ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 7 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق 13 ـ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 34 ـ قېتىملىق يىغىنى يېپىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شەۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.
دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەردىن 57 كىشى يىغىنغا قاتناشتى، بۇ، قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.
يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ يەر باشقۇرۇش قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسى قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئوت مۇداپىئە نىزامى، ئاپتونوم رايوننىڭ ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش نىزامى قاتارلىقلار ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يەر ئاستى ئۇنىۋېرسال تۇرۇبا كارىدورىنى باشقۇرۇش نىزامى» «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى توختىتىش مەيدانلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى» «قۇلىستاي ئوتلىقىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش نىزامى» «چۆچەك شەھىرىنىڭ دەريا ئېقىنى ئېكولوگىيەسىنى قوغداش نىزامى» «قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شەھەرنى پار بىلەن تەمىنلەشنى باشقۇرۇش نىزامى»نى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارارى، 2021 ـ يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك نەق چوتىنى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى رېۋىزىيە ۋە ئەدلىيە كومىتېتى، مالىيە ـ ئىقتىساد كومىتېتى، جەمئىيەت قۇرۇلۇشى كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 13 ـ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 ـ يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى قاراپ چىقىشقا تاپشۇرغان ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ لايىھەسىنى قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئايرىم ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ جارۇللا ھېسامىدىننىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسىلىك ۋەزىپىسىدىن سورىغان ئىستېپاسىنى قوبۇل قىلىش توغرىسىدىكى قارارى، قەيسەر ئابدۇكېرىمنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 13 ـ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسىلىق، خەلق قۇرۇلتىيى رېۋىزىيە ۋە ئەدلىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسىلىق ۋەزىپىسىدىن سورىغان ئىستېپاسىنى قوبۇل قىلىش توغرىسىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى؛ كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ـ قالدۇرۇش ئىشلىرى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.
يىغىندا، يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن ئاپتونوم رايوننىڭ دۆلەت خىزمەتچىلىرىگە تەيىننامە تارقىتىپ بېرىلدى ھەم ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكى، فۇنكسىيە ئەۋزەللىكى، خىزمەت ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يەرلىك نىزام چىقىرىش ئارقىلىق قانۇنچىللىق كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نازارەتچىلىكى ئارقىلىق پارتىيەنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئارقىلىق قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك. ئۆز قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئۆز قۇرۇلۇشىدىكى يېڭى نەتىجىلەر ئارقىلىق خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يېڭى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق ـ ئىناق، ئاۋات ـ باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال ـ خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن لى شۆجۈن، سارقىت ئاقان، دۇڭ شىنگۇاڭ، جاۋ چىڭ، قادىلبېك قامزا، سو يۆ، لى نىڭپىڭ، توختى ياقۇپ، مۇقىيات جارمۇقامەت، باش كاتىپ مۇتەللىپ روزى يىغىنغا قاتناشتى.
ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ليۇ سۇشې، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى باھارگۈل سەمەت، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى لى يۇڭجۈن، ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداش، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىرى، ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلار، دائىمىي كومىتېت خىزمەت تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، ھەرقايسى ئوبلاستلىق، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى، ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتلىرى، بىڭتۇەن خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتى، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ھەرقايسى ناھىيە دەرىجىلىك شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قىسمەن ۋەكىللىرى ھەمدە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.
7 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 170 ـ قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنىدا دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ تۈرلۈك قارالمىلىرىغا قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، دائىمىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇشقا تاپشۇرۇلىدىغان تەكلىپلەر قارار قىلىندى.