□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى
ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 12 - ئومۇمىي يىغىنىدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ قانۇنچىللىققا ئەھمىيەت بېرىپ، قانۇنچىللىقنى قاتتىق يولغا قويۇپ، قانۇنچىللىق يولىدا ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسى تولۇق نامايان قىلىندى. ھازىر، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار يىغىن روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ قانۇنچىللىشىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتماقتا.
پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى تۈزۈم سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرىمىز
ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى تۈزۈم سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.
«بۇ يىلدىن بۇيان، بىز نىزام چىقىرىش پىلانى بويىچە، نۇقتىلىق ساھەلەرگە دائىر نىزام چىقىرىشنى تېزلەتتۇق، نىزامنى 1 - قېتىم قاراپ چىقىش، 2 - قېتىم قاراپ چىقىشتىن ئىلگىرى تور ئارقىلىق جەمئىيەتتىن پىكىر ئالدۇق، 23 ئاساسىي قاتلام نىزام چىقىرىش ئالاقە نۇقتىسىنىڭ خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ پىكرىنى ئاڭلىشىغا يېتەكچىلىك قىلدۇق، نىزاملار ماقۇللانغاندىن كېيىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنى ۋاقتىدا ئېچىپ تەشۋىقاتنى ياخشى ئىشلىدۇق، نىزام چىقىرىشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىدا خەلق رايىغا قۇلاق سېلىپ، خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملىدۇق» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لى جۈەن.
لى جۈەن مۇنداق بىلدۈردى: خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنى ياخشى داۋاملاشتۇرۇپ، ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياخشى يۈرۈشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ شىنجاڭدىكى ئەمەلىيەت تەجرىبىلىرىنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، نىزام چىقىرىش ھوقۇقى، نازارەت قىلىش ھوقۇقى، تەيىنلەش - قالدۇرۇش ھوقۇقى، مۇھىم ئىشلارنى قارار قىلىش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈش ئارقىلىق خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.
ئالتاي شەھىرى خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىش تۈرلىرى بويىچە خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئاۋاز بېرىش تۈزۈمى سىناق نۇقتىسى تەسىس قىلدى؛ قابا ناھىيەسى «خەلق تۇرمۇشىغا دائىر مىكرو ئەمەلىي ئىشلار» بويىچە تەۋسىيە بېجىرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، «ئامما ئوتتۇرىغا قويۇش، ۋەكىللەر تاپشۇرۇش، ھۆكۈمەت بېجىرىش، خەلق قۇرۇلتىيى نازارەت قىلىش، ئامما باھالاش» خىزمەت مېخانىزمى ئورناتتى... ئالتاي ۋىلايىتىدە، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى ئاساسىي قاتلامدا جۇشقۇنلۇقى ۋە ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى.
«ئالتاي ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتى ئومۇمىي يىغىن روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھات ئارقىلىق يۆنىلىشكە يېتەكچىلىك قىلىش، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشقا كۈچ قوشۇش، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش، يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇش، قانۇنچىللىق سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق خەلق قۇرۇلتىيى ساھەسىدىكى ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئالغا سىلجىتىپ، ۋەكىللەرنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن ئالاقە باغلاش مەزمۇنى ۋە شەكلىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى توپلايدۇ» دېدى ئالتاي ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىر سابىت قەزىز.
كېڭىشىش دېموكراتىيەسى − پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنىڭ مۇھىم شەكلى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كېڭىشىش سۇپىلىرىنى پائال بەرپا قىلىپ، كېڭىشىپ پىكىر ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەركىزىي خىزمەت، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى چۆرىدەپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىپ چارە - تەدبىر كۆرسىتىپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ كەڭ دائىرىلىك، كۆپ قاتلاملىق، تۈزۈملۈك راۋاجلىنىشىنى ئالغا سىلجىتتى.
«بىز ئومۇمىي يىغىننىڭ كېڭىشىش دېموكراتىيەسى مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپنى گەۋدىلەندۈرۈپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرىمىز.» ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش تەكلىپ كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لى چى مۇنداق بىلدۈردى: دىققەتنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئورۇنلاشتۇرما قىلغان ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنى تەكلىپ خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، تەكلىپلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى، ئەنگە ئېلىنىشى، بېجىرىلىشى، بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىنىشى قاتارلىق ھالقىلاردا ئوخشاش بولمىغان قاتلام، ئوخشاش بولمىغان شەكىلدىكى كېڭىشىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، تەكلىپ خىزمىتى جەريانىنى كېڭىشىش دېموكراتىيەسى ئەمەلىيىتى جەريانىغا ئايلاندۇرۇپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسى مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەكلىپ خىزمىتى ئارقىلىق سىياسىي كېڭەشنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا مۇلازىمەت قىلىپ، تىرىشىپ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىگە كۈچ قوشىمىز.
شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز
«ئومۇمىي يىغىندا، نۇقتىلىق ساھەلەر، يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەر قاتارلىقلارغا ئائىت يەرلىك نىزام چىقىرىشنى كۈچەيتىش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.» ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتى نىزام چىقىرىش 2 - باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى ئەلى تۇرسۇن مۇنداق دېدى: نىزام چىقىرىش قانۇنچىللىقنى يۈرۈشتۈرۈشنىڭ باشلىنىش ھالقىسى، نىزام چىقىرىش سۈپىتىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن بولۇشى قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش، قانۇنغا رىئايە قىلىش ئەمەلىي ئۈنۈمىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئەلى مۇنداق بىلدۈردى: نىزام چىقىرىش خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مەمۇرىي نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، دىققىتىمنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ نۇقتىلىق خىزمەتلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، نىزام چىقىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرىمەن.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى قانۇنچىل شىنجاڭ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا، دىققەتنى «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار»غا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال خىزمەت مېخانىزمى ئورنىتىپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ باشلامچىلىق بىلەن قانۇنغا ھۆرمەت قىلىشى، قانۇننى ئۆگىنىشى، قانۇنغا رىئايە قىلىشى، قانۇننى تەتبىقلىشىغا تۈرتكە بولدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى كەيپىياتى كۈنسېرى قويۇقلاشتى، قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى تۈزۈلمە - مېخانىزمى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتى، قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر تەدرىجىي ئەمەلىيلەشتى.
«رەھبىرىي كادىرلار شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئاچقۇچى، شۇنداقلا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى.» ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى كاتىبات باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى چېن لېي مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، قانۇنچىللىق خىزمىتىدىن مەلۇمات بېرىش خىزمىتى، قانۇنچىللىقنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈپ باھالاشنى ئىزچىل ئەمەلىي تۇتۇپ، مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىش ئەھۋالىنى كادىرلارنى تەكشۈرۈپ باھالاشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، قانۇنچىللىق ساپاسى ۋە قانۇنچىللىق ئىقتىدارىغا ئەھمىيەت بېرىدىغان ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشى تۇرغۇزۇپ، پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرىنىڭ قانۇنچىللىق تەپەككۇرىنى تەتقىق قىلىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، پىلانلاش، لايىھەلەش، مەمۇرىي تەدبىر بەلگىلەش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا، ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
«چەت ئەلگە ئالاقىدار قانۇن مۇلازىمىتى شىنجاڭنىڭ ئادۋوكاتلىق ساھەسىدىكى يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى كۈچەش نۇقتىسى.» شىنجاڭ ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى گېڭ باۋجيەن مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ «2023 - يىللىق ئوتتۇرا ئاسىيا قانۇن مۇلازىمىتى ھەمكارلىق مۇنبىرى» «جۇڭگو تاشقى مۇلازىمەت سودا كۆرگەزمىسى چەت ئەلگە ئالاقىدار قانۇنچىللىق كۆرگەزمىسى» «جۇڭگو - رۇسىيە سودا ھەمكارلىقى مۇنبىرى» «جەنۇبىي ئاسىيا قانۇن مۇنبىرى» قاتارلىقلارنى ئۆتكۈزۈپ ۋە قاتنىشىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ھەم «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەردىكى ئادۋوكاتلار جەمئىيەتلىرى، جۇڭگو مەبلەغ سالغان كارخانىلار ۋە چەت ئەل سودىگەرلىرى بىلەن قويۇق ھەمكارلىق مېخانىزمى ئورناتتى.
گېڭ باۋجيەن مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى خەلقئارا خىزمەت بۆلۈمى تەسىس قىلىپ، جۇڭگو ئادۋوكاتلىرىنىڭ «سىرتقا چىقىشى»غا مۇلازىمەت قىلىمىز؛ چېگرا سىرتىدىكى تۇنجى جۇڭگو قانۇن مۇلازىمىتى مەركىزىنىڭ ئالمۇتا مەركىزىنى قۇرۇشقا پائال قاتنىشىپ، قانۇندىن مەسلىھەت بېرىش، سىياسەتنى چۈشەندۈرۈش، ماجىرالارنى بىر تەرەپ قىلىش، خەلقئارا سودا ئىشلىرىدىكى تالاش - تارتىشلارنى دەۋاسىز ھەل قىلىش قاتارلىق چەت ئەلگە ئالاقىدار كۆپ تۈرلۈك ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيمىز؛ يەنە شىنجاڭدىكى ئادۋوكاتلىق ئورۇنلىرىنىڭ شياڭگاڭ، ئاۋمېندىكى ئادۋوكاتلىق ئورۇنلىرى بىلەن بىرلىشىپ تىجارەت قىلىدىغان ئادۋوكاتلىق ئورنى قۇرۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭ قانۇن مۇلازىمىتى كەسپىنىڭ خەلقئارا نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى تېزلىتىپ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ خەلقئارا بازارنى ئېچىشىغا كۈچ قوشىمىز.
جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويىمىز
«ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 12 - ئومۇمىي يىغىنىدا مەۋقە شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە قويۇلۇپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى كۈچەش نۇقتىسى دەل جايىدا تېپىپ چىقىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر خىزمەت تەدبىرلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، بۇ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن شۇجىسى بى دېگو.
بى دېگو مۇنداق بىلدۈردى: ئومۇمىي يىغىن روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش تۈزۈلمە - مېخانىزمى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى دەل جايىدا چۈشىنىپ ۋە ئىگىلەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاپ ئالغا سىلجىتىمىز. «جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باشتىن - ئاخىر باش ئورۇنغا قويۇپ، مۇقىملىقنى تۇتۇش ۋە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى جەھەتتىكى خىزمەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ بىرلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مۇقىملىق ئارقىلىق تەرەققىياتقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز، تەرەققىيات ئارقىلىق مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرىمىز؛ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇش خىزمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ قانۇنچىللىق يولىدا يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز» دېدى بى دېگو.
«يىغىندا <ئاممىۋى بىخەتەرلىكنى ئىدارە قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش> ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى، يول قاتناش بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش خىزمىتى ئاممىۋى بىخەتەرلىكنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولغاچقا، بىز مەسئۇلىيىتىمىزنىڭ ئېغىرلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق گۇڭئەن نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باش ئەترەت باشلىقى پولات شەمشىدىن.
بۇ يىلدىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى گۇڭئەن قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى يوشۇرۇن خەۋپنى تۈزەش، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق كۈچ قوشۇش، يولدىكى خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، تەشۋىق قىلىش - يېتەكلەش قاتارلىق تەدبىرلەرنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتتى، ئاپتونوم رايون بويىچە ئادەتتىكى يول قاتناش ھادىسىلىرىنىڭ يۈز بېرىش قېتىم سانى، ئۆلگەنلەر سانى، يارىلانغانلار سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا %8.76، %8.72، %10.28 تۆۋەنلىدى. مايتاغ - كۇچا تاشيولىنى ئۆرنەك قىلىپ، ئون سەرخىل ساياھەت لىنىيەسىنى چۆرىدەپ يول قاتنىشى بىخەتەرلىكى بويىچە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تورى بەرپا قىلىپ، 200 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ساياھەتچىنىڭ بىخەتەر، راۋان سەپەرگە چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.
«بىز مەۋقەنى گۇڭئەن قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ ھادىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش، راۋانلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش خىزمەت نىشانىغا قويۇپ، قاتناش ساقچىلىرىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىشى بىلەن مۇلازىمەت قىلىشى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئاممىۋى بىخەتەرلىكنى ئىدارە قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يول قاتناش ساھەسىدىكى جەمئىيەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىمىز» دېدى پولات.
شىنجاڭ چېگرادىن كىرىش - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش باش پونكىتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن 16 پورتنىڭ چېگرادىن كىرىش - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش ۋەزىپىسى ۋە 208 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان چېگرا تەۋەلىك رايونىنىڭ ئامانلىق ساقلاش بويىچە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان، بۇ باش پونكىت دىققەتنى چېگرا بىخەتەرلىك - مۇقىملىق توسۇقىنى مۇستەھكەملەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، چېگرا تەۋەلىك رايونىنىڭ ئامانلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، چېگرا رايوننىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.
«بىز ئاڭلىق ھالدا چېگرا باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ ئومۇمىي ۋەزىيەتكە قويۇپ پىكىر يۈرگۈزۈپ ۋە پىلانلاپ، يېڭىچە ساقچى ئىشلىرى يۈرۈشۈش ئەندىزىسىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى سۈپەتلىك گۇڭئەن جەڭگىۋار كۈچىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ ۋە يۈكسەلدۈرۈپ، يېڭى خەۋپسىزلىك ئەندىزىسى ئارقىلىق يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە كاپالەتلىك قىلىمىز ۋە مۇلازىمەت قىلىمىز» دېدى شىنجاڭ چېگرادىن كىرىش - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش باش پونكىتى چېگرا باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلى لى رۇڭشەن.
(مۇخبىر سۈي يۈنيەن، قاتناشقان مۇخبىرلار جاڭ لېي، جاڭ يەنفاڭ، ۋاڭ نا، جاڭ جيا)