گېزىتىمىز، ئۈرۈمچى، 8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى رايىدە، پەرىزات ئابدۇل خەۋەر قىلىدۇ: 2021 - يىلىدىن 2023 - يىلىغىچە، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ ئىشقا ئاشۇرغان ئىمپورت - ئېكسپورت سودا ئومۇمىي قىممىتى جەمئىي 33 مىليارد 102 مىليون يۈەن بولۇپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %60تىن كۆپرەك ئاشتى؛ ھازىرغا قەدەر، تارباغاتاي ۋىلايىتى ئاچقان يېڭى ئېنېرگىيە كۆلىمى 10 مىليون 580 مىڭ كىلوۋات بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %24.91، «13 - بەش يىل» مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %227.9 ئاشتى؛ 2023 - يىلى، شىنجاڭ تارباغاتاي نۇقتىلىق ئېچىش - ئېچىۋېتىش سىناق رايونىدىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى كارخانىلار ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، شۇ يىلقى سانائەت قوشۇلما قىممىتى 400 مىليون يۈەندىن ئاشتى، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %74.57 ئاشتى، ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %108.27 ئاشتى... 8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن «شىنجاڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش» يۈرۈشلۈك باش تېمىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى(8 - مەيدان)دا، تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى كىشىنى خۇشال قىلىدىغان بىر قاتار سانلىق مەلۇماتلار ئېلان قىلىندى.
بۇ مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ باش تېمىسى «شىنجاڭ تارباغاتاي نۇقتىلىق ئېچىش - ئېچىۋېتىش سىناق رايونى تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش»تىن ئىبارەت. تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى ئايدىن تۆلەۋقان مۇنداق تونۇشتۇردى: 2020 - يىلى 12 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، گوۋۇيۈەن شىنجاڭ تارباغاتاي نۇقتىلىق ئېچىش - ئېچىۋېتىش سىناق رايونى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «سىناق رايونى» دېيىلدى) تەسىس قىلىشقا تەستىقىي جاۋاب بەردى، بۇ سىناق رايونى غەربىي شىمال رايونىدىكى بىردىنبىر چېگرا بويى نۇقتىلىق ئېچىش - ئېچىۋېتىش سىناق رايونى. نۆۋەتتە، سىناق رايونىنىڭ ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش رايونىغا جەمئىي 109 كارخانا ماكانلاشتى، ئەمەلىيلىشىپ نەقلەشكەن مەبلەغ 9 مىليارد 751 مىليون يۈەن بولدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تارباغاتاي ۋىلايىتى ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، «مەبلەغ سېلىش يۇمشاق مۇھىتى ئەڭ ئەۋزەل رايون» بەرپا قىلىشنى نىشان قىلىپ، ۋاكالىتەن بېجىرىش - ياردەم بېرىپ بېجىرىش، رەسمىيەتلىرى تولۇق بولمىسىمۇ قوبۇل قىلىش، تىزىملىك بويىچە خەۋەرلەندۈرۈشتىن ئىبارەت «ئۈچ تۈرلۈك تۈزۈم»نى ئىجادىي يولغا قويۇپ، سىناق رايونىنىڭ ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش رايونىدا تۈرلەرنى ھۆددىگە ئېلىپ ئالاقىلىشىپ ۋاكالىتەن بېجىرىشنى يولغا قويدى، ھۆكۈمەت سېلىنمىسى تۈرىدىكى تۈرلەر، ئادەتتىكى جەمئىيەت سېلىنمىسى تۈرلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ۋاقتىنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 45 كۈن، 36 كۈنگە قىسقارتتى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ ۋىلايەت شىنجاڭ بويىچە مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتىنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرۇش ئىسلاھاتىنى باشلامچىلىق بىلەن ئالغا سىلجىتتى، نۆۋەتتە 56 تارماقنىڭ كۆزنىكىنى ئۇنىۋېرسال تۈردىكى بىر چوڭ قوبۇل قىلىش كۆزنىكىگە ئىخچاملىدى، 41 تارماقنىڭ 1020 مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتى ئىش تۈرىدە «بىر كۆزنەكتە قوبۇل قىلىش، توپلاشتۇرۇپ مۇلازىمەت قىلىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىش بېجىرىش ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.
تارباغاتاي ۋىلايىتى شىنجاڭنىڭ غەربىي شىمال قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، تەۋەسىدىكى باقتۇ پورتى 260 نەچچە يىللىق سودا ئالاقە تارىخىغا ئىگە. بۇ پورت يىل بويى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئېلىپ بېرىلىدىغان، 12 × 7 سائەت تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان، شىنجاڭدا تۇنجى تۈركۈمدىكى چېگرا ئاھالىلىرى ئۆزئارا سودا بازىرى سودىسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان پورت بولۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزۈش «يېشىل يولى» ۋە ئاشلىق، گۆش تۈرلىرىنى ئىمپورت قىلىش سالاھىيىتىگە ئىگە، شۇنداقلا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بىر تۈركۈم تەكشۈرۈش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇپ، تەكشۈرۈش ۋاسىتىسى تېخىمۇ بېيىتىلىپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلدى. بۈگۈنكى كۈندە، باقتۇ پورتىنىڭ يۈك تىرانسپورتى بويىچە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش مىقدارى 2019 - يىلىدىكى 198 مىڭ 700 توننىدىن ئېشىپ 2023 - يىلىدىكى 627 مىڭ توننىغا يەتتى.
ئايدىن تۆلەۋقان مۇنداق دېدى: تارباغاتاي ۋىلايىتى ئەۋزەل كۈچلەرنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەۋزەل بايلىقلارنى بىرىكتۈرۈپ، تىرىشىپ سىناق رايونىنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى مۇھىم تايانچ نۇقتا، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم سۇپا، چېگرا بويىدىكى رايونلار ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئېشىش قۇتۇپى، چېگرا ۋە دۆلەت زېمىنىنىڭ خەۋپسىزلىكىنى قوغداشتىكى مۇھىم توسۇق قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ.