□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى
ماركسىزم دۇنيانى تونۇش، دۇنيانى ئۆزگەرتىشتىكى ئىلمىي ھەقىقەت، بىزنىڭ پارتىيە قۇرۇش، دۆلەت قۇرۇش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشىمىزدىكى تۈپ يېتەكچى ئىدىيە بولۇپ، پارتىيەمىزنىڭ روھى ۋە بايرىقى.
ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋېلىش» مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «ماركسىزملىق ئىلمىي نەزەرىيە يېتەكچىلىكىگە ئىگە بولۇش پارتىيەمىزنىڭ روشەن سىياسىي خىسلىتى ۋە قۇدرەتلىك سىياسىي ئەۋزەللىكى»، ئۇ، پۈتۈن پارتىيە جەزمەن «ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش»ى كېرەك، دەپ تەكىتلىدى، ئۇ پۈتۈن پارتىيەدىن «يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ دۇنيا قارىشى ۋە مېتودولوگىيەسىنى ياخشى ئىگىلەپ، ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن مەيدان، قاراش، ئۇسۇلدا ياخشى چىڭ تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، يېڭى دەۋر ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىش»نى تەلەپ قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيۋىلىككە، نەزەرىيەۋىلىككە، يېتەكچىلىككە ئىگە بولۇپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چۈشىنىپ ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك سەگەكلىكنى ساقلاپ، ئىشەنچ ۋە كۈرەش ئىرادىسىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشنىڭ يېپيېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىشتا مۇھىم، زور يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئەمەلىيەت بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نېمە ئۈچۈن قابىل، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نېمە ئۈچۈن ياخشى، تېگى ـ تەكتىدىن ئېيتقاندا، ماركسىزم يارايدۇ.» ماركسىزم شۇنىڭ ئۈچۈن يارايدۇكى، پارتىيە ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتتى ھەم ئۇنىڭ بىلەن ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلدى. پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلەت ئىچى ـ سىرتى ۋەزىيىتىدىكى يېڭى ئۆزگىرىش ۋە ئەمەلىيەتنىڭ يېڭى تەرەققىياتى بىزنىڭ بىر قاتار مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىشىمىزگە جىددىي ئېھتىياجلىق بولدى. يولداش شى جىنپىڭ ئاساسىي ۋەكىللىكىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلغاندىن بۇيانقى تارىخىي تەجرىبىلەرنى چوڭقۇر خۇلاسىلەپ ۋە ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلىنىپ، يېڭى ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى تىكلىدى، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشتىكى يېڭى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى، تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھاسىل قىلىنىشى تۈپ نېگىزىدىن ئېيتقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى بولۇش سۈپىتى بىلەن رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن بولدى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى.
بىر مىللەتنىڭ دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىشىدا، نەزەرىيەۋى تەپەككۇر بىر دەقىقىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ، توغرا ئىدىيە يېتەكچىلىكى بىر دەقىقىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېڭى دەۋردە قانداق جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا قانداق چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، قانداق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان كۈچلۈك دۆلەتنى قانداق قۇرۇش، قانداق ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان ماركسىزملىق سىياسىي پارتىيە قۇرۇش، ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان ماركسىزملىق سىياسىي پارتىيەنى قانداق قۇرۇش قاتارلىق مۇھىم، زور دەۋر تېمىلىرىغا چوڭقۇر جاۋاب بېرىپ، جۇڭگونىڭ سوئالى، دۇنيانىڭ سوئالى، خەلقنىڭ سوئالى، دەۋرنىڭ سوئالىغا ئىلمىي جاۋاب بېرىپ، سىستېمىسى مۇكەممەل، لوگىكىسى پۇختا، ئىچكى خاس مەزمۇنى مول، ئىچكى بىردەكلىككە ئىگە ئىلمىي نەزەرىيە سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى، بۇ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ پۈتۈن ئەمەلىيىتىدە بارلىققا كەلگەن نەزەرىيە جەۋھىرى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدىغان ئىلمىي كۆرسەتمە، ئەمەلىيەتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەن، ئەمەلىيەت ئۇلۇغ كۈچىگە باي قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، پارتىيەمىز پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يېڭى دەۋرنىڭ يېڭى شانلىق سەھىپىسىنى ياراتتى، سوتسىيالىستىك جۇڭگو تېخىمۇ ھەيۋەتلىك قىياپەت بىلەن دۇنيانىڭ شەرقىدە قەد كۆتۈردى. تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدى ھەم داۋاملىق ئىسپاتلايدۇكى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى زامانىمىزدىكى جۇڭگو ماركسىزمى، 21 ـ ئەسىر ماركسىزمى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ۋە جۇڭگو روھىنىڭ دەۋر جەۋھىرى. پارتىيە ۋە دۆلەت جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرىدىغان يېتەكچى ئىدىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن مەنىۋى بايراقنى ئېگىز كۆتۈردى، ئۇ مۇقەررەر جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىش تارىخى، ماركسىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخى ۋە ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئالغا بېسىش تارىخىدا تېخىمۇ شانلىق ھەقىقەت نۇرىنى چاچقۇسى.
