□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى چېن كەيزى
خەينەن ئارىلىنىڭ غەربىي شىمالىدا، يانار تاغ تاشلىرىدىن ياسالغان قارامتۇل كۈل رەڭدىكى بىر دۆۋە خىش دېڭىزدىن ئانچە يىراق بولمىغان بىر كەنتتىكى بوش يەردە جىمجىتقىنە ياتاتتى. بۇ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدىكى قەھرىمان - ئىنقىلابىي قۇربان خۇاڭ جېنيانىڭ ئىلگىرىكى تۇرالغۇسى لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ئۇرۇش ئوتى تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنغاندىن كېيىن قېپقالغان بىردىنبىر ئىزنا ئىدى. 85 يىل ئىلگىرى، چيۇڭيا ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش مۇستەقىل باش ئەترىتى 3 - چوڭ ئەترىتىنىڭ باشلىقى خۇاڭ جېنيا ياپون قاراقچىلىرى بىلەن بولغان بىر مەيدان دوقۇرۇشما جەڭدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتىدا قۇربان بولۇپ، قىسقا ھەم قەھرىمانە ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇردى.
خۇاڭ جېنيا، 1905 - يىلى ھازىرقى خەينەن ئۆلكىسىنىڭ دەنجوۋ شەھىرى خەيتوۋ بازىرى شىنفاڭجىڭ كەنتىدە تۇغۇلغان، 1924 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن. 7 - ئىيۇل ۋەقەسى پارتلىغاندىن كېيىن، دەنجوۋ رايونى (ئەينى چاغدا دەنشيەن ناھىيەسى دەپ ئاتالغان)دا ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇش ھەرىكىتى ئەۋج ئالدى. ئەينى چاغدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دەنشيەن ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان خۇاڭ جېنيا بېلىقچىلىق پورتلىرى ۋە يېزا - كەنتلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇش تەشۋىقاتىنى تەشكىللىگەن ھەم كۆپچىلىكنى سەپەرۋەر قىلىپ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش قوراللىق قوشۇنىنى تەشكىللەپ قۇرغان. بۇ قوراللىق كۈچ كېيىن چيۇڭيا ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش مۇستەقىل باش ئەترىتىگە قوشۇۋېتىلگەن.
1939 - يىلى 4 - ئايدا، ياپونىيە ئارمىيەسى خائىننىڭ يول باشلىشى بىلەن دەنشيەن ناھىيەسىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، ئوت قويۇپ، ئادەم ئۆلتۈرۈپ، بۇلاڭچىلىق قىلىپ، قىلمىغان ئەسكىلىكى قالمىدى. 5 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، جۇڭگو گومىنداڭ پارتىيەسى بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قوراللىق كۈچلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ دەنشيەن ناھىيەسىنىڭ خېيلىڭدا ياپونىيە ئارمىيەسىگە يوشۇرۇن زەربە بېرىشنى پىلانلىدى، ئويلىمىغان يەردىن، ياپونىيە ئارمىيەسى تۇيۇقسىز ياردەمچى كۈچ ئەۋەتىپ، چيۇڭيا ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش مۇستەقىل باش ئەترىتى ۋە پارتىزانلار ئەترىتىگە قارىتا قارشى مۇھاسىرە يۈرگۈزدى. مىلتىق - زەمبىرەك ئاۋازى بارغانسېرى يېقىنلاشتى، خۇاڭ جېنيا ئۇرۇش ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، كوماندىر - جەڭچىلەرنى باشلاپ ئايلىنىپ مېڭىپ ئىلگىرىلەپ، دۈشمەننىڭ ئارقىسىغا بېرىپ تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ بازىسىنى ۋەيران قىلىپلا قالماي، يەنە ئۇنى بىرنەچچە بۆلەككە پارچىلىۋېتىپ، ئالدى - كەينىدىكى قوشۇنلار ئۆزئارا ياردەملىشەلمەيدىغان ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. قاراڭغۇ چۈشكەندىن كېيىن، ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ قالدۇق قىسىملىرى قىيىن ئەھۋالدا قېلىپ قاچتى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن خۇاڭ جېنيا دېگەن بۇ ئىسىم ئەتراپتىكى ياپونىيە ئارمىيەسىنى ساراسىمىگە سېلىپ قويدى.
تەخمىنەن بىر ئايدىن كېيىن، ياپونىيە ئارمىيەسى ۋە قورچاق ئارمىيە دەنشيەن ناھىيەسىدىكى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇۋاتقان كەنتلەرگە كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قىلدى. ئەينى چاغدا چيۇڭيا ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش مۇستەقىل باش ئەترىتى 3 - چوڭ ئەترىتىنىڭ باشلىقى بولغان خۇاڭ جېنيا چوڭ ئەترەتنى باشلاپ ياردەمگە كېلىپ، ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ ئارقىسىدىن شىددەتلىك ھۇجۇم قىلىپ، يەنە بىر قېتىم زەربە بېرىپ ئۇلارنى تىرىپىرەن قىلىۋەتتى. چېكىنىشتىن بۇرۇن، ياپونىيە ئارمىيەسى خۇاڭ جېنيانىڭ قىسىمىغا قارىتىپ زەھەرلىك گاز قويۇپ بەردى. بىر قىسىم ئادەملىرى زەھەرلەنگەندىن كېيىن، خۇاڭ جېنيا قالغان جەڭچىلەرنى باشلاپ باتۇرلۇق بىلەن يەنىلا ئالغا ئىلگىرىلىدى، ئەڭ ئاخىرىدا ياپونىيە ئارمىيەسى ئالاقزادە بولۇپ چېكىندى.
1940 - يىلى 4 - ئاينىڭ بېشىدا، 35 ياشلىق خۇاڭ جېنيا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى چيۇڭيا ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى فېڭ بەيجۈنىڭ خىزمىتىگە ھەمكارلىشىپ، دەنشيەن ناھىيەسىگە بېرىپ 6 - چوڭ ئەترەتنى تەشكىللەپ قۇردى. ئۇ 20دىن ئارتۇق كادىر، جەڭچى ۋە ھەربىي قورال - ياراغ ئىشچىسىنى باشلاپ دەنشيەن ناھىيەسىنىڭ دۇڭچېڭ باۋشېدىكى يېزا بازىرىدىن ئۆتۈۋاتقاندا، ياپونىيە ئارمىيەسى بىلەن دوقۇرۇشۇپ قېلىپ، يامغۇردەك يېغىۋاتقان ئوق ئىچىدە قەھرىمانلارچە قۇربان بولدى.
ئۇرۇش ئوتى يالقۇنجىغان يىللار ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، خۇاڭ جېنيانىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتقۇزغانلىق ئىش ئىزلىرى ئەۋلادلار تەرىپىدىن ئىزچىل ئەستە ساقلاندى ۋە مەدھىيەلەندى. 2014 - يىلى 9 - ئايدا، خۇاڭ جېنيا خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان تۇنجى تۈركۈمدىكى مەملىكەت بويىچە ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدىكى مەشھۇر قەھرىمانلار - ئىنقىلابىي قۇربانلار ۋە قەھرىمانلار كوللېكتىپى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.
بۈگۈنكى كۈندە، قەھرىمانلار - ئىنقىلابىي قۇربانلار روھى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تومۇرىغا بۇرۇنلا سىڭىشىپ كەتتى. چيۇڭيانىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇشىدىكى تايانچ بولغان خۇاڭ جېنيانىڭ تەسىرىدە، كەنت ئاھالىلىرى يۇرت قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئىلگىرى جاپا - مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بۇ كەنتتە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈردى: ئاددىي خىش - كاھىشلىق ئۆيلەرنىڭ ئورنىنى كىچىك بىنالار ئالدى؛ ئوڭغۇل - دوڭغۇل يوللار تەكشى سېمونت يوللارغا ئايلاندى؛ ئۆزئارا گىرەلەشكەن، رەتلىك، پاكىز، راۋان كوچىلار ئۈزلۈكسىز تۈردە يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلىپ تۇراتتى.
شۇ جاي يەنە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئىنقىلابىي قۇربان خۇاڭ جېنيا ئۈچۈن خاتىرە مۇنارى ھەم يۈرۈشلەشكەن قۇرۇلۇشلارنى قۇرۇپ چىقتى، قارا تەگلىككە ئالتۇن رەڭلىك خەتلەر يېزىلغان تاش ئابىدە دەرەخزارلىقتا جۇلالىنىپ ئادەتتىن تاشقىرى ھەيۋەتلىك كۆرۈنەتتى.
ئىنقىلابىي قۇربان خۇاڭ جېنيا خاتىرە مۇنارى ئالدىدا، تەزىيە بىلدۈرۈشكە كەلگەن كىشىلەر توپى خاتىرە مۇنارىغا تەزىم قىلدى ھەم گۈلدەستە تەقدىم قىلدى. «ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىمىز، ئۇلارنىڭ روھى بىزنى خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشىدا جاپا - مۇشەققەتتىن قورقماي، باتۇرلۇق بىلەن ئاۋانگارتلاردىن بولۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ تۇرىدۇ!» دېدى بىر ياش پارتىيە ئەزاسى.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خەيكوۋ، 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تېلېگراممىسى)