□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ بو
1940 - يىلى 8 - ئايدا، ۋەتەنگە ساداقەتمەنلىك بىلەن جاۋاب قايتۇرۇش، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ 1 - سېپىدە كۈرەش قىلغان خەينەنلىك خۇاچياۋ ياش ياپون قاراقچىلىرىنىڭ مىلتىقى ئاستىدا يىقىلىپ، قىممەتلىك ھاياتىنى تەقدىم قىلدى. بۈگۈن، ئۇنىڭ بىزدىن ئايرىلغىنىغا 85 يىل بولغان بولسىمۇ، لېكىن، پارتىيە ئۇنى ئۇنتۇپ قالمىدى، خەينەن خەلقى ئۇنى ئۇنتۇپ قالمىدى.
خەينەنلىك خۇاچياۋ، قەھرىمان - ئىنقىلابىي قۇربان چېن چىننىڭ ئەسلىي ئىسمى چېن جىيوۋ، يەنە بىر ئىسمى چېن فېن بولۇپ، گۇاڭدۇڭ ۋېنچاڭ ناھىيەسى (ھازىرقى خەينەن ۋېنچاڭ شەھىرى)دىن. 1928 - يىلى، ئۇ سەرسان بولۇپ سىنگاپورغا بېرىپ تىرىكچىلىك قىلغان ۋە بۇ مەزگىلدە ئىنقىلابىي ئىدىيەنىڭ تاۋلىشىنى قوبۇل قىلغان؛ 1929 - يىلى نەنياڭ كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى نەنياڭ قىزىل ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتىغا كىرىپ، ئىشچىلار ھەرىكىتىگە قاتناشقان ۋە رەھبەرلىك قىلغان؛ 1930 - يىلى 2 - ئايدا، نەنياڭ كوممۇنىستىك پارتىيەسى (كېيىن نامى مالايا كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئۆزگەرتىلگەن)گە كىرگەن. ئۇ ئىشچىلار ئاممىسىنى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا قاتنىشىشقا پائال سەپەرۋەر قىلىپ، ئىشچىلار ئاممىسىغا ماركسىزم - لېنىنىزم ۋە كوممۇنىزم ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلغان.
1937 - يىلى 7 - ئىيۇل ۋەقەسى پارتلاپ، ياپونىيە ئارمىيەسى جۇڭگوغا ئومۇميۈزلۈك تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىدى. چېن چىن خۇاچياۋلارنى ۋەتەننىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا ياردەم بېرىشكە پائال سەپەرۋەر قىلىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ «شىڭجوۋ ئەجنەبىيچىلەر كارخانىسى ئىشچىلىرى دۈشمەنگە قارشى تۇرۇش بويىچە ئارقا سەپ ياردەم بېرىش جەمئىيىتى» «شىڭجوۋ ئەجنەبىيچىلەر سانائەت ئىشچىلىرى مەبلەغ توپلاش شۆبە جەمئىيىتى» «شىڭجوۋ ئەجنەبىيچىلەر سانائەت ئىشچىلىرى ئۆزئارا ياردەم بېرىش ھەمكارلىق كوپىراتىپى» قاتارلىق ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش تەشكىلاتلىرىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى قۇتقۇزۇش تەشەببۇسىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، چياۋمىن قېرىنداشلارنى بەس - بەستە پۇل ئىئانە قىلىشقا ۋە ماددىي ئەشيا ئىئانە قىلىشقا سەپەرۋەر قىلدى.
1939 - يىلى 2 - ئايدا، ياپونىيە ئارمىيەسى خەينەن ئارىلىنى تاجاۋۇز قىلىپ ئىگىلىۋالدى. چېن چىن يىراقتا تۇرۇپ يۇرتىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تېپىپ، قاتتىق قايغۇرۇپ ۋە ئىنتايىن غەزەپلىنىپ، يۇقىرى ئاۋازدا كەڭ خەينەنلىك خۇاچياۋلارنى ئىتتىپاقلىشىپ، «ياپونلۇقلار تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنغان قېرىنداشلارنى قۇتقۇزۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ زېمىنىنى قوغداش، ئەجدادلار بىزگە قالدۇرغان ماكاننى قوغداش»قا مۇراجىئەت قىلدى. ئۇ خەينەنلىك خۇاچياۋ قېرىنداشلارنى سەپەرۋەر قىلىپ، «خەينەنلىك خۇاچياۋلار يۇرتنى قۇتقۇزۇش جەمئىيىتى» «خەينەنلىك خۇاچياۋلار مۇساپىرلارنى قۇتقۇزۇش بىرلەشمىسى» قاتارلىق تەشكىلاتلارنى قۇردى. شۇ يىلى 5 - ئايدا «شىڭجوۋ خەينەنلىك خۇاچياۋلار يۇرتقا قايتىش مۇلازىمەت ئۆمىكى» رەسمىي قۇرۇلدى، چېن چىن ئۆمەك باشلىقى بولدى.
ئۇلار ئۇرۇش ئوتى لاۋۇلداۋاتقان يۇرتى − چيۇڭيا (خەينەن ئارىلى)غا قاراپ يۈرۈپ كەتتى. 1939 - يىلى 7 - ئاينىڭ بىر كۈنى، چېن چىن مۇلازىمەت ئۆمىكىنى باشلاپ دېڭىزدىن ئۆتۈۋاتقاندا، ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ دېڭىزدىكى قامال قىلىش لىنىيەسىدىن ئۆتۈش ئۈچۈن، مۇلازىمەت ئۆمىكى «مۆكۈشمەك ئويناش» ھەرىكەت تەدبىرىنى قوللىنىشنى قارار قىلدى. ياپونىيە ئارمىيەسى پەقەت ئالدىدا يولغا چىققان ئالتە مۇساپىرلار پاراخوتىنى توسۇپ قولغا چۈشۈرۈپلا، مۇلازىمەت ئۆمىكىنى تەلتۆكۈس قولغا چۈشۈردۇق دەپ ئويلاپ، قوشۇننى چېكىندۈرۈپ قايتتى. تاڭ سۈزۈلۈشتىن بۇرۇن، ئۆمەك باشلىقى چېن چىن باشلامچىلىقىدىكى 1 - تۈركۈم ئۆمەك ئەزالىرى خەينەن ۋېنچاڭدىكى چىشىڭلىڭ دېڭىز قىرغىقىدا قۇرۇقلۇققا چىقتى.
ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئالدىنقى سېپىدە، چېن چىن يامغۇردەك يېغىۋاتقان ئوققا قارىماي، جەڭدە يارىدارلارنى قۇتقۇزۇپ ۋە پەرۋىش قىلىپ، جەڭ مەيدانى ۋە ئارقا سەپتىكى يارىدار ئەسكەرلەر، مۇساپىرلارنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ، دورا يەتكۈزۈپ بېرىپ، يۇرتنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى.
1940 - يىلى 8 - ئايدا، شياڭگاڭدىكى چيۇڭيا خۇاچياۋلار بىرلەشمىسى باش جەمئىيىتىگە خەينەنلىك خۇاچياۋلار يۇرتقا قايتىش مۇلازىمەت ئۆمىكىنىڭ خىزمىتى ۋە باش ئۆمەك باشلىقى فۇ كېنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى دوكلات قىلىش ئۈچۈن، باش ئۆمەكنىڭ خىزمىتىگە رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى چېن چىن كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، خەتەرگە قارىماي دېڭىزدىن ھالقىپ ئۆتۈپ شياڭگاڭغا بېرىشنى قارار قىلدى، لېكىن دېڭىزدا ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي پاراخوتى بىلەن دوقۇرۇشۇپ قېلىپ، بەختكە قارشى زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى، قۇربان بولغاندا ئۇ پەقەت 29 ياشتا ئىدى.
قەھرىمان - ئىنقىلابىي قۇربان چېن چىننىڭ روھىنىڭ تەسىرىدە، مەملىكەت سىرتىدىكى تېخىمۇ كۆپ چياۋمىن قېرىنداشلار يۇرتنى سۆيۈپ، يۇرتقا تۆھپە قوشتى. ۋېنچاڭ شەھەرلىك خۇاچياۋ ئوتتۇرا مەكتىپى 1956 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، مەملىكەت سىرتىدىكى خۇاچياۋلار، شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ھەم ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى مەبلەغ توپلاپ قۇرغان. مەكتەپ قورۇسىدا، «ساپ قەلب چوڭقۇر مۇھەببەت، يۇرتقا تۆھپە قوشۇش» دېگەن خەتلەر ئويۇلغان خاتىرە تېمى كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى. تامدىكى ھەربىر ئىسىم ھەم ئىش ئىزلارغا نۇرغۇن چياۋمىن قېرىنداشلارنىڭ يۇرتنىڭ مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىسى خاتىرىلەنگەنىدى.
ۋېنچاڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 1987 - يىلىدىن 2024 - يىلىغىچە، ۋېنچاڭغا مەملىكەت سىرتىدىكى ۋېنچاڭلىق يۇرتداشلار، شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ئىئانە قىلغان مەكتەپ باشقۇرۇش سوممىسى 500 مىليون يۈەندىن ئاشقان، ئوقۇتۇش بىناسى، كۇتۇپخانا، ئىلىم - پەن سارىيى، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ياتاق بىناسىدىن 500دىن ئارتۇقى يېڭىدىن قۇرۇلغان، كېڭەيتىپ قۇرۇلغان ھەم نۇرغۇن ئوقۇتۇش ئۈسكۈنە - ئەسلىھەلىرى تولۇقلاپ سەپلىنىپ، ۋېنچاڭدىكى ئوقۇغۇچىلارغا ياخشى ئۆگىنىش، تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىپ بېرىلگەن.
ۋېنچاڭ شەھىرى چاڭسا بازارلىق خۇاچياۋ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى خەن دەن مۇنداق دېدى: «مەنمۇ بۇنىڭدىن كېيىن بۇ چياۋمىن قېرىنداشلارغا ئوخشاش ئۆگىنىشتە ئۇتۇق قازىنىپ يۇرتۇمغا قايتىپ كېلىپ، يۇرتۇمنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن».
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خەيكوۋ، 7 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى)