گېزىتىمىز، ئۈرۈمچى، 8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 8 - ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، گوۋۇيۈەن 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 12 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بىرىگە تەگسە ھەممىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان» ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەرنى تۇتۇپ، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، جاسارەت بىلەن پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى تاماملاش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ھەم ھۆكۈمەت تارماقلىرى سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھات ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، پىكىر يولى، تەدبىرلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، سىستېمىلىق تەپەككۇرنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرىدە يېڭىلىق يارىتىپ، كەم - كوتسىز ھالدا ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 12 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 12 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، ئىشنى ئالدى بىلەن پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى تاماملاشتىن باشلاش كېرەك. مەبلەغ سېلىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، چوڭ - چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي خىزمەت مىقدارىنى شەكىللەندۈرۈپ، تۇرالغۇ بىنالىرىنى تاپشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇش كېرەك. تۈرلۈك چارە - ئاماللار ئارقىلىق ئىستېمالنى كېڭەيتىپ، كەڭ كۆلەمدە ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش، ئاپتوموبىللارنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش، ئۆي بېزەش، ئۆزگەرتىش - يېڭىلاش قاتارلىق جەھەتلەردە قاراتمىلىقى تېخىمۇ كۈچلۈك، قوزغىتىش ئۈنۈمى تېخىمۇ زور، قاپلاش دائىرىسى تېخىمۇ كەڭ بولغان سىياسەت - تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، ئىستېمال جانلىنىش مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، تۈرلۈك سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرىنى ياخشى تەشكىللەش كېرەك. ئىمپورت - ئېكسپورتنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىمپورت - ئېكسپورت قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يۇقىرى ئىقتىدار دەرىجىلىك ئېچىۋېتىش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، پورتلارنىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. سانائەت ئىقتىسادىنىڭ ئاساسىي ھالىتىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، كۆمۈر، يېڭى ئېنېرگىيە، نېفىت - تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تولۇق قويۇپ بېرىپ، دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. كانچىلىق ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، ئالتۇن، مىس، ۋانادىي - تىتان قاتارلىق قېزىلما بايلىقلاردىن ئېچىپ پايدىلىنىشنى تېزلىتىپ، يېڭى ئېشىش نۇقتىسى يېتىلدۈرۈش كېرەك. پائال تۈردە ساياھەت ئىستېمالى قىزىق نۇقتىسى بەرپا قىلىپ، چېگرا ھالقىغان ساياھەتنىڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، كۈز ۋە قىش پەسىللىك ساياھەتنى ياخشى تۇتۇپ، ساياھەتچىلىكنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۆھپە قوشۇش دەرىجىسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈش كېرەك. كۈزلۈك يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ياخشى تۇتۇپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى ۋە شورلۇق يەرلەرنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك چارە - ئاماللار ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، تىيانشان شىمالىي ئېتىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تۈزەشكە سىجىل تۈرتكە بولۇپ، تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى قىلىپ، كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپلەرنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشىنى تېزلىتىش كېرەك. دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ جەنۇبىي شىنجاڭغا بەرگەن قوللاش سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭ خاسلىقىغا ئىگە زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنى يۇقىرى ئۈنۈمدە ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ھەقىقىي تۈردە خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئون ئەمەلىي ئىشنى ياخشى بېجىرىپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن مۇقىملىقنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە، بازار، يۇقۇملۇق كېسەللىك قاتارلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەرنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى قىلچە بوشاشتۇرماي ياخشى تۇتۇش كېرەك. مەمۇرىي ئورۇنلارنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش سالمىقىنى زورايتىپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ ۋە پۇختىلاپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى تۈزەش سالمىقىنى سىجىل زورايتىش كېرەك. سىياسەت پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، بىر تۈركۈم چوڭ - چوڭ تۈرلەرنى ئالدىن پىلانلاپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «15 - بەش يىللىق» يىرىك پىلانىنى يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى تۈزۈش ئۈچۈن ياخشى ئاساس سېلىش، ياخشى تەييارلىق كۆرۈش كېرەك.
چېن ۋېيجۈن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، يۈسۈپجان مەمەت، لى نىڭپىڭ، مۇقىيات جارمۇقامەت، ۋاڭ گاڭ، مەردان مۇقىيىت، قەيسەر ئابدۇكېرىم، جۇ لىفەن، ليۇ خۇيجۈن، باتۇ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.