرغۇن يېزا - بازاردا يورۇقلۇق ۋولت كۇرسى ئېچىپ، 2000دىن ئارتۇق دېھقان - چارۋىچىنىڭ ئىشىك ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.
كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسپى «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نىڭ بىرى. شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ تەييار كۆمۈرلۈك بار، مۆلچەرلەنگەن زاپىسى 390 مىليارد توننا بولۇپ، شىنجاڭدىكى بەش چوڭ كۆمۈرلۈكنىڭ بىرى، دۆلەت بېكىتكەن 14 چوڭ تىپتىكى كۆمۈر بازىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى.
6 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، بۇ تەرەققىيات رايونىدىكى شىخېيشەن كەسىپلەر باغچىسىدا، يەرشارى بويىچە ئەڭ چوڭ بولغان كۆمۈرنى ئاساس قىلغان مېتىل ئالكوھول تۈرى − شىنجاڭ چىيا يېڭى ماتېرىيال چەكلىك شىركىتىنىڭ يىلىغا 6 مىليون توننا كۆمۈرنى ئاساس قىلغان مېتىل ئالكوھول ئىشلەپچىقىرىش تۈرىدە رەسمىي ئىش باشلاندى. مېتىل ئالكوھولنى ھەم پاكىز يېقىلغۇ قىلىشقا، ھەم سانائەت ئىشلەپچىقىرىش خام ئەشياسى قىلىشقا بولىدۇ، ئۇنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق بولۇپ، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ «شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش» سۈرئىتى تېز ئاشتى. دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى شىنجاڭ ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ «شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش»تىكى مۇھىم ئىقتىدار كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 55.6 كىلومېتىر كېلىدىغان جياڭجۈنمياۋ - خېيشەن تۆمۈريولى مەخسۇس لىنىيەسىنىڭ يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان 2 - لىنىيەسى ھەم ئېلېكتىرلەشتۈرۈپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى جىددىي ئىشلەنمەكتە، شەرقىي جۇڭغار چۆللۈكىدە ئەجدىھادەك سوزۇلۇپ ياتقان رېلىسلار ئۈزلۈكسىز ئۇزارتىلماقتا.
«تۈر پۈتكەندىن كېيىن، جياڭجۈنمياۋ - نوم تۆمۈريولى بىلەن يوچۇقسىز جىپسىلىشىپ، توشۇش ئىقتىدارى 7.5 ھەسسە ئېشىپ، رايون ئىچىدىكى كۆمۈر كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ.» شىنجاڭ تىيانشان تۆمۈريول چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ تېخنىكا مەسئۇلى لېي دېڭجۈن مۇنداق دېدى: جياڭجۈنمياۋ - خېيشەن تۆمۈريولى 2 - لىنىيەسىنىڭ توشۇش ئارىلىقى ئىلگىرىكى غەرب تەرەپتىن چىقىپ شەرق تەرەپكە قاراپ ماڭىدىغان ئايلانما لىنىيەگە قارىغاندا 300 كىلومېتىر قىسقىرايدۇ، ئېلېكتىرلەشتۈرۈپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى تىرانسپورتنى تەشكىللەش ئۈنۈمىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرىدۇ.