گېزىتىمىز، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 22 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: بۇ يىل 1 - ئايدىن 5 - ئايغىچە، شىنجاڭنىڭ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.2 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 9.2 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلەپ، مەملىكەت بويىچە 2 - ئورۇندا تۇردى. بۇ، شىنجاڭنىڭ ئۇدا تۆت ئاي سېلىنمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى جەھەتتە مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇشنى ساقلىشى ھېسابلىنىدۇ.
بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە يىللىق سېلىنما نىشان - ۋەزىپىسىنى چىڭ كۆزلەپ، دىققەتنى «ئون چوڭ كەسىپ توپى»، ئۇل ئەسلىھە «ئون تور»ىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، سېلىنما باشقۇرۇش ۋە تۈر قۇرۇلۇشىنى ماسلاشتۇرۇش خىزمەت مېخانىزمى ئورنىتىپ، يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەلەش، بىرتۇتاش پىلانلاش - ماسلاشتۇرۇش، «بىر تاختا شاھمات» بويىچە سېلىنما تۈر قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچەيتتى.
ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى بەش ئايدا ئۇل ئەسلىھە سېلىنمىسى %15.6، سانائەت سېلىنمىسى %22.8 ئاشقان بولۇپ، بىردەك پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن 10 پىرسەنت پوئېنتتىن كۆپرەك يۇقىرى بولغان. ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، يېڭى ئېنېرگىيە تۈرلىرى سېلىنمىسىنىڭ ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك بولغان، شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت تۈرلىرىدە تاماملانغان سېلىنما بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %36.6 ئېشىپ، شىنجاڭ بويىچە تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ 5.5 پىرسەنت پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولغان.
خەلق ئىچى سېلىنمىسىنىڭ ھاياتىي كۈچى سىجىل ئۇرغۇتۇلۇپ، سېلىنمىنى ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى موتورىغا ئايلاندى. 1 - ئايدىن 5 - ئايغىچە، شىنجاڭنىڭ خەلق ئىچى سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %26.8 ئېشىپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى. ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى باشقارمىسىنىڭ 1 - دەرىجىلىك مۇدىر ئەزاسى ۋۇ چاۋچاۋ مۇنداق تونۇشتۇردى: «ئون چوڭ كەسىپ توپى» سىياسىتىنىڭ پايدىسى سىجىل قويۇپ بېرىلىپ، خەلق ئىچى سېلىنمىسى قىزغىنلىقى ئۈنۈملۈك ئۇرغۇتۇلدى.
چوڭ - چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئىلگىرىلىشى ئوڭۇشلۇق بولدى. ئالدىنقى بەش ئايدا، شىنجاڭ بويىچە 100 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنىدىغان چوڭ - چوڭ تۈرلەردە تاماملانغان سېلىنما بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18.8 ئاشتى، ئاپتونوم رايوننىڭ 94 نۇقتىلىق تۈرىدە يېڭىدىن ئىش باشلىنىپ، يىللىق نىشاننىڭ %78.3ى ئورۇندالدى.
ئالدىنقى بەش ئايدا، شىنجاڭنىڭ ئۆي - زېمىن تەرەققىياتى سېلىنمىسىدا ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى داۋاملىشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.8 ئېشىپ، ئۇدا ئۈچ ئاي مۇسبەت ئېشىش ھالىتىنى ساقلىدى، ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن خېلىلا يۇقىرى بولدى.
ۋۇ چاۋچاۋ مۇنداق تونۇشتۇردى: كېيىنكى يېرىم يىلدا، مايتاغ - كۇچا يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى، غۇلجا - ئاقسۇ تۆمۈريولى قاتارلىق بىر تۈركۈم چوڭ - چوڭ قۇرۇلۇشلاردا ئارقا - ئارقىدىن ئىش باشلىنىدۇ، مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنما، مەخسۇس تۈر زايومى قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەبلەغ مەدىتى سالمىقى سىجىل زورايتىلىپ، شىنجاڭدا سېلىنمىنىڭ ئېشىشىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇلىدۇ.