ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ نا خەۋەر قىلىدۇ: 7 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى، جۇڭگو دېھقان ـ ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 6 ـ قۇرۇلتىيى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى.
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو دېھقان ـ ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى خې ۋېي سىندا تەبرىك سۆزى قىلىپ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو دېھقان ـ ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى شىنجاڭ 5 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلار ۋە كەڭ دېھقان ـ ئىشچىلار پارتىيەسى ئەزالىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ۋەزىپە ـ مەسئۇلىيىتىنى پۇختا ئادا قىلدى، نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئەرزىيدۇ. يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ كەلگۈسى بەش يىللىق خىزمەتلەرنى ئىلمىي پىلانلاپ، ساھە ئايرىمىسى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ساغلام شىنجاڭ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، ئىتتىپاق ـ ئىناق، ئاۋات ـ باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال ـ خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ تەبرىك سۆزىدە مۇنداق دېيىلدى: يېڭى بىر نۆۋەتلىك جۇڭگو دېھقان ـ ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتناشقۇچى سىياسىي پارتىيە بولۇش فۇنكسىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئادا قىلىپ، دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پائال چارە ـ تەدبىر كۆرسىتىپ، دېموكراتىك نازارەتچىلىكنى چوڭقۇر، ئەمەلىي ئىشلەپ، كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ئىشلىرىدا يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىپ، ئەلا نەتىجىلىرى ئارقىلىق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
قۇرۇلتايدا جۇڭگو دېھقان ـ ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 5 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە 6 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ قارارى قاراپ چىقىلدى ھەم ماقۇللاندى، مېڭ چىڭسەي مۇدىر ئەزالىققا سايلاندى، جياڭ چىشىن، گۇڭ جۇڭچېڭ، ۋۇ ۋېيدۇڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزالىققا سايلاندى؛ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىچكى نازارەتچىلىك كومىتېتىدىكىلەرنىڭ ئىسىملىكى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى، جۇڭگو دېھقان ـ ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى 17 ـ قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەر سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى زۇمرەت ئوبۇل يىغىنغا كېلىپ، ئالاقىدار تەبرىك سۆزىنى ئوقۇدى. سۈن خۇڭمېي، ئىلھام سابىر قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتى ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە ـ گۇرۇھلارنىڭ شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىگە ۋاكالىتەن تەبرىك سۆزى قىلدى.