□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ
ھەقىقىي قول سېلىپ قىيىنىغا تېگىش قىلىپ، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويدى، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ تۈزىتىشنى ئالغا سىلجىتتى. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسى داۋامىدا، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى روھىغا ئۆلچەم، تەلەپ بويىچە توغرىلىنىپ، «پىچاق بىسىنى ئۆزىگە قارىتىش»تا چىڭ تۇرۇپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە تەكشۈرۈپ، ئەمەلىي تۈزىتىپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش داۋامىدا ئىستىلنى ياخشىلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى.
مەسىلىلەرگە توغرا قاراپ، مەسىلىلەرنى دەل جايىدا تاپقاندىلا، ئاندىن مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلغىلى بولىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى دىققەتنى نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، نىشانلىق ئورۇن بەلگىلەپ «مەسىلىلەرنى تېپىپ»، ئېكولوگىيە تۈر قۇرۇلۇشى، ئورمانچىلىق مەبلىغىنى ئىشلىتىش، تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايونلارنى باشقۇرۇش قاتارلىق ئالتە نۇقتىلىق ساھەنى رەتلەپ چىقىپ، يېقىنقى ئىككى يىلدىكى نۇقتىلىق تۈرلەرنى «قايتا تەكشۈرۈپ»، قۇرۇلۇش مىقدارىنى ساختا مەلۇم قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۇت ياكى مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى نۇقتىلىق بىرمۇبىر تەكشۈردى، تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايونلارنى باشقۇرۇش داۋامىدا، زىيادە ئېچىش قاتارلىق قىلمىشلارنىڭ مەۋجۇت ياكى مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى نۇقتىلىق تەكشۈردى. تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەرنى دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ دەرھال تۈزىتىپ، تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ، مەسئۇل كىشى ۋە تۈزىتىش ۋاقىت چېكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ ھەم ئالاقىدار تۈزۈملەرگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىپ، «دېلو ئارقىلىق تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش» ئىبرەت تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، ئەتراپىدىكى ئىشلار ئارقىلىق ئەتراپىدىكى كىشىلەرنى تەربىيەلەپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.
ئاپتونوم رايونلۇق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش نازارىتى دىققەتنى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدىكى خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئاغرىق نۇقتا، قىيىن نۇقتىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەركەزلىك تۈزەشنى سىجىل تۈردە چوڭقۇر قانات يايدۇردى. كۆزنەكتىكى خادىملارنىڭ مۇلازىمەت سەۋىيەسى بىرقەدەر تۆۋەن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، بۇ نازارەت بۇنى مەركەزلىك تۈزەيدىغان مۇھىم نۇقتا قاتارىغا كىرگۈزۈپ، تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى تۈزدى ھەم جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. قانۇن ئىجرا قىلىش ئۇسۇلى ئاددىي، قاتمال بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللارغا قارىتا، مەخسۇس تەدبىر تۈزۈپ، «بىر قېتىم ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈش»نى ئەلالاشتۇرۇپ، كۆمۈركاندىن باشقا كانلار، سانائەت - سودا ساھەسىدە تارماق ھالقىغان، ساھە ھالقىغان بىرلەشمە قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، قانۇن ئىجرا قىلىش زىيادە كۆپ بولۇش، قانۇن ئىجرا قىلىشتا كارخانىلارغا پاراكەندە سېلىش مەسىلىسىدىن ئۈنۈملۈك ساقلاندى.
ئۆگىنىش - تەربىيەسى داۋامىدا، ئاپتونوم رايونلۇق داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسى ئاممىنىڭ داۋالىنىش كاپالىتى ئېھتىياجىنى چىڭ كۆزلەپ، دورا سېتىۋېلىش، چىقىم قىلىش مۇلازىمىتى قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىن تۇتۇپ كاپالەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى. پۈتۈن ئاپتونوم رايونغا يۈزلىنىپ «داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھەميېنى»نىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسى شەخسىي ئىسچوتىدىن ئۆلكە ھالقىپ ئورتاق مەنپەئەتلىنىش قىيىن بولۇش قاتارلىق توسۇق نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، ئاممىنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
ئاممىنىڭ ساداسىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىش داۋامىدا كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى، خەلق تۇرمۇشىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى كامېرا ئالدىدا ھەل قىلدى. چىڭگىل ناھىيەسى «بىۋاسىتە كۆرسىتىش + مەمۇرىي ئىشلار» يېڭى ئەندىزىسىنى ئىجادىي بەرپا قىلىپ، «12345» مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتى خەلققە قولايلىق يارىتىش قىزىق لىنىيە سۇپىسى بىلەن «چىڭگىل ناھىيەسى خەلقنىڭ تەكلىپلىرىنى توپلاش» كىچىك پىروگراممىسىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى بىرىكتۈرۈپ، ناھىيە بويىچە ھۆكۈمەت بىلەن خەلق ھەمتۈرتكە بولىدىغان «چىڭگىلگە مۇھەببەت قىزىق لىنىيەسى» سەھىپىسىنى ئاچتى، سەھىپە يۈرۈشتۈرۈلگەندىن بۇيان، ناھىيە بازىرىدىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى يورۇتۇش يېتەرلىك بولماسلىق، كوچىلاردا ئارام ئېلىش ئەسلىھەلىرى كەمچىل بولۇش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىغا دائىر 18 تۈرلۈك مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.
خوتەن شەھەرلىك سۇچىلىق ئىدارىسى مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، بىر قىسىم يېزا ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشتا ئىشلىتىدىغان سۇ ھەققىنى تاپشۇرۇشى قولايسىز بولۇش مەسىلىسىنى بايقىدى. بۇ ئىدارە تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، كەسپىي خادىملارنى تەشكىللەپ، لاسكۇي بازىرى، يۇرۇڭقاش بازىرى، شورباغ يېزىسى قاتارلىق سەككىز يېزا - بازارغا 24 سائەتلىك ئاپتوماتىك ھەق تاپشۇرۇش ماشىنىسىدىن ئوننى ئورنىتىپ، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ «ھەق تاپشۇرۇشى قىيىن بولۇش، ھەق تاپشۇرۇشى ئاستا بولۇش» مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتىكى ئەمەلىي ئۈنۈمگە ھەقىقىي ئايلاندۇردى.