ئەمەلىيەت تەرەققىياتىنىڭ مەڭگۈ چېكى بولمايدۇ، بىزنىڭ ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشىمىزنىڭمۇ مەڭگۈ چېكى بولمايدۇ. زامانىمىزدىكى جۇڭگو ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ بۈيۈك ھەم ئۆزگىچە بولغان ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئېغىر بولۇش، زىددىيەت، خەۋپ ـ خەتەر، خىرىس كۆپ بولۇش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىنىقى زور بولۇشنىڭ ھەممىسى مىسلىسىز، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنىڭ چوڭقۇر ئۆزگىرىشى مىسلىسىز بولۇپ، جىددىي جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك نۇرغۇن نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت تېمىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىش يېڭى مۇساپىسىدە، جەزمەن شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ماركسىزملىق مەيدان، قاراش، ئۇسۇل ئارقىلىق دەۋرنى كۆزىتىپ، دەۋرنى ئىگىلەپ، دەۋرنى يېتەكلەپ، ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ دەۋر ئەھمىيىتى، نەزەرىيە ئەھمىيىتى، ئەمەلىيەت ئەھمىيىتى، دۇنياۋى ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، روھىي ماھىيىتى، مول ئىچكى خاس مەزمۇنى، ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، چۈشىنىپ ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. ماركسىزمدا چىڭ تۇرۇش بىلەن ماركسىزمنى راۋاجلاندۇرۇشنى تېخىمۇ ياخشى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ماركسىزم «ئوقى» ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى جۇڭگودىن ئىبارەت «نىشان»نى كۆزلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، ماركسىزمدا تېخىمۇ كۆپ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىك، جۇڭگوچە ئۇسلۇب، جۇڭگوچە سالاپەتنى نامايان قىلىپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈش كېرەك.
ماركسىزم جۇڭگونى چوڭقۇر ئۆزگەرتتى، جۇڭگومۇ ماركسىزمنى ئىنتايىن زور دەرىجىدە بېيىتتى. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ماركسىزمنىڭ ھازىرقى دەۋردىكى زور تەرەققىياتىغا ئىجادىي خاراكتېرلىك، ئومۇميۈزلۈك، تارىخىي خاراكتېرلىك تۆھپە قوشتى. زامانىمىزدىكى جۇڭگودا، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرغانلىق ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرغانلىق ماركسىزمدا ھەقىقىي چىڭ تۇرغانلىق ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرغانلىق، ئىلمىي سوتسىيالىزمدا ھەقىقىي چىڭ تۇرغانلىق ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرغانلىق ھېسابلىنىدۇ. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، ماركسىزم، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈشتە تەۋرەنمەي، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇشتا تەۋرەنمەي، قارا بۇلۇتلار ئارىسىدا توغرا يۆنىلىشنى پۇختا ئىگىلەپ، خەۋپ ـ خەتەر، خىرىس ئالدىدا جاسارەت ۋە پاراسەتنى چېنىقتۇرۇپ، باشتىن ـ ئاخىر يېڭى دەۋر يېڭى مۇساپىدە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىدا تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئىشەنچى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، بوران ـ چاپقۇنغا قارىماي، قەيسەرلىك بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىسەكلا، بىز چوقۇم يېڭى تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى يارىتالايمىز.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)