20 - ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرىدا، قۇرۇلۇشچىلار ساۋەن قىزىل بايراق ئۆستىڭىنى ياسىماقتا. □شېن تيەنشياڭ فوتوسى
ساۋما قىلىپ مەخسۇس تېمىنى كۆرۈڭ
ئەسەر قۇبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن جياڭ
«ئۇ چاغلاردا، نەچچە ئونمىڭ كىشى تىيانشان ئېتىكىدە گەمە ياسىغان بولۇپ، ھەممىلا يەردە قىزىل بايراقلار لەپىلدەپ تۇراتتى، ھەممىلا يەردە ئەمگەك مەنزىرىسىنى كۆرگىلى بولاتتى.» 7 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، 78 ياشلىق شېن تيەنشياڭ رەڭسىز سۈرەتلەرنى بىر - بىرلەپ كۆرۈۋاتقاندا قوللىرى بىلەن ئىشارەت قىلىپ تۇرۇپ، ئىختىيارسىز شۇنداق دېدى، ئۇ خۇددى 1975 - يىلى تارتىلغان سۈرەتتىكى نەق مەيدانغا قايتقاندەك بولدى، 50 يىل ئىلگىرىكى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن ئەمگەك مەنزىرىسى كۆز ئالدىدا نامايان بولدى.
شېن تيەنشياڭ جۇڭگو فوتوگرافلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ فوتوگرافلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، 1973 - يىلىدىن باشلاپ فوتو سۈرەتچىلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللاندى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئۇ تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئۈرۈمچى شەھىرى قاتارلىق جايلاردىكى ئاخبارات، مەدەنىيەت تارماقلىرىدا خىزمەت قىلىپ، فوتو ئاپپارات ئارقىلىق تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى خاتىرىلىدى. بۈگۈنكى كۈندە بۇ سۈرەتلەر ئۇنىڭ ئەسلىمىسى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى يىللارنىڭ ھەقىقىي گۇۋاھچىسى بولدى.
بۇ قېتىم شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھ)نىڭ «شىنجاڭ خاتىرىلىرى» كونا سۈرەتلەرنى توپلاش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، شېن تيەنشياڭ ساۋەن قىزىل بايراق ئۆستىڭى قۇرۇلۇشىغا دائىر بىر گۇرۇپپا سۈرەتلەر بىلەن تەمىنلىدى. «ئەينى يىلى ھازىرقى ساۋەن شەھىرىنىڭ شىگوبى بازىرىدىكى نەچچە ئونمىڭ مو قاقاس يەرنى سۇ كەمچىل بولغانلىقتىن تېرىشقا ئامال بولمىغانىدى. 1974 - يىلى، بۇ جاي تىيانشاننىڭ ئىچكىرىسىدە يەتتە كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا ئۆستەڭ چېپىپ، قار سۈيىنى قاقاس يەرگە باشلاپ سۇغىرىشنى پىلانلىدى.» شېن تيەنشياڭ ئەسلەپ: ساۋەن مەدەنىيەت تارمىقىدىكى خىزمەتچى خادىم بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئىدارە «ياردەم بېرىپ» ئېلىپ بەرگەن 120 تىپلىق فوتو ئاپپاراتنى ئېلىپ قۇرۇلۇش ئورنىغا باردىم، دېدى. شۇنىڭدىن كېيىنكى تۆت يىلدا، بۇ فوتو ئاپپارات شېن تيەنشياڭغا ھەمراھ بولۇپ قۇرۇلۇش ئورنىنىڭ ھەربىر بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىدا ئايلىنىپ چىقىپ، سانسىزلىغان ئۇنتۇلغۇسىز دەقىقىلەرنى خاتىرىلىدى.
«تۆمۈريول تارماقلىرى ئەۋەتكەن 5000 زىيالىي ياش قۇرۇلۇش ئاساسىي كۈچىگە ئايلاندى، ساۋەنمۇ قاۋۇل ئەمگەك كۈچلىرىنى ئەۋەتىپ قۇرۇلۇشقا قاتناشتۇردى. نەچچە كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى قۇرۇلۇش ئورنىدا، كىشىلەرنىڭ ھاياجانلىققا تولغان ئاۋازلىرىغا ماشىنىلارنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازلىرى قوشۇلۇپ ھەيۋەتلىك مەنزىرە شەكىللەنگەنىدى. شېن تيەنشياڭ سارغىيىپ كەتكەن بىر پارچە سۈرەتنى كۆرسەتتى: بىرنەچچە قۇرۇلۇشچى ئادەم بويى ئېگىزلىكتىكى تاشنى چۆرىدەپ، پىژغىرىم ئىسسىقتا پولات لومنى چىڭ تۇتقىنىچە ياكى قولى بىلەن ئىتتىرىۋاتاتتى. ئالبومدا يەنە سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا كىشىلەر توپى قولىنى كۆتۈرۈپ قەسەم بېرىۋاتقان، قوشۇندىكىلەر قورال - سايمانلىرىنى مۈرىسىگە ئارتىپ تاغ ئارىسىدا يول يۈرۈۋاتقان، ئۆلچەش - سىزىش خادىملىرى تاغ - داۋانلاردىن ئېشىۋاتقان قاتارلىق كۆرۈنۈشلەر بار ئىدى. شېن تيەنشياڭ ھەر كۈنى قۇرۇلۇشچىلار بىلەن تاماقتا، يېتىپ - قوپۇشتا بىللە بولدى، ئۇيان - بۇيان قاتراپ سۈرەتكە تارتقاندىن كېيىن ئۆزى ياسىۋالغان قاراڭغۇ ئۆيدە سۈرەتلەرنى يۇيۇپ چىقىرىپ، پولات تاختا، موم قەغەزدىن پايدىلىنىپ قىسقا خەۋەرلەر گېزىتى ئىشلىدى، تۆت يىلدا جەمئىي نەچچە مىڭ پارچە سۈرەت تارتتى.
شېن تيەنشياڭنى ئەپسۇسلاندۇرغىنى شۇكى، قىزىل بايراق ئۆستىڭىگە سۇ باشلانغاندا ئۇ نەق مەيدانغا بېرىپ سۈرەتكە تارتالمىغانىدى. «تىيانشاننىڭ قار سۈيى ئېرىق - ئۆستەڭلەرنى بويلاپ تاغ باغرىغا ئاقتى، قاقاس يەرلەر مۇنبەت ئېتىزلارغا ئايلاندى.» سۇ باشلانغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ گۇۋاھ بولالمىسىمۇ، ئۇ يەنىلا ئىپتىخارلىناتتى. بىرنەچچە يىل ئىلگىرى، بۇرۇن بارغان بۇ جاينى قايتا زىيارەت قىلغاندا، شېن تيەنشياڭ ھاياجانلانغان ھالدا جىنگوۋخې دەرياسى خۇڭشەن سۇ ئامبىرىنىڭ قۇرۇلۇش مەيدانىنى كۆردى − 2022 - يىلى قۇرۇلۇش باشلانغان بۇ زامانىۋىلاشقان قۇرۇلۇشنىڭ ئامبار ئومۇمىي سىغىمى 53 مىليون 440 مىڭ كۇب مېتىر، ئەڭ چوڭ توسمىسىنىڭ ئېگىزلىكى 75.8 مېتىر بولۇپ، جىنگوۋخې دەرياسىدىكى سۇغىرىش، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، سۇ بىلەن تەمىنلەش ۋە توك چىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان بىردىنبىر تاغلىق رايون سۇچىلىق تۈگۈنى ئىدى، تىزگىنلىنىدىغان سۇغىرىش كۆلىمى 529 مىڭ 900 مو بولۇپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئۆلچىمى 30 يىلدا بىر كۆرۈلىدىغان كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئۆلچىمى دەرىجىسىگە ئۆستۈرۈلدى.
شىنجاڭ تۇپرىقىدىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر باشتىن - ئاخىر شېن تيەنشياڭنىڭ كامېراسىدىكى ئاساسىي تېما بولۇپ كەلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇ شىنجاڭدىكى نۇرغۇن جايلاردا كونا سۈرەتلەرنى ئەسلەش كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈپ، رەڭسىز ۋە رەڭلىك سۈرەتلەر ئارقىلىق ھەقىقىي تارىخىي كۆرۈنۈشلەرنى نامايان قىلىپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت، ئىقتىساد تەرەققىياتىدىكى چوڭقۇر ئىزلارنى خاتىرىلىدى.