ئۆز خەۋىرىمىز ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئارمىيە ـ ھۆكۈمەت، ئارمىيە ـ خەلق ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «1 ـ ئاۋغۇست» مەزگىلىدە ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش، ئائىلە تەۋەلىرىگە ئېتىبار بېرىش، ھۆكۈمەتنى ھىمايە قىلىش، خەلقنى سۆيۈش خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، ھال سوراش ئۆمىكى تەشكىللەپ، قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈپ، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملار ۋە نەپىقە بېرىش ئوبيېكتلىرىدىن ھال سوراپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىنى يەتكۈزدى.
ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز، لى يىفېي، خې جۇڭيوۋ، ياڭ چېڭ، جاڭ جۇ، تيەن شياڭلى، قادېن كەبىن، ليۇ سۇشې قاتارلىقلار ئايرىم ـ ئايرىم ئۆمەك باشلاپ ھال سورىدى.
ئاپتونوم رايوننىڭ ھال سوراش ئۆمىكىدىكىلەر دۆلىتىمىزدىكى دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز بولغان كاڭشىۋا ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا كېلىپ، ۋەتەننى قوغداپ، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلغان قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارغا گۈلچەمبىرەك تەقدىم قىلدى؛ شىنجاڭ ھەربىي رايونى، ھاۋا ئارمىيەسى ئۈرۈمچى بازىسى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى قاتارلىق شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملارنىڭ ئورگانلىرى ۋە ئاساسىي قاتلامدىكى ئورۇنلارنى زىيارەت قىلىپ، گازارمىغا كىرىپ بىرىنچى سەپتىكى ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەرنىڭ مەشىق، تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەر بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، باش شۇجىنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە كۆڭۈل بۆلۈشى، كۆيۈنۈشىنى ئېگىزلىكتە چىڭ تۇرۇۋاتقان، بىرىنچى سەپتە چىڭ تۇرۇۋاتقان خەلق پەرزەنت ئەسكەرلىرىگە يەتكۈزدى.
ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز قاتارلىقلار ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت ھەم پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملاردىكى ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەرگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى، چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى. ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز مۇنداق دېدى: ئۇزاقتىن بۇيان، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملاردىكى ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەر چېگرا رايوننىڭ 1 ـ سېپىدە چىڭ تۇرۇپ، قار ـ مۇزلارنى كېچىپ، تەبىئەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، جاپا ـ مۇشەققەت، خەۋپ ـ خەتەردىن قورقماي، قۇربان بېرىشتىن قورقماي، جاپالىق مۇھىت ۋە مۇرەككەپ كۈرەشنىڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرىپ، ياشلىق باھارى ۋە ئىسسىق قېنى بىلەن ۋەتەننىڭ مۇقەددەس زېمىنىنى قوغداپ، ساداقىتى ۋە تۆھپىسى بىلەن خەلقنىڭ بەختى، تىنچلىقى ـ خاتىرجەملىكىنى قوغداپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى قالتىس ئورۇنداپ، چېگرا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش ۋە مۇستەھكەملەش، شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشتى، ئۇلار يېڭى دەۋردىكى ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەر بولۇشقا مۇناسىپ.
ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، بىر قاتار مۇھىم سۆز قىلدى، بىر قاتار مۇھىم يوليورۇق بەردى، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملاردىكى ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەر ۋەكىللىرىنى سەمىمىي قوبۇل قىلىپ، ئېنىق خىزمەت تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. كۆپچىلىكنىڭ شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، قاراقۇرۇم روھى ۋە ھۆكۈمەتنى ھىمايە قىلىش، خەلقنى سۆيۈشتەك شەرەپلىك ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قەھرىمانلارنىڭ تۆھپىسىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، مەنىۋى قان تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئەسكەرلەرنى پائال مەشىقلەندۈرۈپ ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىپ، قىسىملار نۇقتا بەلگىلەپ ياردەم قىلغان ـ يۆلىگەن كەنتلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى جىپسىلاشتۇرۇش، قوللاش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، «1 ـ ئاۋغۇست ئەيمىن مەكتىپى»، چېگرا رايوندىكى «خەلققە نەپ يەتكۈزۈش پونكىتى» قاتارلىقلارنى ياردەم بېرىپ قۇرۇش ھەرىكىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە خەلققە بەخت يارىتىدىغان پايدىلىق ئىشلارنى قىلىپ، ئورۇنلىشىپ شىنجاڭنى قوغداپ، شىنجاڭنى قىزغىن سۆيۈپ، شىنجاڭنى قوغداپ، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ھەم ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما قىسىم قۇرۇلۇشىنى قوللاشنى داۋاملىق باش تارتمايدىغان مەسئۇلىيىتى قىلىپ، ئىككىنى ھىمايە قىلىش بويىچە ئورتاق بەرپا قىلىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىغا ئىلگىرىكىدەكلا داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇنى قوللاپ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملاردىكى ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەر ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىپ، ھەربىيلەر ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ نوپۇس ئورنىتىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، پەرزەنتلىرىنى مەكتەپ يۆتكەش، ئوقۇشقا كىرگۈزۈش قاتارلىق قىيىنچىلىق، مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئارمىيە ـ ھۆكۈمەت، ئارمىيە ـ خەلق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قويۇقلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيە ـ ھۆكۈمەت، ئارمىيە ـ خەلق ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ، گۈزەل شىنجاڭنى ئورتاق قۇرۇپ چىقىدۇ.
ھال سوراش جەريانىدا، ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز قاتارلىقلار يەنە قىسىملار تۇرۇشلۇق جايغا كېلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى، چېگرا بويىدىكى كەنت ـ بازار قۇرۇلۇشى، ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش، ئارمىيە ـ خەلق ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىگىلىدى.