□شىن جېڭيەن
يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى باش ۋەزىپە. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، كەسكىن، مۇرەككەپ خەلقئارا مۇھىت ۋە مۈشكۈل، ئېغىر ئىچكى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئومۇمىي ۋەزىيەتنى كۆزىتىش، ئومۇملۇقنى كۆزلەش، ئەمەلىي ئىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى تېزلىتىشتىكى بىر قاتار مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە ئىلمىي جاۋاب بېرىپ، شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تۈپ قوللانما ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى. شىنجاڭ شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، قەتئىي ۋە ئاڭلىق ھالدا ئەمەلدە كۆرسىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئىقتىسادنىڭ سۈپىتى ئۆسۈپ ئۈنۈمى ئاشقان، جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم بولغان، چېگرا رايون مۇستەھكەم، خاتىرجەم بولغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى.
كۆپ ئۆلچەملىك بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، شىنجاڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات سۈرئىتىنى تېزلەتتى
2021 - يىلى شىنجاڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا يېڭى پەللىگە قەدەم قويدى. 2022 - يىلى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش كۈرەش نىشانى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى، شىنجاڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ئەمەلىيىتىنى باشلىدى. قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىدە، شىنجاڭ باشتىن - ئاخىر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا، شىنجاڭ يېڭى پۇرسەتنى كۈتۈۋالدى، يېڭى نەتىجە يارىتىشى كېرەك» دېگەن سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تېخىمۇ كۈچلۈك سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىق، تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش قىلىش قىياپىتى، تېخىمۇ ئاڭلىق ئىسلاھات روھى بىلەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، مەۋقەنى بايلىق ئۈستۈنلۈكى ۋە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي مىقدارى، تەرەققىيات سۈپىتى، ئېكولوگىيە - مۇھىت، ئۇل ئەسلىھە، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىقلاردا يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى چېگرا رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ جانلىق مەنزىرىسىنى نامايان قىلدى.
− ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا «كۆلەمنى كېڭەيتىش»تىن «سۈپەت، ئۈنۈمدە تەڭ ئىلگىرىلەش»كىچە بولغان چوڭقۇر قاتلاملىق ئىسلاھاتنى ئىشقا ئاشۇردى. شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى چوڭ قەدەم بىلەن ھالقىپ، 2 تىرىليون يۈەنلىك چوڭ ئۆتكەلنى تارىخىي خاراكتېرلىك بۆسۈپ ئۆتتى. رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 2021 - يىلىدىكى 1 تىرىليون 598 مىليارد 365 مىليون يۈەندىن ئېشىپ 2024 - يىلىدىكى 2 تىرىليون 53 مىليارد 408 مىليون يۈەنگە يېتىپ، يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتى %8.71 بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتىدىن 3 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولۇپ، ئىقتىساد «مۇقىملىق» ئاساسىدا «سۈپەت»تىكى يۈكسىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. كەسىپ قۇرۇلمىسى سىجىل ئەلالىشىپ، «بىر تۆۋەنلەش، ئىككى ئۆرلەش، ئۈچ تەڭلىشىش» ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى. ئۈچ كەسىپ قۇرۇلمىسى 47.9: 37.4: 14.7دىن ئەلالىشىپ 47.9: 39.6: 12.5 بولدى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ تەڭپۇڭلۇقى، ماسلىشىشچانلىقى، ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. كەسىپنىڭ «يېڭىلىق» مىقدارى ئۆسۈپ، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىدا ئايلاندۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى تېزلەتتى؛ ئېنېرگىيەنىڭ «يېشىللىق» مىقدارىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى ئېنېرگىيەدە كۆلەملىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇردى؛ كارخانىلارنىڭ «تەتقىقات» مىقدارى ئېشىپ، سانائەت كارخانىلىرىنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش خىراجىتى زور نىسبەتتە كۆپەيدى. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تەمىناتى سىجىل يۈكسىلىپ، بازار ئېھتىياجى مۇقىملىق ئاساسىدا ئېشىپ، كۆپ تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلەرنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ، تارىخىي بۆسۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىدە مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئىلگىرىلەش ئاساسىدا ئەلالىشىش ياخشى ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى.
− ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا «ئۆزىنى قامداش»تىن «دۆلەت ئاشلىق ئامبىرى»غىچە بولغان مەسئۇلىيەتتىكى ئىلگىرىلەشنى ئىشقا ئاشۇردى. ئاشلىق ھوسۇلى پۇختا قەدەم بىلەن ئاشتى، «جۇڭگو قاچىسى»نى تېخىمۇ كۆپ «شىنجاڭ ئاشلىقى» بىلەن تولدۇردى. ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى 2021 - يىلىدىكى 35 مىليون 574 مىڭ 800 مودىن كۆپىيىپ 44 مىليون 400 مىڭ موغا يېتىپ، ئاشقان كۆلەم پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %38.6ىنى ئىگىلىدى. ئاشلىق ھوسۇلىدا «ئۇدا يەتتە يىل ئېشىش»نى ئىشقا ئاشۇردى، 2024 - يىلى 46 مىليارد 600 مىليون جىڭغا يەتتى، بىرلىك ھوسۇلى تۇنجى قېتىم مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇنغا ئۆتۈپ، شىنجاڭ يۆتكەشكە بولىدىغان ئاشلىق مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغان ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىش تەڭپۇڭلاشقان ئۆلكىگە ئايلاندى. پاختىچىلىق كەسپىنىڭ ئەۋزەللىكى گەۋدىلىنىپ، ھوسۇلىدا تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىپ، ئۇدا يەتتە يىل 5 مىليون توننىدىن ئېشىپ، ئۇدا ئۈچ يىل پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي مىقدارىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %90تىن ئاشتى، 2024 - يىلى ئومۇمىي ھوسۇلى 5 مىليون 686 مىڭ توننىغا يېتىپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى %92.2كە يېتىپ، «دۇنيا پاختىچىلىقىدا جۇڭگوغا قاراش، جۇڭگو پاختىچىلىقىدا شىنجاڭغا قاراش»تىن ئىبارەت دۇنياۋى كەسىپ ئەندىزىسى شەكىللەندى. يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، ئاقىل يېزا ئىگىلىكى، سۇ تېجەشچان يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلارنىڭ كەڭ قوللىنىلىشى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى ۋە بايلىقتىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى. شىمالىي شىنجاڭدىكى ئەلا سۈپەتلىك بۇغداي، قوناقتىن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى خاس باغ - ئورمان، كېۋەزگىچە، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئەلا سۈپىتى ۋە مول تۈرلىرىگە تايىنىپ بازارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ، شىنجاڭنىڭ يارقىن نام كارتىسىغا ئايلاندى.
− سانائەت ئىقتىسادىدا «كۈچ توپلاپ ئاتلىنىشقا تەق تۇرۇش»تىن «توپلىشىپ قەد كۆتۈرۈش»كىچە بولغان ئىقتىدار دەرىجىسى جەھەتتىكى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى. «ئون چوڭ كەسىپ توپى»نى تۇتقا قىلىپ، شىنجاڭ خاسلىقى ۋە ئەۋزەللىكىگە ئىگە زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلدى. ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ «تۇراقلاشتۇرغۇچ»لۇق رولىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى. نېفىت - تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارى ئېكۋىۋالېنتى ئۇدا تۆت يىل مەملىكەت بويىچە باش ئورۇندا تۇردى، 2024 - يىلى 66 مىليون 640 مىڭ توننىغا يەتتى؛ ئىشلەنمىگەن تاشكۆمۈر مەھسۇلات مىقدارىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئۇدا تۆت يىل مەملىكەت بويىچە ئالدىدا مېڭىپ، 2021 - يىلىدىكى 321 مىليون توننىدىن كۆپىيىپ 2024 - يىلى 541 مىليون توننىغا يەتتى. شەرقىي جۇڭغار، قومۇلدىكى 100 مىليون توننا دەرىجىلىك ئىككى كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش بازىسىدا يەككە قۇدۇقنىڭ ئوتتۇرىچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى يىلىغا 5 مىليون توننىدىن كۆپرەككە يېتىپ، مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇردى، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 10 مىليون توننا دەرىجىلىك بولغان كۆمۈر كانلارنىڭ سانى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ، «چوڭ بازا، چوڭ كان قۇدۇقى، تۈجۈپىلەشتۈرۈش»تىن ئىبارەت ئېچىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى. «شىنجاڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش» مىقدارى 43 مىليون 870 مىڭ توننىدىن تېز ئېشىپ 140 مىليون توننىغا يېتىپ، مەملىكەت بويىچە كۆمۈر بىلەن تەمىنلەشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تايانچ نۇقتا بولۇپ قالدى. شىنجاڭ غەربىي شىمال رايونىدىكى يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 100 مىليون كىلوۋاتتىن ئاشقان تۇنجى ئۆلكە بولۇپ قالدى، 2024 - يىلى يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 104 مىليون 800 مىڭ كىلوۋاتقا يەتتى، نۆۋەتتە 10 مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك يېڭى ئېنېرگىيە بازىسىدىن بەشى قۇرۇلدى. «شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» ئۇدا بەش يىل 100 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 22 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنى يورۇتتى. 2025 - يىلى 6 - ئايدا، «شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 3 - لىنىيەسى − قومۇل - چۇڭچىڭ ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ توك يەتكۈزۈشكە باشلىدى، بۇ، دۆلىتىمىز قۇرۇپ ئىشقا كىرىشتۈرگەن «قۇملۇق، چۆللۈك، قاقاسلىق» يېڭى ئېنېرگىيە بازىسى بويىچە تۇنجى سىرتقا يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ھېسابلىنىدۇ. زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىشنى تېزلىتىپ، ئىلغار ياسىمىچىلىق كەسىپ توپىنى تېز شەكىللەندۈردى. پاختا ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ 2024 - يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 220 مىليارد يۈەندىن ئاشتى، 1 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، كېۋەز تېرىشتىن ئاخىرقى ئۇچتا ئىستېمال قىلىشقىچە بولغان مۇكەممەل كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈردى؛ كىرېمنىينى ئاساس قىلغان يېڭى ماتېرىيال كەسىپلىرىنىڭ زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان كىرېمنىي، كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىي مەھسۇلات مىقدارى مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇرۇپ، يورۇقلۇق ۋولت ماتېرىيالىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان مۇھىم بازىغا ئايلاندى؛ شامال ئېلېكتىر كەسپىدە كۆلەملەشكەن پۈتۈن زەنجىرلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇردى، پۈتۈن گېنېراتورنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئۇدا ئىككى يىل بىر قاتلاندى، يېڭى ئېنېرگىيە جابدۇق ياسىمىچىلىقى توپى دەسلەپكى كۆلەمگە ئىگە بولدى. كەسىپلەر گۈللەنگەن، قۇۋۋەت يېتەرلىك بولغان، ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇپ تۇرغان سانائەت تەرەققىياتىنىڭ يېڭى مەنزىرىسى شىنجاڭدا ئاستا - ئاستا نامايان بولماقتا.
− ئۇل ئەسلىھەلەردە «دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللىنىش»تىن «ئون تور راۋان بولۇش»قىچە بولغان تېز مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى. قاتناش تورىنىڭ «چوڭ تومۇرى» تېخىمۇ راۋانلىشىپ، ئىلى - ئاقسۇ تۆمۈريولى قاتارلىق چوڭ - چوڭ تۈرلەر قۇرۇلۇشقا باشلىدى، پۈتۈن شىنجاڭدىكى تۆمۈريولنىڭ تىجارەت تىرانسپورت مۇساپىسى 9525.6 كىلومېتىرغا يېتىپ، «بىر ئاساسىي يول، ئىككى قوشۇمچە يول»دىن ئىبارەت تۆمۈريول رامكىسى شەكىللەندى، «پولات ئەجدىھا» تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئۇچقاندەك چېپىشقا باشلىدى؛ تاشيول مۇساپىسى كۆپىيىپ 230 مىڭ كىلومېتىرغا يەتتى، يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ئىچكى جەھەتتە راۋانلىشىپ، تاشقى جەھەتتە تۇتاشتى، دۆلەت، ئۆلكە غول لىنىيەلىرى گىرەلىشىپ، يېزا تاشيوللىرى كەنتلەر، ئائىلىلەرگىچە تۇتىشىپ، پۈتۈن شىنجاڭنى قاپلىغان قاتناش «ئۆمۈچۈك تورى»نى توقۇپ چىقتى؛ ئايرودۇرۇم سانى كۆپىيىپ 27گە، ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى كۆپىيىپ 595كە يەتتى، خەلقئارا يولۇچى تىرانسپورت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن 25ى 17 دۆلەت ۋە رايونغا تۇتاشتى، ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتى ئوتتۇرا ئاسىيا ئاۋىياتسىيە تۈگۈنىگە ئايلىنىپ، «شەرق بىلەن غەربكە يەلپۈگۈچسىمان يېيىلغان، شىنجاڭ ئىچىدە تورلاشقان» ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئەندىزىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى. سۇچىلىق ئەسلىھەسىنىڭ «ھاياتلىق لىنىيەسى»نى مۇستەھكەملەشنى تېزلەتتى، 671 سۇ ئامبىرى ياساپ، ئومۇمىي ئامبار سىغىمىنى 20 مىليارد 199 مىليون كۇب مېتىرغا، كەلكۈن سۈيىدىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى %80كە يەتكۈزۈپ، رايونلارنىڭ سۇ بايلىقىنى تەقسىملەش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىدى. «ئۇچۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى»نى ئومۇميۈزلۈك ياساپ، 5G ئاساسىي پونكىتىدىن 61 مىڭنى قۇرۇپ، يېزا - بازارلاردىن يۇقىرى رايونلاردا 5G تورى بىلەن تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاقىل يېزا ئىگىلىكى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق، ئاقىل شەھەر قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئاساسىي تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.
− پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا «ئارقىدا قالغانلار يېتىشىۋېلىش»تىن «ساھەلەر بويىچە باشلامچى بولۇش»قىچە بولغان كۈچلۈك بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇردى. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتتى، خۇەيروۋ تەجرىبىخانىسى شىنجاڭ بازىسىنى پۇختا يۈرۈشتۈرۈپ، دۆلەت شامال كۈچىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى، جۇڭگو - تاجىكىستان جانلىقلار بايلىقىنى قوغداش - يېتىشتۈرۈش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش بىرلەشمە تەجرىبىخانىسى، تىيانشان تەجرىبىخانىسى قاتارلىق «دۆلەت دەرىجىلىك» پەن تەتقىقات سۇپىسىنى ئارقا - ئارقىدىن ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇپ، ئېنېرگىيە، بىيولوگىيە، ئېكولوگىيە قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنى قاپلىغان يېڭىلىق يارىتىش مەنبەسىنى شەكىللەندۈردى. شامال ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، يورۇقلۇق ۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىسى سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇش، يېڭى ماتېرىيال تەييارلاش قاتارلىق ساھەلەردە تېخنىكا جەھەتتە خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇردى، تارىم نېفىتلىكىدە 10 مىڭ مېتىرلىق ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر قۇدۇق بۇرغىلاش بويىچە ئاسىيا رېكورتى يېڭىلاندى، دۆلىتىمىزدىكى كەسىپلەشتۈرۈپ يۈرۈشتۈرۈلگەن تۇنجى سۈنئىي ھەمراھ لازېر نۇرلۇق خەۋەرلىشىش يەر يۈزى پونكىتى قەشقەردە قۇرۇلدى، دۇنيا بويىچە تۇنجى 60 − 10 مېگالىق ئېلېكتىرون ۋولت پىروتون تېزلەتكۈچ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. شىنجاڭ رايون يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى «تۆۋەن چەكتىن قايتا ئۆرلەش»نى ئىشقا ئاشۇردى، 2024 - يىلى ئۇنىۋېرسال رەت تەرتىپى ئۈچ ئورۇن كۆتۈرۈلۈپ، «غەربىي قىسىمنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تىپ ئۆزگەرتىشىدىكى تىپ»قا ئايلاندى. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش شىنجاڭنىڭ كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە غايەت زور ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىپ، كۆزنى ئەڭ قاماشتۇرىدىغان «يېڭى سۈپەت گېنى»غا ئايلاندى. شىنجاڭ بويىچە تۇنجى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھېسابلاش مەركىزىنى قارامايدا قۇرۇپ ئىشقا كىرىشتۈردى، شىنجاڭنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھېسابلاش ئىشلىرىدا «يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىش»تەك تارىخىي بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ شەرقىي جۇڭغار كۆمۈرلۈكىدە، «كۆمۈر ئېلېكتىر + زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى + يېڭى ماتېرىيال» بىر گەۋدىلەشكەن ئايلانما ئىقتىساد ئەندىزىسى ئەنئەنىۋى كۆمۈر كەسپى ئەندىزىسىنى ئۈزۈل - كېسىل يېڭىلاپ، «كۆمۈر ئىشلەتسىمۇ كۆمۈرنى كۆرگىلى بولمايدىغان، داشقال چىقارسىمۇ كۈلنى كۆرگىلى بولمايدىغان» يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق تېخنىكىلارنى قوللىنىپ، شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق توك چىقىرىشتا قىسقا مۇددەتلىك قۇۋۋىتىنى مۆلچەرلەشنىڭ توغرىلىق نىسبىتىنى %95تىن كۆپرەككە يەتكۈزۈپ، پاكىز ئېنېرگىيەدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى. شىنجاڭنىڭ ئالىي، سەرخىل، ئىلغار كەسىپلىرى تېز سۈرئەتتە «كىچىك كۆچەت»تىن ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان «كۆككە تاقاشقان دەرەخ»كە ئايلاندى.
− ساياھەتچىلىكتە «يوشۇرۇن كۈچ يوشۇرۇنۇپ يېتىش»تىن «قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشىش»قىچە بولغان مۇكەممەل كېپىنەكسىمان ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى. ساياھەت قىزغىن دولقۇنى پۈتۈن مەملىكەتنى قاپلىدى، «مېنىڭ ئالتىيىم»نىڭ قويۇلۇشى، مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ قەشقەر شۆبە مەيدانىنىڭ قالتىس نامايان بولۇشى، «ئالما ھىدى» ناملىق ناخشىنىڭ ۋەتىنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئېيتىلىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرىسى، قەدىمىي مۆجىزىلەر، تەبىئىي مۇھىت ۋە ئۆرپ - ئادەتلەر قەلبلەرنى لەرزىگە سالدى، 2024 - يىلى شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش قىزغىنلىقى تېز ئېشىپ مەملىكەت بويىچە 2 - ئورۇنغا ئۆتتى. ساياھەت سانلىق مەلۇماتلىرى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، 2024 - يىلى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 302 مىليون ئادەم قېتىم، ساياھەتچىلەرنىڭ ئومۇمىي خىراجەت چىقىمى 359 مىليارد 542 مىليون يۈەن بولۇپ، 2021 - يىلىدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا %58.95، %154.08 ئېشىپ، «ئادەم قېتىم سانىنى ئاشۇرۇش»تىن «ئىستېمالنى ئاشۇرۇش»قا قاراپ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇردى. شىمالىي شىنجاڭدىكى قاناس كۆلىدىن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قەشقەر قەدىمىي شەھىرىگىچە، مەنزىرىسى گۈزەل تىيانشان بوغدا كۆلىدىن ھەيۋەتلىك ھەم چەكسىز تەكلىماكان قۇملۇقىغىچە، شىنجاڭنىڭ ساياھەت نام كارتىسى بارغانسېرى جۇلالاندى، گۈزەل شىنجاڭ بارغانسېرى كۆپلىگەن ساياھەتچىنىڭ قەلبىدىكى «ئارزۇدىكىدەك جاي»غا ئايلاندى.
− سىرتقا ئېچىۋېتىشتە «ئىچكى قۇرۇقلۇقنىڭ ئىچكىرىسى»دىن «ئاسىيا - ياۋروپا تۈگۈنى»گىچە بولغان زامان - ماكاننى قايتا بەرپا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. ئىمپورت - ئېكسپورت سوممىسى ئۇدا ئۈچ يىل 100 مىليارد يۈەنلىك پەللىدىن ھالقىپ، 2021 - يىلىدىكى 156 مىليارد 910 مىليون يۈەندىن كۆپىيىپ 2024 - يىلى 435 مىليارد 110 مىليون يۈەنگە يەتتى. شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەستىقلاندى ھەم قۇرۇلۇشى تېزلىتىلدى، 2024 - يىلى يېڭىدىن 8500دىن ئارتۇق كارخانا كۆپىيىپ، ئىمپورت - ئېكسپورت سوممىسى 189 مىليارد 980 مىليون يۈەنگە يېتىپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئونمىڭدىن بىر كۆلىمى بىلەن پۈتۈن شىنجاڭنىڭ %43.66 ئىمپورت - ئېكسپورت سوممىسىنى تاماملاپ، ئوچۇق ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان يادرولۇق موتورغا ئايلاندى. جۇڭگو − ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۈرۈشۈپ، لىنىيەسى 23كە كېڭىيىپ، 19 دۆلەتتىكى 26 شەھەرنى قاپلىدى، شىنجاڭ «تىيانشان» ناملىق نۆۋەتچى پويىز دائىملىق يۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى. «پولات كارۋانلار» تاغ - دەريا، دۆلەت چېگراسىدىن ھالقىپ، جۇڭگونى ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋروپا بىلەن تۇتاشتۇرىدىغان ئەشيا ئوبوروتى يولىنى بەرپا قىلدى.
− خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتى «كاپالەت تۆۋەن چېكى»دىن «بەخت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش»كىچە بولغان ماھىيەتلىك مەزمۇنغا ئىگە ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى. ئاھالىنىڭ كىرىمى تېز ئاشتى، 2024 - يىلى، شىنجاڭدىكى شەھەر - بازار ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 42 مىڭ 820 يۈەنگە، يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 19 مىڭ 427 يۈەنگە يېتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ يانچۇقى بارغانسېرى تومپىيىپ، چېھرىدە گۈزەل تەبەسسۇم جىلۋىلەندى. شەھەر - بازارلىشىش نىسبىتى %60.36كە يېتىپ، بارغانسېرى كۆپ ھەر مىللەت دېھقان ئامما شەھەر - بازارلارغا كىرىپ، يېڭىچە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى باشلىدى. ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى مۇقىم ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى، 2024 - يىلى شەھەر - بازارلاردا 483 مىڭ 200 كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى، يېزا ئەمگەك كۈچلىرىدىن 3 مىليون 335 مىڭ 200 ئادەم قېتىم يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتى، ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش يۆنىلىشىنىڭ ئەمەلىيلىشىش نىسبىتى %92.18كە يەتتى. يېزا ئۇل ئەسلىھەلىرى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتى، تۇرۇبا سۈيىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %99كە، پاكىز ھاجەتخانىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %63كە، تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش نىسبىتى %90كە يېتىپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى كۈنسېرى يېڭىلاندى. ئىجتىمائىي كاپالەت پۇختا، كۈچلۈك بولدى، 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ مۇستەھكەملىنىش نىسبىتىنىڭ %99تىن يۇقىرى بولۇشىنى ساقلاپ، ھەربىر بالىنى بىلىم دېڭىزىدا ئەركىن ئۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. يېزا - بازارلىق دوختۇرخانا ۋە داۋالاش ئۆيلىرىنىڭ ئۆلچەملىشىش نىسبىتىنى %100كە يەتكۈزۈپ، يېزا داۋالاش مۇلازىمىتى تورىنىڭ تولۇق قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى، ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئۇدا كۆپ يىل يولغا قويدى، ناھىيە رايونى داۋالاش ئورتاق گەۋدىسىدىن 103نى قۇردى، يىراق مۇساپىلىك دىياگنوز قويۇش - داۋالاش بارلىق يېزا - بازارلارنى قاپلىدى، ھەر مىللەت ئامما ئىشىك ئالدىدىلا ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولالايدىغان بولدى. «بالىلار يەسلىگە كىرەلەيدىغان بولۇش، ئوقۇيدىغانلار ئوقۇيالايدىغان بولۇش، ئىشلىگەنلەر ھەق ئالالايدىغان بولۇش، ئاغرىقلار داۋالىنالايدىغان بولۇش، ياشانغانلار كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش»تىن ئىبارەت ھەر تەرەپلىمە ئىجتىمائىي كاپالەت تورىنى بارغانسېرى زىچ توقۇدى، «مۇقىم بەخت» شىنجاڭنىڭ خەلق تۇرمۇشى تەرەققىياتىدىكى ئەڭ ئىللىق ئاساسىي رەڭگە ئايلاندى.
ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىدا «چۆللىشىش يامراش»تىن «يېشىللىق كېڭىيىش»كىچە بولغان تۈپ ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى. يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئومۇملۇقىغا سىڭدۈرۈپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئېكولوگىيەسى گۈزەل بولۇش بىلەن پۇقرالار باي - باياشات بولۇش بىرلىككە كەلگەن گۈزەل مەنزىرىنى سىزىپ چىقتى. «كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭى»نى ياخشى قىلىپ، بۇلغىنىشنى قاتتىق تۈزەش ئارقىلىق ھاۋا سۈپىتىنى سىجىل ياخشىلاشقا تۈرتكە بولدى، ھاۋا سۈپىتى ياخشى بولغان كۈن سانى نىسبىتى 2021 - يىلىدىكى %74.6تىن ئۆسۈپ 2024 - يىلى %79.7كە يەتتى، ئېغىر بۇلغانغان كۈن سانى نىسبىتى %1تىن %0.5كە تۆۋەنلىدى، PM2.5نىڭ ئوتتۇرىچە قويۇقلۇقى ھەر كۇب مېتىردا 31 مىكروگىرام بولۇشتىن ھەر كۇب مېتىردا 28 مىكروگىرام بولۇشقا تۆۋەنلىدى، «دېرىزىنى ئېچىپلا كۆك ئاسماننى كۆرۈش، ئىشىكنى ئېچىپلا يېشىللىقنى كۆرۈش» ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشىدىكى دائىملىق ھالەتكە ئايلاندى. تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى قانات يايدۇرۇپ، «ئۈچ شىمال» ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى جەمئىي 17 مىليون 209 مىڭ 600 مو تاماملىدى، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 3046 كىلومېتىر كېلىدىغان دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن ئايلانما قۇملۇق ئېكولوگىيە توسۇقىنى تۇتاشتۇرۇپ، تەكلىماكان قۇملۇقىغا «يېشىل شارپا» يۆگىدى. يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق قۇم تىزگىنلەش، بىيولوگىيەلىك قۇم تىزگىنلەش قاتارلىق ئەندىزىلەردە يېڭىلىق يارىتىپ، «قۇم تىزگىنلەپ يېشىللىقنى كۆپەيتىش» بىلەن «پۇقرالارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش»تىن ئىبارەت قوش پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى تۈزەشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ھەم كۆمۈر بايلىقىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىدى، ھەم مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى ۋە كاربون تۆت ئوكسىدىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى ئازايتتى. «يېشىل يېڭى قۇۋۋەت»نى جانلاندۇرۇپ، يېشىل تەرەققىياتنى كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ يادرولۇق يۆنىلىشى قىلىپ، 158 يېشىل كان قۇرۇپ، 196 يېشىل زاۋۇت، 15 يېشىل باغچە رايونى ۋە ئون يېشىل تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش كارخانىسىنى يېتىلدۈردى. «يېشىل موتور» كەسىپلەرنىڭ ئىلغارلىشىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش، يېشىللىشىشقا قاراپ يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان چېگرا رايون يېڭى مەنزىرىسىنى تەدرىجىي بارلىققا كەلتۈرمەكتە.
يىغىنچاق ۋە ئىخچام بولۇش شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەت شىفىرى
يېڭى مۇساپىدە شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى، جۇشقۇن قىياپەتنىڭ نامايان قىلىنىشىدىكى نېگىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقى ۋە شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلغانلىقىدا، ئاچقۇچ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرغانلىقتا. بولۇپمۇ، شىنجاڭ بىرىگە تەگسە ھەممىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان بەزى ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەرنى دەل جايىدا تۇتۇپ ۋە ھەل قىلىپ، ئىقتىسادنى ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى «كۈچ»نى راۋانلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنى تېز ئاشۇرۇشتىكى «غەيرەت»نى ئۇرغۇتۇپ، ئىقتىسادنى سىجىل گۈللەندۈرۈشتىكى «ۋەزىيەت»نى قوزغىتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ توغرا يولغا قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولدى.
− «مۇقىملىق» ۋە «ئىلگىرىلەش»تىن ئىبارەت دىيالېكتىكىدا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى بىلەن بىخەتەرلىكىنىڭ «قوش ئاساسى»نى مۇستەھكەملىدى. شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «باشتىن - ئاخىر جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، مۇقىملىقنى تۇتۇش ۋە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى جەھەتتىكى خىزمەتنى بىرتۇتاش بىرىكتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مۇقىملىق ئارقىلىق تەرەققىياتقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، تەرەققىيات ئارقىلىق مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش» توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاش» جەھەتتە ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈردى، قەدەمنى بىرلىككە كەلتۈردى، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈردى. شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرى، ئاخىرقى چەك تەپەككۇرىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ، ساقچى كۈچلىرىنى ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قانۇن بويىچە «ئۈچ خىل كۈچ»كە قاتتىق زەربە بېرىپ ۋە ئۇنىڭدىن قاتتىق مۇداپىئەلىنىپ، جەمئىيەت قاتلىمىدىن ئومۇميۈزلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، كىرىش خاراكتېرلىك تېررورلۇق ھۇجۇمى خەۋپ - خەتىرىدىن قاتتىق مۇداپىئەلىنىپ، زور يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغدىدى. شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى پايدىسى سىجىل قويۇپ بېرىلدى، رايون سىرتىدىن جەلپ قىلىنىپ نەقلەشتۈرۈلگەن مەبلەغ 2021 - يىلىدىكى 542 مىليارد 990 مىليون يۈەندىن كۆپىيىپ 2024 - يىلى 935 مىليارد 526 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %72.3 ئاشتى؛ تۈرلۈك تىجارەت ئاساسىي گەۋدىسى 2 مىليون 140 مىڭدىن كۆپىيىپ 2 مىليون 594 مىڭ 700گە يېتىپ، %21.25 ئاشتى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، شىنجاڭ داۋالغۇش، ئەنسىزلىك ئىچىدە تۇرسا ياخشى تەرەققىي قىلالمايدۇ، پەقەت «مۇقىملىق» ئاساسى پۇختا بولغاندىلا، تەرەققىياتنىڭ «ئىلگىرىلەش» ۋەزىيىتىنى داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ؛ ئوخشاشلا، نامرات، ئارقىدا قالغان شىنجاڭنىڭمۇ ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشى مۇمكىن ئەمەس، پەقەت «ئىلگىرىلەش» ئاساسى پۇختا بولغاندىلا، جەمئىيەت ئاندىن «پۇختا» قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلالايدۇ.
− مەۋقەنى ئۆز بايلىق ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، تەرەققىياتنى كۆزلەشتە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشقان كەسىپ «ياۋا غاز سېپى توپى»نى بەرپا قىلدى. شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان مەۋقەنى بايلىق ئۈستۈنلۈكى، رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ۋە كەسىپ ئاساسىغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ خاسلىقى ۋە ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىدىغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى ۋە ئۆز بايلىق ئۈستۈنلۈكىنى چۆرىدەپ، «يېڭى قۇۋۋەت يېتىلدۈرۈش» بىلەن «كونا قۇۋۋەتنى يېڭىلاش»تىن ئىبارەت قوش چاقلىق قوزغىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئون چوڭ كەسىپ توپى» سېپىنى كۆڭۈل قويۇپ يېتىلدۈردى، «N+10+1» سىياسەت رامكىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، «قېرى دەرەخ يېڭى شاخ چىقىرىش» ۋە «يېڭى بىخ چوڭ دەرەخكە ئايلىنىش»تىن ئىبارەت دىيالېكتىك تەپەككۇر ئارقىلىق، كونا - يېڭى قۇۋۋەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشى، ئورتاق كۈچ چىقىرىشىغا تۈرتكە بولدى. بايلىق ئېچىش جەھەتتە، نېفىت - تەبىئىي گاز، كۆمۈر، قېزىلما بايلىق ۋە يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق «1+3» ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئېچىپ پايدىلىنىشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، «يەر ئاستىدىن ئۈنۈم ھاسىل قىلىش، پەن - تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش»قا تىرىشىپ، شىنجاڭنىڭ «بايلىق چوڭ رايون»دىن «بايلىق كۈچلۈك رايون»غا قاراپ پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولدى. شىنجاڭنىڭ ھازىرقى كانچىلىق ھوقۇقى سانى مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇرىدۇ، كانچىلىق ھەم تۆۋەن ئېقىندىكى كەسىپلەرنىڭ كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتىنىڭ تەخمىنەن %75ىنى ئىگىلەيدۇ، كانچىلىق ئىقتىسادى شىنجاڭنىڭ مۇھىم تۈۋرۈك كەسىپلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش جەھەتتە، ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش مەخسۇس فوندى، باجنى كېمەيتىش ۋە كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، توقۇمىچىلىق، ئېنېرگىيە، خىمىيە سانائىتى قاتارلىق ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولدى. يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە، دىققەتنى يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال، بىيوتېببىي دورا، ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردىكى مۇسابىقە يولىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت لايىھەسى، يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش مەخسۇس يىرىك پىلانى قاتارلىق سىياسەت ھۆججەتلىرىنى چىقىرىپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەخسۇس مەبلىغى تەسىس قىلىپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى تېز تەرەققىي قىلىشقا يېتەكلىدى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، مول بايلىق ئۈستۈنلۈكى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدىكى «ئەڭ چوڭ ئىشەنچ»، پەقەت بايلىق ئەۋزەللىكىنى جانلاندۇرۇپ، يېڭى قۇۋۋەت يېتىلدۈرۈش بىلەن كونا قۇۋۋەتنى يېڭىلاشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ خاس زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلغاندىلا، جەزمەن ئىقتىسادنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا كۈچلۈك «كۆپەيتكۈچى ئامىل» قوشقىلى بولىدۇ.
− ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان تۈزۈلمە - مېخانىزمدىكى «توسالغۇ»نى تۈگەتتى. شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئىسلاھات تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى» دېگەن مۇھىم يوليورۇقىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى ئەڭ گەۋدىلىك، ئىنكاس ئەڭ كۈچلۈك بولغان مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىر قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا توسالغۇ بولۇۋاتقان تۈزۈلمە - مېخانىزم توسۇقىنى قەتئىي تۈگەتتى. مەسىلەن: تىجارەت - سودا مۇھىتىنى يۈكسەلدۈرۈش زۆرۈر بولۇش، 2020 - يىلى مەملىكەت بويىچە 25 - ئورۇندا تۇرۇشتەك كەمتۈكلۈكلەرگە قارىتا، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، «ئاپتونوم رايوننىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى يولغا قويۇش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت لايىھەسى (2022 - يىلىدىن 2025 - يىلىغىچە)»نى تۈزۈپ ئېلان قىلىپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان بىرىنچى قاتاردىكى تىجارەت - سودا مۇھىتىنى كۈچەپ بەرپا قىلدى. مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرىنى زور دەرىجىدە ئىخچاملىدى، كارخانا قۇرۇش ۋاقتىنى زور دەرىجىدە قىسقارتتى، تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى زور دەرىجىدە ئۇرغۇتتى. مەسىلەن: دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ بايلىقى تارقاق بولۇش، كەسىپ زەنجىرىنىڭ ماسلىشىشى يېتەرلىك بولماسلىق، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى كۈچلۈك بولماسلىق مەسىلىسىگە قارىتا، كەسىپلەرنى كونترول قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇشنى يادرو قىلىپ، «ئەۋزەل بايلىق كاپىتالىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك بايلىق ساھەسىگە مەركەزلىشىشى، ئەۋزەل كارخانىلارغا مەركەزلىشىشى، كارخانىلارنىڭ ئاساسىي كەسپىگە مەركەزلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش» پىرىنسىپى بويىچە، «بىر كەسىپ بىر كارخانا، بىر كارخانا بىر كەسىپ»نى كەسىپلەشتۈرۈپ بىرىكتۈرۈشنى يولغا قويۇپ، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتتى. 2024 - يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ كارخانىلارنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشتىكى «تۈۋرۈك»لۈك ۋە «ئاساسىي قوشۇن»لۇق رولى بارغانسېرى روشەنلەشتى. مەسىلەن: ئېنېرگىيە، كانچىلىق ساھەسىنى باشقۇرۇش مېخانىزمى ئارقىدا قېلىش مەسىلىسىگە قارىتا، يېڭى ئېنېرگىيە تۈرلىرىنى ئەنگە ئېلىش ھوقۇقىنى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگىچە چۈشۈرۈپ، «بىر توردا بىرتۇتاش بېجىرىش» سۇپىسىغا تايىنىپ، پۈتۈن جەريانلىق رەقەملەشتۈرۈپ تەستىقلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى ئېنېرگىيە تۈرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش دەۋرىيلىكىنى %40 قىسقارتتى؛ خوتەن ۋىلايىتىدە قېزىلما بايلىق ساھەسىدە «ھوقۇقنى ئاساسىي قاتلامغا بېرىش ئارقىلىق كۈچ قوشۇش»نى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، قوغۇشۇن، سىنك، مىس قاتارلىق 72 خىل قېزىلما بايلىقنىڭ كانچىلىق ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىشنى تىزىملاش ھوقۇقىنى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگىچە چۈشۈرۈپ، «پۈتۈن جەريانلىق رەقەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇش سۇپىسى» قۇرۇپ، تەستىقلاش تەرتىپىنى ئەسلىدىكى 12 ھالقىدىن بەشكە قىسقارتىپ، تەستىقلاش ۋاقتىنى 156 خىزمەت كۈنىدىن 69 خىزمەت كۈنىگە قىسقارتىپ، ئۈنۈمنى %55.8 ئۆستۈردى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات ئارقىلىق قاتمال ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاپ يول ئېچىپ، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇشى چوڭقۇر قاتلاملىق تۈزۈلمە - مېخانىزم توسالغۇسىنى ھەل قىلىش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتا ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە.
− ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىشنىڭ «غول تومۇر»ىنى راۋانلاشتۇردى. شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان شىنجاڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، ئىچكى قۇرۇقلۇقنى ئېچىۋېتىش ۋە چېگرا بويىنى ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «بەش پورت ئارقىلىق سەككىز دۆلەتكە تۇتىشىدىغان، بىر يول ئارقىلىق ياۋروپا - ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان» ئۆزگىچە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «سىرتقا چىقىش» بىلەن «تەكلىپ قىلىش» جەھەتتە ماسلىشىپ كۈچ چىقىرىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىچكى قۇرۇقلۇقنىڭ «ئاخىرقى ئۇچى»دىن ئېچىۋېتىشنىڭ «ئالدىنقى سېپى»گە ئۆزگىرىشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولدى. دۆلەت ئىچىدىكى باشقا ئۆلكىلەر بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ئالاقىنى كۈچەيتىپ، گەنسۇ، چىڭخەي، نىڭشيا، شەنشى، شىزاڭ، سىچۇەن، چۇڭچىڭ قاتارلىق ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، بىرلىكتە ماسلىشىپ غەربكە ئېچىۋېتىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، «ئېنېرگىيە جەھەتتە بىر - بىرىنى تولۇقلايدىغان، يولى ئۆزئارا تۇتاشقان، كەسىپلەر ئۆزئارا يۇغۇرۇلغان» ياخشى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى. ئەتراپتىكى دۆلەتلەر ھەم «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تاشقى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتتى، ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى كۆپ قېتىم ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋروپا، ئافرىقا قاتارلىق جايلاردىكى دۆلەتلەرگە زىيارەتكە چىقىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ۋە سىياسىي ئەربابلىرى كۆپ قېتىم ئۆمەك باشلاپ شىنجاڭدا زىيارەتتە بولۇپ، قوش يۆنىلىشلىك ھەمتۈرتكە بولىدىغان زىچ ھەمكارلىق ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى. ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلەتتى، جۇڭگو - قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى تۈرىدە رەسمىي ئىش باشلاندى، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى خەلقئارا تاشيول تىرانسپورت سىستېمىسى يىغىلىش مەركىزىگە رەسمىي ۋىۋىسكا ئېسىلدى، بەدەل پورتىدا تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشتە غەربكە «يېڭى كۆزنەك» ئېچىلدى، شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرى بىلەن بولغان ئالاقىسى تېخىمۇ قويۇقلاشتى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، شىنجاڭ ئەگەر رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئېچىۋېتىش ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇپ، ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇش يۆنىلىشىنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىسە، چوقۇم غايەت زور تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان كۈچ قوشالايدۇ.
− جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىبارەت «شاھمات كۆزى»نى چىڭ كۆزلەشتە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭ بويىچە رايونلار ماس تەرەققىي قىلىدىغان «بىر تاختا شاھمات»نى جانلاندۇردى. شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى دۆلەت قاتلىمىدا تۇرۇپ يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش، ئالاھىدە سىياسەتنى يولغا قويۇپ، كونا قائىدىلەرنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىش كېرەك» دېگەن مۇھىم يوليورۇقىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنى تەرەققىياتنىڭ «ئاساسىي جەڭ مەيدانى» قىلىپ، خىزمەتنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭغا مەركەزلىشىشى، كۈچنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭغا مايىللىشىشى، بايلىقنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭغا توپلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، «بىر ئۇرۇقنى بېسىپ، پۈتۈن تاختا شاھماتنى جانلاندۇرۇش»نى ئىشقا ئاشۇردى. يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش جەھەتتە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى كۆپ قېتىم جەنۇبىي شىنجاڭ بۆلەك رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى نەق مەيدان يىغىنى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش خىزمىتى يىغىنى قاتارلىقلارنى ئېچىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەتلەرنى سىستېمىلىق تەتقىق قىلىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش پىكىر يولى ۋە تەدبىرلىرىنى پىلانلىدى. تارىمنى چۆرىدىگەن ئىقتىساد بەلبېغى تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، تارىم ئويمانلىقىنى چۆرىدىگەن بايلىق ئەۋزەللىكىنى بىرىكتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ رايونلار ماسلاشقان، ئېچىۋېتىلگەن، ھەمتۈرتكە بولىدىغان، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلدى. سىياسەت مەدىتى جەھەتتە، «جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىرقانچە سىياسەت - تەدبىر»نى ئېلان قىلىپ، 10 مىليارد يۈەنلىك جەنۇبىي شىنجاڭ تەرەققىيات مەخسۇس تۈر مەبلىغى تەسىس قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ خاس، ئەۋزەل كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى تېزلىتىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە ئىختىساسلىقلار كاپالىتى قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ساھەلەردە بىر قاتار يۇقىرى ئۈنۈملۈك سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، كونا قائىدىلەرنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن مەدەت بەردى. چوڭ - چوڭ كەسىپلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتە، تارىمنى چۆرىدىگەن 10 مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك يېڭى ئېنېرگىيە بازىسى ئوڭۇشلۇق قۇرۇلدى، چاقىلىق يېڭى ئېنېرگىيە بازىسى جىددىي قۇرۇلۇۋاتىدۇ، خوتەن چوڭ يۇلغۇنساي لىتىي كېنى، خوشاۋيۈن قوغۇشۇن - سىنك كېنى قاتارلىق دۇنيا دەرىجىلىك قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىش رەسمىي باشلىنىپ، قۇرۇلۇش قەدىمى تېزلىتىلدى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ پاختا توقۇمىچىلىق كەسپى تېز ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى جەھەتتە، قاتناش تورىنىڭ دەرىجىسى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلدى، خوتەن - چاقىلىق تۆمۈريولىدا قاتناش باشلىنىپ، دۇنيا بويىچە تۇنجى قۇملۇق ئايلانما تۆمۈريول لىنىيەسى شەكىللەندى، جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولى ئايلانما لىنىيەسى يوچۇقسىز تۇتاشتۇرۇلدى؛ ئۈرۈمچى - لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى تىيانشان غالىبىيەت تونېلى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلۇپ، ئۈرۈمچىدىن كورلىغا بارىدىغان ئاپتوموبىل مۇساپىسى زور دەرىجىدە قىسقارتىلدى؛ S24 لىنىيەسىنىڭ پىچاندىن كۈمۈشكىچە بولغان يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تۈرىدە قۇرۇلۇش باشلىنىپ، قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىش ۋە ساياھەتچىلىككە كۈچ قوشۇلدى؛ خېجىڭ بايىنبۇلاق ئايرودۇرۇمى، قاغىلىق مىئېردەي ئايرودۇرۇمىدا قاتناش باشلىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئاۋىياتسىيە تورى بارغانسېرى زىچ توقۇلدى. مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتى جەھەتتە، قەشقەر داشۆ قاتارلىق ئۈچ مەكتەپنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، كۆلىمىنى كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولۇندى، شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى، شىنجاڭ تىيانشان كەسپىي تېخنىكا داشۆسىنىڭ قىزىلسۇ ئوبلاستى مەكتەپ رايونىنى يېڭىدىن تەسىس قىلىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاستنى تولۇق كۇرس مائارىپى تولۇق قاپلاش تارىخىي خاراكتېرلىك ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جەنۇبىي شىنجاڭنى تەرەققىياتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، ئۇنى چۆرىدەپ سىستېمىلىق پىلانلاش ۋە بايلىق سېلىنمىسى سېلىش شىنجاڭنىڭ رايونلار ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىر بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپلا قالماي، يەنە شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي تەرەققىيات ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تېخىمۇ تەڭپۇڭلاشتۇردى، تېخىمۇ يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە قىلدى.
− خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەيدىغان «قەلبلەرنى ئىللىتىش ئېتىزى» بەرپا قىلدى. شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «تەرەققىياتنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يەرلىككە نەپ يەتكۈزۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك» دېگەن مۇھىم يوليورۇقىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى باشتىن - ئاخىر تەرەققىياتنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، %70تىن ئارتۇق مالىيە چىقىمىنى خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە سېلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ھەمبەھرىلەندۈرۈش داۋامىدا كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملىدى. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى بويىچە يېزا - كەنت سەپىرى» «باھار شامىلى ھەرىكىتى» قاتارلىق مەخسۇس پائالىيەتلەر ئارقىلىق، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، يېزا ئەمگەك كۈچلىرى قاتارلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىگە تۈرلۈك چارە - تەدبىرلەر ئارقىلىق يار - يۆلەك بولدى؛ توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، ئېلېكتىرونلۇق قۇراشتۇرۇش قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا، مەدەنىيەت - ساياھەت قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالىتىنى يېتىلدۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى؛ ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلارنىڭ بىرىنىمۇ چۈشۈرۈپ قويماسلىق، ئومۇميۈزلۈك يار - يۆلەك بولۇش، بىر ئادەمگە بىر تەدبىر بولۇش، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇردى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، «كەسىپ ئارقىلىق كەنتنى گۈللەندۈرۈش» پىلانىنى يولغا قويۇپ، خاس يېزا ئىگىلىكى، يېزا - كەنت ساياھىتى قاتارلىق كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان نوپۇسنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتىدىغان بىر قاتار خەلق تۇرمۇشى تەدبىرلىرىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇش ئارقىلىق، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى يەنىمۇ ئاشۇرۇلدى، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ خەلق رايى ئاساسى مۇستەھكەملەندى، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش» چىن قەلبتىن كۈچەيتىلدى.
− جاھاندىكى تالانتلىقلارنى كەڭ دائىرىدە قوبۇل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىختىساسلىقلار غەربكە يۆتكىلىدىغان «كۈچلۈك ماگنىت مەيدانى» بەرپا قىلدى. شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئىختىساسلىقلار بىرىنچى بايلىق» دېگەن مۇھىم يوليورۇقىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى كۈچلۈك رايون قۇرۇشتىكى ئاساس، تەرەققىي قىلىشتىكى مۇھىم نۇقتا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئاقىللارغا تەشنا بولۇش» سەمىمىيىتى ئارقىلىق جاھاندىكى ئاقىللارنى كەڭ قوبۇل قىلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىختىساسلىقلار توپلانغان ئېگىزلىك بەرپا قىلدى. 10 مىليارد يۈەنلىك ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات فوندى تەسىس قىلدى، «5+2» نۇقتىلىق ئىختىساسلىقلار پىلانىنى قوزغىتىپ يولغا قويدى، شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات گۇرۇھى قۇردى، ئېھتىياجلىق ئىختىساسلىقلار مۇندەرىجىسىنى تۈزۈپ ئېلان قىلدى، 68 «ئاكادېمىكلار خىزمەت پونكىتى» ۋە 191 دوكتورئاشتىلار خىزمەت پونكىتى قۇردى. ئىختىساسلىقلارنىڭ جورىسىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇش قاتارلىق غەم - ئەندىشىسىنى كۈچەپ ھەل قىلدى، «كەسىپتە سەھنە بولۇش، ئۆسۈپ يېتىلىشتە بوشلۇق بولۇش، تۇرمۇشتا ئىللىقلىق بولۇش» قاتارلىق كۆپ تەرەپتىن تۇتۇش قىلىپ، ئىختىساسلىقلارنى «كىرگۈزۈش، يېتىشتۈرۈش، ئىشلىتىش، ئېلىپ قېلىش»تىن ئىبارەت پۈتۈن زەنجىرنى قاپلىغان سىياسەت سېپى بەرپا قىلىپ، ئىختىساسلىقلارنى ھەر تەرەپلىمە مەدەت بىلەن تەمىنلىدى. بۈگۈنكى كۈندە، «توز غەربىي شىمالغا ئۇچۇش» ھېكايىسى شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ مېھىرلىك تۇپراقتا قالتىس نامايان بولماقتا، ئاكادېمىك، مۇتەخەسسىس قاتارلىق يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلار، غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرى قاتارلىق ياش ئىختىساسلىقلار، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىر قاتارلىق تايانچ قوشۇنلار بەس - بەستە شىنجاڭغا كېلىپ كۈچ قوشۇپ، ئۆز قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرماقتا. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش ۋە يېتىشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتقاندىلا، ئاندىن يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى پۇختا ئىختىساسلىقلار كاپالىتى بىلەن تەمىنلىگىلى، قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملىگىلى بولىدۇ.
«15 - بەش يىل»نى پىلانلاپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈش
باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدىن زور ئۈمىد كۈتۈپ، كۆپ قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ كۆزدىن كەچۈردى ۋە يېتەكچىلىك قىلدى، ئاچقۇچلۇق پەيتلەردىكى ھەربىر قېتىملىق مۇھىم يوليورۇقى خۇددى چاقناپ تۇرغان ماياكتەك شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش يولىنى يورۇتتى. ھازىر، شىنجاڭ «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان ۋە «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرىدىغان ئاچقۇچلۇق تۈگۈندە تۇرماقتا. ئۆتمۈشكە نەزەر سالساق، مۇساپىنىڭ قالتىسلىقىدىن ھاياجانلىنىمىز؛ كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، تېخىمۇ قايناق ھېسسىياتقا تولىمىز. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي ئۈمىدىنى ھەر ۋاقىت ئەستە چىڭ ساقلاپ، دەۋر يۈكلىگەن ئېغىر ۋەزىپىنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، مەن قىلمىسام كىم قىلىدۇ دەيدىغان بۇرچ تۇيغۇسى، ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ دەيدىغان تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ئارقىلىق پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ «14 - بەش يىل»نى تاماملاش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، ئۆتكۈر كۆز ۋە كەسكىن ھەرىكەت ئارقىلىق «15 - بەش يىل»نى پىلانلاش مۇقەددىمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۇلۇغ مۇساپىسىدە جان تىكىپ كۈرەش قىلىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېپيېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن پۈتۈپ چىقىشىمىز كېرەك.
بىرىنچى، پۈتۈن كۈچ بىلەن «14 - بەش يىل»نى تاماملاشقا كۈچەپ، يىرىك پىلان نىشانىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. «14 - بەش يىل»نى تاماملاش خىزمىتىنى ھازىرقى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، «دائىم غېمىدە بولۇش»تىن ئىبارەت مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە «ھەممە ئىشنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش»تىن ئىبارەت ئىجرا قىلىش كۈچى بىلەن، يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق ۋە بۇرچنى زىممىگە ئېلىش ئارقىلىق نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، تاماملاش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىنچىكە تەقسىملەپ، ھەممە ئىشنى تۇتىدىغان ئادەم بولۇشقا، ھەممە ئىشنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلار ئۆزى باشلامچى بولۇپ ئاتلىنىپ، ئالدىغا ئۆتۈپ قوماندانلىق قىلىپ جەڭ قىلىپ، «باشلامچى ياۋا غاز ئۈنۈمى» ئارقىلىق «توپ ياۋا غازلار تەڭ پەرۋاز قىلىش»قا تۈرتكە بولۇپ، تاماملاش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. بىرتۇتاش پىلانلاش - ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، چوڭ - چوڭ تۈرلەر، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى تىزىملىك بويىچە باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش كېرەك. ۋاقىت جەدۋىلى، يول خەرىتىسى تۈزۈپ، ۋەزىپە تۈگۈن نۇقتىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىش مۇددىتى ۋە سۈرئىتىنى تەتۈر تىزىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ھالقىمۇھالقا تۇتاشتۇرۇش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك رولى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ قاتنىشىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىش، كارخانا ئاساسىي گەۋدە بولۇش، جەمئىيەت ماسلىشىش» ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، «14 - بەش يىل»نىڭ تاماملىنىشىغا تۈرتكە بولىدىغان كۈچلۈك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
ئىككىنچى، «15 - بەش يىل»نى ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش كېرەك. «15 - بەش يىل» مەزگىلى دۆلىتىمىز 2035 - يىلىغىچە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاساس سالىدىغان ئاچقۇچلۇق بەش يىل، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدىكى مۇھىم باسقۇچ، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئەۋزەللىكىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق كۆزنەك مەزگىلى. دۆلەتنىڭ ئېھتىياجى بىلەن شىنجاڭنىڭ ئىقتىدارىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىدىكى ئورۇن بېكىتمىسى ۋە سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات نىشانىنى ئىلمىي بېكىتىش كېرەك. مەۋقەنى ھازىرغا قويۇش بىلەن يىراق كەلگۈسىنى پىلانلاشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىنىڭ باسقۇچلۇق تەلىپىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى تەرەققىياتتا دۇچ كېلىدىغان زور مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ھەم ھەرقايسى تەرەپلەردىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى تەھلىل قىلىپ دەلىللەپ، ھەم نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى بوغما ھالەت چەكلىمىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بۇزۇپ تاشلاپ، يىرىك پىلاننىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىرادىنى ساقلاش بىلەن يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھازىرقى مۇرەككەپ، كۆپ ئۆزگىرىشچان ئىچكى - تاشقى ۋەزىيەت ۋە ئۇنىڭ شىنجاڭغا بولغان چوڭقۇر تەسىرىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى تەرەققىيات نەتىجىلىرى بىلەن كەمتۈكلۈك، ئاجىز تۈرلەرنى ئومۇميۈزلۈك رەتلەپ چىقىپ، ۋەزىيەتكە قاراپ يېتەكچىلىك قىلىپ پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تەڭشەپ ئەلالاشتۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلى، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، تەرەققىيات ساھەسى، تەرەققىيات سۈپىتىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. تەرەققىيات ئېھتىياجى بىلەن خەلق تۇرمۇشى ئارزۇسىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، «خەلق رازى بولۇش»نى باھالاش ئۆلچىمى قىلىپ، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان، خەلق قەلبىنى ئىللىتىدىغان بىر تۈركۈم سىياسەت - تەدبىرلەرنى تەتقىق قىلىپ يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىش، نىشاننى چىڭ كۆزلەپ داۋاملىق كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك.
ئۈچىنچى، ئومۇمىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. شىنجاڭ خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەت ئومۇملۇقىدا ئالاھىدە مۇھىم ئورۇنغا ئىگە، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك. «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشنى شىنجاڭ خىزمىتىنى ئۆلچەشتىكى باش سىياسىي ئۆلچەم قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ئۆلچەم بويىچە توغرىلىنىش، ئىشلارنى ئويلىشىش - پىلانلاشتا ھەر ۋاقىت دۆلەت ئىستراتېگىيەسى بىلەن ماس قەدەمدە بولۇشنى باشتىن - ئاخىر ئىشقا ئاشۇرۇپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى قەلبكە پۈكۈپ، سىياسىي ھېساباتنى كۆپرەك قىلىپ، ھەم بىر رايونغا شەرەپ كەلتۈرۈش، ھەم ئومۇملۇققا ھۆسن قوشۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. شىنجاڭ خىزمىتىنى خەلقئارا نەزەر دائىرىگە قويۇپ ئويلىشىش، دۆلەت ئومۇملۇقىنى كۆزدە تۇتۇپ ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، بىر ئىزدا توختاپ قېلىپ بېكىنىۋېلىشقا، ئىشىكنى تاقىۋېلىپ تەرەققىياتنى يولغا قويۇشقا قەتئىي بولمايدۇ. «بىر تاختا شاھمات» ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، دۆلەتنىڭ چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش، غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق مۇھىم قوللاش سىياسەتلىرى ۋە چېگرا رايونلار، مىللەتلەر رايونلىرىغا قارىتىلغان ئالاھىدە يۆلەش سىياسەتلىرىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، تەرەققىيات ئورۇن بېكىتمىسىنى دەل جايىدا تېپىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ئارقىلىق تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا «ئىتتىپاقلىق گۈللىرى»نى پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرۇش، «بەخت مېۋىلىرى»نى بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك.
ئۇزاق مۇساپىدە غەيرەت - شىجائەت ئۇرغۇپ تۇرماقتا، ئېغىر مەسئۇلىيەت يەنە ئاتلىنىشقا ئۈندىمەكتە. شىنجاڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، «تۆھپە قوشۇشتا چوقۇم مەن بولۇشۇم كېرەك» دەيدىغان مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە «تۆھپە يېزىشتا مەن بولمىساممۇ بولىدۇ» دەيدىغان مەنزىل بىلەن، مۇقىملىقنى قەتئىي، كەسكىن قوغداپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە تەرەققىياتنى كۆزلەپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش مۇساپىسىدە شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ «ئەڭ كۈچلۈك ساداسى»نى ياڭرىتىدۇ!